2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى (3)

 

ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى

(1)

قۇرئان كەرىم گۈزەل، پۇختا ۋە ئاجايىپ يارىتىلغان كائىنات كۆرۈنۈشلىرىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قاراتتى. پۇختا ۋە گۈزەل شەكىلدە يارىتىلغان بۇ كائىنات ئۆزىنى ئۆزى يارىتىۋالمىدى ياكى ئۆزلۈكىدىن يارىتىلىپ قالمىدى. بۇ كائىناتنى ھەممىگە قادىر، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ئەبەدىي ھاياتلىققا ئىگە ئاللاھ ياراتتى. ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ھېچقانداق بىر نەرسىگە مۇھتاج بولمايدىغان ياكى ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدىغان ياكى يوقۇلۇپ كەتمەيدىغان ئەبەدىي مۇستەقىل ھاياتتۇر.

كائىناتنى ياراتقان بۇ زاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئەقىل ئىگىلىرىگە نىسبەتەن قىلچىمۇ شەك يوق. كائىناتنى ياراتقان بۇ زات چەكسىز مۇتلەق كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە. ئۇ زات تولۇق مۇكەممەل ئىرادىگە ئىگە بولۇپ خالىغىننى قىلالايدۇ. كائىنات ۋە بارلىق مەۋجۇدىيەتنى ياراتقان بۇ زات ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، كائىناتتىكى ھېچقانداق بىر نەرسە مەخپى بولۇپ قالمايدۇ. شۇنداقلا ئۇ زات ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۇنتۇپمۇ قالمايدۇ.

كائىناتنى ياراتقان بۇ زات يەككە-يېگانە بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى ياكى ياردەمچىسى يوق. كائىناتنى يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە مەخلۇقلارغا رىزىق بېرىشتە ئۇ زاتنىڭ شېرىكى مەۋجۇت ئەمەس. كائىناتتا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ بولىدىغان بولسا، كائىناتنىڭ تۈزۈمى بۇزۇلغان بولاتتى. كائىنات تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلماي بىر خىل يۆنىلىشتە مېڭىۋاتقانلىقى ياراتقۇچى ۋە تەدبىر قىلغۇچى زاتنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە دەلىل. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ شېرىكتىن خالى، ئىلاھلىق پەقەت ئۇنىڭغا خاس.

ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچى مەخلۇق ئارىسىدا پەرقنىڭ بارلىقى چۈشىنىشلىك بىر ھەقىقەت. يارىتىلغان مەخلۇق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، باشقا نەرسىگە مۇھتاج بولۇپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ، مەخلۇقنىڭ پەيدا بولۇش جەھەتتىن باشلىنىدىغان ۋە ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. بىراق ياراتقۇچى ئاللاھ مەخلۇقلارغا ھېچقايسى تەرەپتىن پەقەت ئوخشىمايدۇ. ئاللاھنىڭ باشلىنىشى ياكى ئاخىرلىشىشى بولمايدۇ، ئەزەلدىن تارتىپ مەۋجۇد بولغان ۋە مەڭگۈ باقى قالىدىغان زاتتۇر.

ئۇ زات مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا ئىنسان ياكى كائىناتقا ئوخشاش بىرەر نەرسىگە مۇھتاج بولمايدۇ، بەلكى كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقلارغا رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ. ياراتقۇچى ئاللاھ ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى جانلىق ياكى جانسىز نەرسىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنمەيدۇ ياكى مۇجەسسەملەشمەيدۇ.

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى توغرىسىدا كەڭرى توختالغان. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى تۆۋەندىكى تۈركۈملەرگە بۆلەپ تونۇشتۇرىمىز.

بىرىنچى: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى:

1.»ئاللاھ»دېگەن خاس ئىسىم قۇرئان كەرىمدە 2815 قېتىم كەلگەن.

  1. پەرۋەردىگار، ياراتقۇچى ۋە كائىناتنىڭ ئىگىسى دېگەن ئىسىملىرى:

» ئالەمەلەرنىڭ پەرۋەردىگارى» دېگەن ئىسمى 983 قېتىم تەكرار كەلگەن.

«ياراتقۇچى»دېگەن ئىسمى 11 قېتىم تەكرارلانغان.

«كائىناتنىڭ ئىگىسى»دېگەن ئىسمى 7 قېتىم تەكرارلانغان.

3.ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى، خەۋەردارلىقى ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىق توغرىسىدىكى ئىسىملىرى تۈرلۈك شەكىلدە 478 قېتىم تەكرار كەلگەن.

مەسىلەن: ياخشى بىلگۈچى، بىلىپ تۇرغۇچى، بەك بىلگۈچى، ھەممىدىن بىلگۈچى، ھەممىدىن خەۋەردار، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، مەخپى ھەم ئىنچىكە ئىشلارنىمۇ بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى دېگەن ئىسىملىرى.

4.ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ۋە مۇتلەق ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسىملىرى تۈرلۈك شەكىلدە 69 قېتىم تەكرارلانغان.

مەسىلەن، ھەممىگە قادىر، قادىر، كۈچلۈك، پۇختا ئىش قىلغۇچى، خالىغىنىنى قىلغۇچى ئىسىملىرى.

5.ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە رەھىمدىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىسىملىرى541 قېتىم تەكرارلانغان.

مەسىلەن، مېھرىبان زات، شەپقەتلىك زات، كۆيۈمچان زات، ياخشلىق ئاتا قىلغۇچى زات، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى زات، ئىنسانلارنىڭ ئىتائەت ئىشلىرىغا رەھمەت ئېيتقۇچى، ساۋاب بىلەن مۇپاكاتلىغۇچى، ئەيىب-نۇقساندىن پاك، مۇلايىم، كەچۈرگۈچى، گۇناھلارنى بەك كەچۈرگۈچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئەپۇ قىلغۇچى، سېخى، بەك سېخى، نېمەت ئاتا قىلغۇچى ۋە يېقىندىن بىلىپ تۇرغۇچى دېگەن ئىسىملىرى.

6.ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۈستۈنلۈكى ۋە مۇقەددەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئىسىملىرى 127 قېتىم تەكرارلانغان.

كۈچلۈك غالىب، ھەممىنى بويسۇندۇرغۇچى، ھېچقانداق بىر نەرسىدىن ئاجىز كېلىپ قالمايدىغان زات، ئۆزىگە ئوخشاش بىرەر نەرسىنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئۈستۈن زات، ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن زات، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرغۇچى، ئۇلۇغ، ھەممىدىن بۈيۈك، ئۈستۈنلۈككە ئىگە، مەخلۇقلىرىنى خالىغان نۇقتىغا كەلتۈرەلەيدىغان زات، ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى، شەرەپلىك، ئەيىب- نۇقساندىن پاك زات دېگەن ئىسىملىرى.

يۇقىرىقى يېقىنلاشتۇرما ستاتىستىكا قۇرئان كەرىمدە كەلگەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قالغان ئىسىملىرى ئاز كەلگەن.

ئاللاھنىڭ مۇتلەق كامالەتكە ئىگە بۇ ئىسىملىرىنى ئادەتتىكى بىر ئادەممۇ چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە شۇنداق ئاددى ۋە روشەن كەلگەن. قۇرئاندا كەلگەن ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ئارقىلىق ئىزباسار ئىنسان خىزمەت مەيدانى بولغان زېمىننىڭ ئىگىسىنى ئېنىق روشەن ھالدا بىلەلەيدۇ.

 

 

ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى:

ئاللاھنىڭ قۇرئاندا كەلگەن سۈپەتلىرىنى 4 تۈركۈمگە بۆلەپ تونۇشتۇرىمىز:

1.ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن سۈپەتلىرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ مۇئەييەن سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بىرىنچى تۈردىن باشقا بارلىق ئىسىملىرى كىرىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق، يارىتىشقا ياكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرۇشقا ياكى ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە ياكى مېھرىبانلىقىغا ياكى ئۇلۇغلىقىغا ئالاقىدار ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسى سۈپەتتىن تۈرلەنگەن ئىسىملاردۇر. ئۇنداقتا بۇلار ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىدۇر. بۇ ھەقتە ئىلگىرى توختالدۇق.

2.ئىلگىرىكى ئىسىملارنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، بىراق ئىسىم سۈپتىدە كەلمىگەن سۈپەتلەر بولۇپ، يۇقىرىقى ئىسىملارنى تەكىتلەش ئۈچۈن كەلگەن بولسا كېرەك. مەسىلەن:

(1).»ئالەملەرنىڭ پەرۋەرىگارى»، «ياراتقۇچى» ۋە «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى» دېگەندەك پەرۋەردىگارلىق ۋە يارىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسىملار. بۇ ئىسىملارنىڭ مەزمۇنلىرى باشقا شەكىلدە كەلگەن. مەسىلەن:»تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ، ياراتتى، ئاسمان-زېمىننىڭ پادىشاھلىقى»دېگەندەك.

(2).»ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى»، «ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى» ۋە» ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى»دېگەندەك ئىسىملىرى ئىسىمدىن باشقا شەكىلدىكى سۈپەتلەر بىلەن تەكىتلەنگەن. مەسىلەن،»ياراتقان زات بىلمەمتى؟»(مۈلك سۈرىسى،26-ئايەت)، «ھەممە كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»(ئەنئام سۈرىسى،103-ئايەت)، «ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ»(پەتھى سۈرىسى،21-ئايەت).

(3). «ھەممىگە قادىر» ۋە «ھەممىدىن كۈچلۈك»دېگەندەك ئىسىملىرى باشقا شەكىلدىكى سۈپەتلەر بىلەن تەكىتلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن،«ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟» (فۇسسىلەت سۈرىسى، 15-ئايەت).

(4). «مېھرىبان»، «شەپقەتلىك» ۋە «كۆيۈمچان»دېگەندەك ئىسىملىرى باشقا شەكىلدە تەكىتلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن،«ئاللاھ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى» (ئەنئام سۈرىسى، 12-ئايەت).

(5).»ئەيىب-نۇقساندىن پاك ۋە ھەممىدىن ئۈستۈن»، «ئۈستۈنلۈككە ئىگە» دېگەندەك ئۇلۇغلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىسىملار باشقا شەكىللەردە تەكىتلىنىپ كەلگەن.مەسىلەن،«شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ»(فاتىر سۈرىسى،10-ئايەت)

مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تۈر بىرىنچى تۈردىن مۇستەقىل ئەمەس، بىرىنچى تۈرنى باشقا شەكىلدە تەكىتلەپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تۈر ۋە ئىلگىرىكى بىرىنچى تۈر ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تەمسىل قىلىدۇ. قالغان سۈپەتلىرى ئاز نىسبەتنى تەشكىل قىلىدۇ.

 

ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى سۈپەتلەر:

زاھىرىي جەھەتتىن ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئىسىملىرى بىلەن مەنىۋى ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ سۈپەتلەرنىڭ زاھىرىي بەزى ئىلمىي كالام ئېقىملىرىدا چۈشىنىش قىيىنچىلىقىنى پەيدا قىلغان. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

(1).ئاللاھغا نىسبەت بېرىلگەن ئەزالار. مەسىلەن:»يۈز، كۆز، قول» دېگەندەك سۆزلەر.

(2).قىلغۇچى بولمىسا ھاسىل بولمايدىغان ئىختىيارى ئىشلار. بۇلار يۇقىرىقى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن ئالاقىسى يوق مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار قۇرئاندا ئاز. مەسىلەن، (ئىستاۋا)»ئۆرلىدى/ ئىگىلىدى»(بەقەر سۈرىسى، 29-ئايەت)، «كېلىدۇ»، «كەلدى» دېگەن ئىشلار.

(3).ئاللاھقا تەرەپنى نىسبەت بەرگەن سۈپەتلەر. مەسىلەن، (پەۋق)»ئۈستۈنلۈك» سۈپىتى(ئەنئام سۈرىسى، 18-ئايەت).

قۇرئان بىرىنچى تۈردىكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى توغرىسىدا ئىنسان مۇھتاج بولىدىغان بارلىق سۈپەتلەرنى ئېنىق بايان قىلىپ بەردى. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ ئىسمى، بىرلىكى، ياراتقۇچى ئىكەنلىكى، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكى ۋە رەھىمدىللىكىگە ئوخشاش سۈپەتلىرىنى ئىنسان بىلىشكە مۇھتاج. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۈپەتلەر رىتىملىك ۋە بىر بىرىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان شەكىلدە كەلگەن بولۇپ، ئىنسان ئىدىيىسىدە تەشۋىش پەيدا قىلمايدۇ. بىرىنچى تۈركۈمدىكى مەنىسى ئېنىق ئىسىم ۋە سۈپەتلەرگە ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك مۇكاپات(جەننەت) ياكى جازا (دوزاخ) دىن ئىبارەت نەتىجىگە باغلانغان.

ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئالاقىسى يوق. ئاللاھقا نىسبەت بېرىلگەن ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى بۇ سۆزلەر دىننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرەر ئاساسنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلمىگەن. شۇنداقلا بۇ سۈپەتلەر ئىلاھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ تەسەۋۋۇر بېرىشنى مەقسەت قىلمىغان سۈپەتلەردۇر. شۇڭا بۇ خەۋەرلەرگە ئىشىنىش ۋە مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قۇرئاندىكى ئورنىغا قاراپ ئىزدىنىش لازىم، كۆپىنچە ھاللاردا مەزمۇنى ئېنىق كېلىدۇ. ئەگەر مەقسەتنى چۈشەنسەك ماھىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ تەپەككۇر دائىرىمىزگە چۈشمەيدۇ. قۇرئان كەرىم سۈپەتلەرگە ئالاقىدار بولمىغان بەزى خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىز بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئۇقۇمىنى چۈشەنمىسەكمۇ مەقسەتنى چۈشىنەلەيمىز. مەسىلەن:«ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ» (سافات سۈرىسى، 65-ئايەت). بۇ ئايەتتىن مەقسەت قورقىتىش ۋە سەسكەندۈرۈش مەقسەتتۇر، لېكىن ماھىيىتى ئېنىق ئەمەس.

بۇ سۆزلەرگە تەۋىل قىلماستىن ئۆز ھەقىقىتى بويىچە ئىشىنىش ۋە مەزمۇنىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش سەلەپ سالىھلەرنىڭ يولى. مۇھەققىق ئالىملار بۇ سۆزلەرگە قارىتا سەلەپلەرنىڭ يولىنى ئەڭ ساغلام دەپ قارىغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇ سۆزلەرنى ئەرەپ تىلىغا ئۇيغۇن ھالدا ئاللاھنىڭ كامالىتىگە مۇناسىپ يوسۇندا ئىزاھلاش دۇرۇس دەپ قارىغان. بۇ ئېھتىماللىقمۇ ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تەۋىل قىلىنسا رەت قىلىنمايدۇ.

دېمەك، قۇرئاندا كەلگەن بۇ سۈپەتلەرنى ماقامىغا قاراپ بىر قانچە تۈرلۈك ئېھتىماللىق بىلەن ئىزاھلاش ۋە تەپسىر قىلىش دۇرۇس. بۇ سۈپەتلەر تۈرلۈك تەپسىر قىلىش ۋە ئىزاھلاش ئېھتىماللىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ سۈپەتلەرنى ئىمان بىلەن كۇپۇرلۇق ياكى تەۋھىد بىلەن شېرىك ئارىسىنى ئايرىپ تۇرغۇچى نۇقتا دەپ چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس. مۇشۇ ئاساستا باشقىلارغا تەتۈر قاراش ياكى مۇناپىق ياكى پاسىق ياكى بىدئەتچى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تۆھمەت چاپلاش تېخىمۇ توغرا ئەمەس. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەۋىلگە مۇھتاج بولىدىغان ئورۇنلاردا شەرتكە ئۇيغۇن ئوتتۇراھال تەۋىل قىلىش كۆپ ساندىكى ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ يولىدۇر، شۇڭا ئوتتۇراھال تەۋىل سەۋەبىدىن ئۈممەتنى ئازغۇنغا چىقىرىش ياكى توغرا يولدىن خاتالاشقان دەپ قاراش ياخشى ئىش ئەمەس.

ئاللاھ ئۆزىنى قۇرئان ۋە پەيغەمبەرىنىڭ تىلى ئارقىلىق سۈپەتلەپ بەرگەن سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيمىز. ئاللاھ ئۆزىدىن ئىنكار قىلغان سۈپەتلەرنى ئىنكار قىلىمىز. ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ھېچقانداق بىر نەرسىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.

بۇ نۇقتىدا سەلەپ ۋە خەلەپ ياكى ئەھلى سۈننىنىڭ ئۈچ تارمىقى بولغان «سەلەپى،ئەشئەرى ۋە ماترىدى ئېقىم»لارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مەخلۇقلارغا ھېچقايسى جەھەتتىن ئوخشىمايدىغانلىقىدا ۋە مەخلۇقلارغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن پاك ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاق. ئاللاھنىڭ ئەيىب-نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىدە يۇقىرىقى ئەھلى سۈننى ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك قاراشتا.

 

تۆتىنچى: قۇرئان كەرىم ئاللاھدىن ئىنكار قىلغان سۈپەتلەر:

قۇرئان كەرىم ئاللاھدىن ئىنكار قىلغان سۈپەتلەر. ئىنكار قىلىش يا باشتىلا ئىنكار قىلىنىدۇ ياكى مۇشرىكلارنىڭ شېرىك ئېتىقادىغا ۋە نادانلارنىڭ نادانلىقىغا رەددىيە بولۇپ كېلىدۇ. قۇرئان كەرىم كۆپىنچە ئاللاھدىن ئىنكار قىلغان سۈپەتنىڭ قارمۇ-قارىشىنى ئىسپاتلايدۇ. قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ مۇتلەق كامالەتكە ئىگە ئەيىب-نۇقساندىن پاك زات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەسىلەن، ئاللاھدىن شېرىكنى ئىنكار قىلدى، بالىسى ياكى ئايالىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى، ئايالىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. مۇھتاجلىق، ئاجىزلىق، چارچاش، ئۇخلاپ قېلىش، زۇلۇم قىلىپ سېلىش، ئوينىشىپ بىر ئىش قىلىپ سېلىش ۋە ئەھمىيەتسىز ئىش قىلىشنى ئىنكار قىلدى. شۇنداقلا بىرەر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ئاللاھنى كۆرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

چۈنكى ياراتقۇچى ئاللاھ ئەيىب-نۇقسانغا تەۋە بۇ سۈپەتلەردىن پاكتۇر. ئاجىزلىق ياكى مۇھتاجلىقنى ئىپادىلەيدىغان بۇ سۈپەتلەر كائىناتنى ياراتقان ۋە تەدبىر قىلىۋاتقان زاتقا پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ.

ياراتقۇچى ئاللاھ ئەزەلدىن بار ئىدى، ئۇ ئەبەدى زات بولۇپ يوقۇلۇپ ياكى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. دائىم ھايات، ھېچقانداق بىر نەرسىگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ھېچقانداق بىرسى ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق مەخلۇققا ئوخشىمايدۇ.

(2)

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى

ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ئاللاھقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، ئىماننى ئاشۇرىدۇ، ھايات ۋە ئىستىلنى تۈزىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھەر بىر سۈپەتنىڭ مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە شەكسىز تەسىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا ئىنسانغا لايىق رەۋىشتە نامايان بولىشى، شۇنداقلا ھاياتى ۋە ئىستىلغا قارىتا تەسىرى كۆرۈنۈش كېرەك.

ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى مۇسۇلماندا ھەر زامان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە ئىبادەتكە ھەقلىق ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئاللاھدىن قورقۇش ۋە ئۈمىدۋار بولۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىشى لازىم. قايسى بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىلەرنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ھاياتى ۋە ئىستىلىدا بۇ ئىماننىڭ تەسىرى كۆرۈنمىسە، ھەقىقى ئىمان ھېسابلانمايدۇ. قايسى بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، ھاياتى ۋە ئىستىلىدا زۇلۇمدىن قول ئۈزۈپ ئادىل ئىش قىلمىسا، ئادالەت سۈپىتىگە ھەقىقى ئىشەنمىگەن بولىدۇ.

دېمەك، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھەر بىر سۈپەتنى مۇشۇنداق چۈشىنىش ۋە تەھلىل قىلىش لازىم. چۈنكى ئاللاھ سۈپەتلىرىنى ھېكمەتسىز بايان قىلمىدى، بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ئىستىلىمىزدا تەسىرى ھەر زامان كۆرۈنۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن بايان قىلغان.

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى، رامىزان.

قاھىرە شەھىرى.