2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سەھىي بۇخارى ۋە مۇسلىم تەنقىدتىن خالى بولالمىدى» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

«سەھىي بۇخارى ۋە مۇسلىم تەنقىدتىن خالى بولالمىدى» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

ھەدىس پەنلىرى ساھەسىدە «ئىمام بۇخارى» ۋە «ئىمام مۇسلىم» چاقنىدى، ئۇلارنىڭ كىتاۋى ئالى ماقامدىن ئورۇن ئالدى. سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەت (ھەدىس)نى ئۆرۈپ ئاندىن قۇرئاننى ئۆرۈش ئۈچۈن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا ھۇجۇم قىلدى ۋە قىلماقتا. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئىككى سەھىي ھەدىس كىتابىنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ ئىككى سەھىي ھەدىس كىتابىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتسە سۈننەتنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۈممەتنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈشتىكى نىجىس مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار سۈننەتنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا تەنە قىلىشىدۇ…

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئاقماس داۋاسىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن «بۇخارى ۋە مۇسلىم بەزى ھەدىسشۇناسلارنىڭ تەنقىدىدىن خالى بولالمىغان» دېگەن داۋانى تەكرارلىشىدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىمنى ئىشەنچىسىز قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئۇ ئىككى كىتابنى تۆشۈكى چوڭ ئەگلەكتە خالىغانچە تاسقاش ئۈچۈن بەزى ئالىملارنىڭ تەنقىدلىرىدىن بۇخارى ۋە مۇسلىمغا تەنە قىلىش ۋە شۇبھە قوزغاش ئېغىزىنى پەيدا قىلىشىدۇ.

بۇلار سەھىي بۇخارىدا قۇرئانغا زىت، ئەقىلگە خىلاپ، ئەمەلىي رېئاللىققا قارىشى، يەھۇدى ۋە خرىستىئانلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئۇيغۇن ۋە خالىس خۇراپىي ھەدىسلەر بار دەپ داۋا قىلىشىدۇ.

 

بۇ شۇبھىگە بىر قانچە نۇقتىدىن جاۋاب:

 

1.بۇخارى ۋە مۇسلىم قۇرئان كەرىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدىغان كىتاب، ئۈممەت ئومۇميۈزلۈك بۇ كىتابنى قوبۇل قىلدى ۋە رازى بولدى، قۇرئان كەرىمدىن كېيىنلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدا ئۇ ئىككى كىتابقا تايىنىشقا بىرلىككە كەلدى، خۇددى ھەدىس شەرىپتە بايان قىلىنغاندەك «ئۈممەت ئازغۇنلۇق ۋە خاتالىققا ھەرگىز بىرلىككە كەلمەيدۇ».

2.بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرى ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان تەنقىدچىلىك ھەرىكىتى 210 ئەتراپىدىكى ھەدىسلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە پەيدا قىلدى. تەنقىدكە ئۇچرىغان بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىچىدە 78 ھەدىس سەھىي بۇخارىنىڭ ھەدىسى، 132 ھەدىس سەھىي مۇسلىمنىڭ ھەدىسىدۇر.

سەھىيي بۇخارى ۋە سەھىي مۇسلىمدا تەنقىدكە ئۇچرىغان بۇ ھەدىسلەر ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە بىردەك قاراشقا ئىگە ئەمەس، شۇنى بىلىش كېرەككى بۇ ھەدىسلەر ئىچىدە ئويدۇرما ھەدىس قەتئىي مەۋجۇد ئەمەس. ھەدىسشۇناسلاردىن بەزى تەنقىدچىلەر«مەزكۇر ھەدىسلەرگە قىلىنغان تەنقىد ئاجىز قائىدىلەرگە تايانغان، شۇڭا ھەدىسنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ« دەپ ئېلان قىلدى.

ھەدىسشۇناسلارنىڭ يېتەكچىسى «ئىبنى ھەجەر»  سەھىيي بۇخارىنىڭ شەرھىسى «پەتھۇل بارى»كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە «دارى قۇتنى» تەنقىد قىلغان ھەدىسلەرنى بىرمۇ-بىر بايان قىلىپ دارى قۇتنىغا رەددىيە بەرگەن ۋە بۇھەدىسلەرنىڭ سەھىييلىقىنى باشقا ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلىغان. ئىبنى ھەجەر بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىغان ھەدىسلىرىگە بىر بىرلەپ ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن، بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرى سەھىي ئەمەس دەيدىغان داۋا كۆمۈلۈپ يوقالغان.(بۇخارىنىڭ شەرھىسى «پەتھۇل بارى»نىڭ مۇقەددىمىسىگە قاراڭ).

بەزى ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقىدا سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا ھۆججەت يوق، بەلكى ئۇلارنىڭ قارشىسىغا پاكىت بار. سەۋەبى شۇكى ھەدىسشۇناسلار بۇ ئىككى ئىمامغا مۇقەددەس (يەنى خاتالاشمايدىغان) نەزەرى بىلەن قارىمىدى. سەھىيھەينىدىكى بەزى ھەدىسلەرگە قارىتا تەنقىدلىرى ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ نەزەرىدىكى سۈننەتنىڭ كۆز بويامچىلىق ۋە ئويدۇرمىچىلىقتىن خالى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. ھالبۇكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتنى ئويدۇرما ۋە يالغان دەپ تەشۋىق قىلماقچى بولىشىدۇ!

  1. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ «دارى قۇتنى» تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بەزى ھەدىسلىرى ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئۆزلىرى رىۋايەت قىلىش شەرتلىرىگە ئېسىلمىغانلىقى سەۋەبتىن بولغان، بۇ دېگەنلىك تەنقىدكە ئۇچرىغان شۇ ھەدىسلەر ئاجىز ياكى ئويدۇرما ھەدىسلەر دېگەنلىك بولمايدۇ. ھەدىسشۇناسلىقنىڭ سەنەد (ھەدسىنىڭ يېتىپ كېلىش يولى) ۋە مەتنى(ھەدسىنىڭ تېكىستى) ھەققىدە مۇتەخەسسىس ھېچ قايسى بىر ئالىم ئۇ ھەدىسلەرنى ئاجىز ياكى ئويدۇرما دەپ باقمىدى. بەلكى بەزى تەنقىد قىلغانلارنىڭ بەزىسى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىغان ھەدىسلىرى ھەدىسشۇناسلار نەزەرىدە ئىشەنچىلىك ۋە باشقا يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان دەپ باھا بېرىشتى.

دېمەك، بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى تەنقىد قىلغان ھەدىسشۇناس دارى قۇتنى «سەنەد» جەھەتتىن تەنقىد قىلغان، ھەرگىزمۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ۋە ماددىسى جەھەتتىن قىلغان ئەمەس. چۈنكى ھەدىسشۇناس دارى قۇتنى باھا بېرىشتە بەك چىڭ تۇرىدىغانلارنىڭ پىشۋاسىدۇر. ھېچ بىر ھەدىسشۇناس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ سەنەد جەھەتتىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بۇ ھەدىسلىرىنى قۇرئانغا زىت كېلىدۇ ياكى ئىسلامنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ، دەپ باقمىدى…

ھازىرقى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ياكى بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى ھەدىسلەردىن پۇتاق تاپقۇچىلار ھەدىسشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شەرقشۇناسلارنىڭ تەنىلىرى ۋە شۇبھىلىرىنى بىلىدۇ خالاس. ئەگەر بۇلار ھەدىسشۇناس سەنئانىنىڭ:«توضيح الأفكار» غا ئوخشاش ئاساسلىق كىتابلارغا قارىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ قەدرىنى بىلگەن بولاتتى ۋە قىرغىقى يوق چوڭقۇر دېڭىزغا خاتا كىرىپ سالغانلىقىنى ھېس قىلىشقان بولاتتى.

ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دىن ئىلىملىرى ئۆزلىرىنى يېڭىلىق ياراتقۇچى دەپ ئاتىۋالغان ساۋاتسىز، نادان ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ قۇيرۇقچىلىرىغا مۇباھ ئوت-چۆپكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ…

  1. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئەمىرى ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىغان ھەدىسلىرىنى، ھەدىسلەرنى تەنقىد قىلىش قائىدە-پرىنسپلرىغا سېلىپ بىر-بىرلەپ تەتقىق قىلغان مۇستەقىل بابنى كۆرۈپ چىقىشىنى ھاۋالە قىلىمىز.

ئۇلار بۇ بابقا قارايدىغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ بىلمەيدىغان خاتا يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئەگەر بىزنىڭ قارىشىمىز توغرا ئىدى، بۇخارى ۋە مۇسلىم ئويدۇرما ھەدىسلەرنى سەھىي دەپ خاتالاشقان دەپ قارايدىغان بولسا، بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرىدىن بەزى ھەدىسلەرگە ئويدۇرما ھەدىسلەر دەپ باھا بەرگەن قارىشىنى ئىنچىكە ئىلمى تەنقىد قىلىپ پاكىت كۆرسەتسۇن!

ئەگەر ئىلمى ئاساستا تەنقىد قىلىپ پاكىت كۆرسىتەلمىسە، ئۇلارنىڭ شۇبھە ۋە قۇرۇق گەپلىرى مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ ئاقماس داۋاسىدىن ئىبارەت.

  1. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى تەنقىد قىلغان ھەدىسشۇناسلار ھەدىسشۇناسلار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن قائىدە-پرىنسىپلارغا خىلاپ ھالدا تەنقىد قىلغان. ئۇلارنىڭ تايانغان قائىدىلىرى ھەدىسلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

بۇخارى ۋە مۇسلىمىدىكى بەزى ھەدىسلەرنى تەنقىد قىلغان ھەدىسشۇناس دارى قۇتنىنىڭ ئۆزىمۇ تەنقىد قىلغان ئۇ ھەدىسلەرنى ئاجىز دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئەڭ يۇقىرى سەھىي دەرجىسىدىن چۈشۈپ كەتتى دەپ قارىغان.

ھەدىسشۇناس «ئىمام نۇۋەۋى» بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ سەھىيلىقىغا ئىجمانى نەقىل قىلغان.(نۇۋەۋىنىڭ:«تهذيب الأسماء واللغات» ناملىق كىتابىنىڭ، 1- قىسىم، 73-بەتكە قاراڭ).

ئىمام نۇۋەۋى:بىر بۆلۈك ئادەملەر بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بەزى ھەدىسلىرىگە سەنەد جەھەتتىن پىكىر بايان قىلغان، دەيدۇ.

بۇخارىنىڭ شەرھىسى «فەيزۇلبارى»نىڭ مۇقەددىمىسىدە ھەدىسشۇناس «مۇھەممەد بەدرىدىن» مۇنداق دەيدۇ:«دارى قۇتنى بۇخارىنى تەكشۈرۈپ 100 نەچچە ھەدىسنى تەنقىد قىلغان، بىر ھەدىستىن باشقا ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىدە پەقەت سەنەد جەھەتتىنلا تەنقىد قىلالىغان».(فەيزۇل بارى، 57-بەت).

بۇخارىنى شەرھىلىگەن ھەدىسشۇناسلارنىڭ ھەممىسى دارى قۇتنىنىڭ تەنقىدىكە رەددىيە بېرىپ ماڭغان. بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى تەنقىدلىگەنلەرگە مەخسۇس رەددىيە سۈپتىدە ئون نەچچە پارچە ئەسەر يېزىلغان.

 

 

(بۇ ماقالە 2004- يىلى يېزىلغان).

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى