2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە تەۋھىدنىڭ ماھىيىتى

قۇرئاندىكى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى (2)

 

ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە تەۋھىدنىڭ ماھىيىتى

(1)

ئاللاھنىڭ بارلىقى

بۇ كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش تەبىئىي زۆرۈر مەسىلە، ئەقىل بۇ مەسىلىنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇ پاكىت كۆرسىتىشكە مۇھتاج بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. تارىخ بويى ھېچقانداق بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان ئەمەس. دىنسىز دەپ ئاتالغانلارمۇ قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان، بىراق ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.

ئىز ئىز قالدۇرغۇچىنىڭ بارلىقىغا پاكىت، ئەقىل بۇ نۇقتىنى ئاسان چۈشىنەلەيدۇ. ئەقىل ئىز قالدۇرغۇچىسىز بىرەر ئىزنى تەسەۋۋۇر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. قانداقمۇ مۇنچىۋالا پۇختا يارىتىلغان كاتتا كائىناتنى ياراتقۇچىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ئەقىلغا ئۇيغۇن بولسۇن؟!

كائىناتنىڭ يارىتىلىشى، كائىناتتىكى ئاجايىب تۈزۈم ۋە كائىنات بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلگەن ئىنسانغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كۆرۈنۈشلىرى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا چۈشىنىشلىك دەلىل:«ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقانمۇ؟ بەلكى ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە) ئىشەنمەيدۇ» (تۇر سۈرىسى، 35،36-ئايەتلەر).

ئىنساننىڭ ساپ خاراكتېرى چىن قەلبىدىن بۈيۈك ھەقىقەتنى شەكسىز تولاپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنى گىن ۋاقتىدىلا ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان قىلىپ ياراتقان. ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاللاھ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەن تەبىئي خاراكتېر. تەۋھىد ئەقىدىسى ئىنساننىڭ ئەسلى خاراكتېرى بىلەن ئىنسانلارنى ياراتقۇچى زات ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىدىن ئىبارەت:«توغرا دىن ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان ساغلام خاراكتېرىدە ياراتقان. ئاللاھ ياراتقان ساغلام توغرا خاراكتېرنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، مانا مۇشۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ» (رۇم سۈرىسى، 30-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ:«ھەر بىر بوۋاق ياراتقۇچى ئاللاھنى تەبىئي تونۇيدىغان خاراكتېر بىلەن يارىتىلىدۇ. ساپ تەبىئىيىتى ئاللاھنى تونۇيدىغان بۇ بالىنى ئاتا-ئانىسى يا يەھۇدى قىلىۋېتىدۇ، يا خرىستىيان قىلىۋېتىدۇ ياكى ئوتقا چوقۇنىدىغان قىلىپ قويىدۇ»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ياكى مۇسۇلمان قىلىۋېتىدۇ، دېمىگەن. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ساپ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

تەبىئىي ساپ ۋىجدان تۇيغۇسى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا راستچىل پاكىتلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. ھاياتىمىزدا تەبىئي خاراكتېرنىڭ مىساللىرى كۆپ. مەسىلەن، بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپلا بىرەر ئادەم ئۈگەتمىسىمۇ ياكى ئەقلى ياكى ھېسسى پاكىت ھېس قىلماستىن ئانىسىنى ئېمىشكە ئىنتىلىشى، ئانىنىڭ بالىسىغا قارىتا ئانىلىق ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈك بولىشى، قورساقنىڭ تەبىئي ئېچىشى دېگەندەك ئىشلار ئىنساندىكى تەبىئي خاراكتېرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. بىزدە روھ (ھاياتلىقنىڭ سىرى) نىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز، ئۇنى ھېسسى ئەزالىرىمىز بىلەن ھېس قىلمىساقمۇ مۇداپىئە قىلىمىز. ئىچكى دۇنيايىمىزدا مۇھەببەت، نەپرەت، ئارزۇ ۋە يامان كۆرۈشكە ئوخشاش تۇيغۇلارنىڭ بارلىقىنى تەبىئي ھېس قىلىمىز. بىر نەرسىگە كۆڭلىمىز تارتىدۇ، ئەلەم ياكى خۇرسەنلىك ھېس قىلىمىز…

ئىنساننىڭ ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى، ئۇنىڭ ياردىمىگە دائىم ئىنتىلىشى ئىنساندىكى تەبىئي راستچىل تۇيغۇلارنىڭ قاتارىدىن. بۇ تەبىئي تۇيغۇلاردا بارلىق ئىنسانلار قانداق سەۋىيىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئورتاق. ئاللاھ ئىنسانلارنى مۇشۇنداق تۇيغۇدا ياراتقان:«ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىمان ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش تۇيغۇسى بىلەن ياراتقان» (بەقەر سۈرىسى، 138-ئايەت).

كائىناتنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان مۆجىزە. بىراق ئىنسان بەزىدە بۇ ھەقىقەتتىن غاپىل قالىدۇ، بەزىدە تەرسالىق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ غاپىل قالىدۇ، شۇڭا غاپىللىقتىن ئويغىتىدىغان ۋە تەرسالىقىنى يۈگەنلەيدىغان يېڭى بىر نەرسىگە مۇھتاج بولىدۇ. مانا مۇشۇ يەردە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تەمسىل قىلىدىغان كائىنات قانۇنىيىتىدىن تاشقىرى بولغان مۆجىزە پەيدا بولىدۇ. نورمال ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.

كائىنات ۋە ھاياتتا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەرسىلەر ھەممە نەرسىلەردە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ساپ خاراكتېرگە ئىگە ساغلام ئەقىل ئىگىسى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

 

(2)

تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ ماھىيىتى

بىز ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن ئېنىق مۇنازىرە قىلمىغانلىقىنى، سەۋەبى بۇ مەسىلىنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىشقا ئېھتىياجنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق.

ئىنسانىيەت تارىخىدا ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىش كۆرۈلمىگەن، بەلكى ياراتقۇچى ئىلاھنى بىر قانچە دەپ قارايدىغان خاتا ئەقىدە قاراشلىرى بار ئىدى. قۇرئان كەرىم ئىلاھنى بىر قانچە دەپ قارايدىغان مانا مۇشۇ خاتا ئېتىقاد قارىشىنى ھەل قىلغان. ئىسلام نەزىرىدە ياراتقۇچىنى قوش ياكى بىر قانچە دەپ قاراش ساغلام تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان شېرىك ۋە زۇلۇم دەپ قارىلىدۇ. ئىسلام دىنى بۇ چوڭ زۇلۇمنى يوقىتىش ۋە كىشىلەرنى تەۋھىدنىڭ سۈزۈك ھالىتىگە تارتىپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى شۇنىڭغا قاراتقان. قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى بىر سۈرىسىگە قارىسىڭىز ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىقى تەكىتلەنگەن ۋە شېرىككە قارىشى پاكىتلار كەلتۈرۈلگەن. ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى تەۋھىد ئەقىدىسىنى تونۇتۇش دەپ بەلگىلىگەن

قۇرئان كەرىم تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە تەۋھىدنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇرغان. قۇرئانغا نەزەر تاشلىغان كىشى 5 نۇقتىنىڭ تەۋھىد مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ:

1.ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكى. يەنى ئاللاھ بارلىق كائىناتنى ياراتقۇچى، ئىنساننى ياراتقۇچى، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى؛ ھايۋانلارنى، سۇلارنى، زىرائەتلەرنى ۋە بارلىق نېمەتلەرنى ياراتقۇچىدۇر.

ئاللاھ يەككە-يېگانە زاتتۇر. يەنى ھەقىقى ئىلاھ دېگەن بىر قانچە بولمايدۇ، شۇڭا كامالەت ۋە ئۇلۇغلۇقتا ئاللاھنىڭ زاتىغا ئوخشايدىغان بىرەر نەرسە مەۋجۇد ئەمەس. ئاللاھنىڭ زاتى بىر قانچە زاتلاردىن تەركىپ تاپقان ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ دادىسى ياكى بالىسى يوق، ئاللاھ بىر نەرسىگە چۈشمەيدۇ ياكى بىرەر نەرسە بىلەن بىرىكمەيدۇ:«ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھغا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر» (مۆمىنۇن سۈرىسى، 91،92-ئايەتلەر)

2.كائىناتنىڭ ھەقىقى ئىگىدارچىلىقى پەقەت ئاللاھغا خاس. ئاللاھ ياراتقۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى. باشقا مەخلۇقلارنىڭ قول ئىلكىدىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، بۇ مۈلۈكلەرنى ئاللاھ ئىنسانلارغا بويسۇندۇرۇپ نېمەت سۈپتىدە ئاتا قىلغان.

3.ھۆكۈم، قانۇن، بۇيرۇش ۋە چەكلەش ئىشلىرىدا ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر. كائىنات ئىختىيارسىز ھالەتتە ياراتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ماڭىدۇ. ئىختىيارلىق بىرىلگەن ئىنسان ياراتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مېڭىشى زۆرۈر. چۈنكى ياراتقۇچىدەك ئىلغار قانۇن ۋە يوليۇرۇق بېرەلەيدىغان مەخلۇق مەۋجۇد ئەمەس.

4.ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھغا قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق بويسۇنۇش ياراتقۇچى ۋە قانۇننى يولغا قويغۇچى ئاللاھغا خاس. يالغۇز ئاللاھغا بويسۇنۇش تەبىئىي ئەھۋال. خالىس ۋە سەمىمىي ئىبادەت تەۋھىدنىڭ ئەمەلىي تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم خالىس ئىبادەت نۇقتىسىغا بەك مەركەزلەشتۈرگەن. قۇرئاندا ئىبادەت پەقەت ئاللاھنىڭ ھەققى دېگەن ئايەت 272 قېتىم تەكرارلانغان.

قۇرئان كەرىم مۇنداق دەيدۇ:«(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە:«مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (ئىبادەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھەقىقى ئىلاھ)يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى،25-ئايەت).

يەنە:«ئۇلار(پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق)پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا(يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھدىن باشقا) ھېچ مەبۇد(بەرھەق)يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر» (تەۋبە سۈرىسى، 31-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش غايىسىنى ئىبادەت دەپ بىكىتكەن:«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» (زارىيات سۈرىسى، 56-ئايەت).

ھەقىقى ئىبادەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشقا ئەرزىيدىغان زات پەقەتلا ئاللاھدۇر، شۇڭا ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلىش، تۇزكورلۇق قىلماي تەشەككۈر ئېيتىش ۋە ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇش لازىم.

ئىبادەت ئاللاھقا خالىس بولىشى، رىياخورلۇقتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاللاھدىن باشقىسىغا قىلىش توغرا بولمايدۇ. سېغىنىپ ياردەم سوراشنى ئاللاھقا قىلىش، تەۋەككۈلنىمۇ ئاللاھقا قىلىش، دۇئانىمۇ يالغۇز ئاللاھقا قىلىش ۋە قان قىلسىمۇ پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن قان قىلىش…لازىم.

ئىسلامدىكى ئىبادەت ئاتالغۇسى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي ئىسىمدۇر. مەسجىتنىڭ مىھرابىدىكى ئىشلار ئىبادەت. شۇنداقلا ئادالەت، ئىشلارنى پۇختا قىلىش ۋە زۇلۇمنى يوقىتىشقا ئوخشاش ھايات مىھرابىدىكى ئىشلارمۇ ئىبادەتتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت قىلىش، ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كائىناتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ھاياتنى ئىسلاھ قىلىش دەپ كەلگەن.

5.ئاللاھ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىدىمۇ يەككە-يېگانىدۇر. ئاللاھنىڭ بارلىق سۈپەتلىرى مۇتلەق كامالەتكە ئىگە سۈپەتلەردۇر. ياراتقۇچىنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن مەخلۇقنىڭ سۈپەتلىرى ئارىسىدا ئوخشاشلىق مەۋجۇد ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ مەخلۇقلارغا ھېچقايسى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئەيىب-نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە:«ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (شۇرا، 11-ئايەت).

ئاللاھ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىمۇ يېگانىدۇر ۋە مەخلۇقلاردىن بېھاجەتتۇر. زامان ۋە ماكانغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان زاتتۇر. شۇڭا ياردەم ياكى ھەمكارلىق ياكى ئورتاقلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ، كائىناتتىكى ھەر بىر نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەسىرىدۇر.

ئاللاھ ئۆزىنى بەزى ئىسىم-سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ بىزگە تونۇشتۇردى، بۇ سۈپەتلەر پەقەت ئاللاھغا خاس، ئۇنى مەخلۇقلارغا ئىستىمال قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. مەسىلەن، «ئاللاھ» ياكى «رەھمان» دېگەندەك ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش ئەقىدىسى.

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىشارەت قىلىپ تەۋھىد مەسىلىسى ۋە ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دەلىل كۆرسىتىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. چۈنكى كائىنات ياراتقۇچىنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. كائىنات ھېسسى نەرسە، ھېچقانداق بىر مەخلۇق كاپىر بولسىمۇ ئاسمان-زېمىننى مەن ياراتتىم دەپ دەۋا قىلىپ باقمىدى. كائىنات ھەرىكىتىنى ئىدارە قىلىۋاتقان قانۇنىيەت بىر. ئۇنداقتا بۇ قانۇنىيەتنى يولغا قويغۇچىنىڭ بىرلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كائىنات پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قانۇنىيىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمىگەنلىكى ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنىڭ دەلىلى. كائىنات ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان، ھەممىگە قادىر ۋە يەككە-يېگانە ئىرادىگە ئىگە ئەبەدىي بىر زات تەرىپىدىن مەۋجۇتلۇققا كەلگەن. ئەگەر كائىناتتا ئاللاھدىن باشقا بىرەر ئىلاھ مەۋجۇد بولىدىغان بولسا كائىنات قانۇنىيىتى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولار ئىدى، تۈگىمەس توقۇنۇشلار پەيدا بولغان بولاتتى.

دېمەك، ھاياتنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبى ھۆكۈم ۋە ئىتائەت ئىشلىرىدا ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر، ئىنسانلار ئارىسىدا يۈز بىرىۋاتقان ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبى ياراتقۇچىدىن ئىبارەت بىر ھاكىمغا تايانمىغانلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرمەكتە:«ئەگەر ئاسمان-زېمىندا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر» (ئەنبىيا سۈرىسى، 21،22-ئايەتلەر).

(ئىلاھ پەقەتلا بىر ئەمەس، ئىلاھ دېگەن بىر قانچە بولىدۇ) دەپ قارايدىغان مۇشرىكلارنىڭ ئىلمىي پاكىتلىق دەلىلى يوق. بۇلار دەۋاسىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي دەلىل كەلتۈرەلمىگەن. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولمىغان ئىكەن، ئۇ چاغدا مۇشرىكلارنىڭ دەۋالىرى ئىناۋەتسىز ۋە تۈرلۈك ئىلاھلىرى قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم مۇشرىكلارنىڭ: بۇتلار، قوياش ۋە يۇلتۇزلار، پەرىشتە ۋە جىنلار، پەيغەمبەرلەر، پوپلار ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلىرىدىن ئىبارەت تۈرلۈك ئىلاھلىرى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى. مىسىر.