2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئاندىكى تەقدىر ئەقىدىسى

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى(4)

 

قۇرئاندىكى تەقدىر ئەقىدىسى

 

تەقدىر مەسىلىسى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تەقدىر مەسىلىسىنى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىنلا تونۇشتۇرىمىز.

قازا-قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ماھىيىتى ئاللاھنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان، خالىغىنىنى قىلالايدىغان ۋە ھەممىگە قادىر  سۈپەتلىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ ھەممە نەرسىلەرنى قاچان بولىدىغان ۋە قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمىي يېڭىلانمايدىغان، ئۆزگەرمەيدىغان، ئالمىشىپ قالمايدىغان ۋە ئۇنتۇپ قالمايدىغان كامىل مۇقىم ئىلىمدۇر.

ئاللاھنىڭ ئىلمى مەجبۇرلىمايدۇ، پەقەتلا ئېچىپ بېرىدۇ، ئاللاھ مۇتلەق ئادالەت ئىگىسىدۇر. ئۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسىگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلارغا ئەقىل، ئىرادە ۋە ساغلام خاراكتېر ئاتا قىلدى. پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى چۈشۈرۈپ بەردى، ھەممە ئىنسانلارغا بىلىپ تۇرۇپ تاللاش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى. شۇڭا كىم ھىدايەتنى تاللىسا ئاللاھ ئۇنى ئازدۇرۋەتمەيدۇ، شۇنداقلا كىم ئازغۇنلۇقنى تاللىسا ئاللاھ ئۇنى ھىدايەتكە مەجبۇرلىمايدۇ. كىم ھىدايەتنى تاللىسا ئۇنىڭغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدۇ، ھېچ بىر ئىنساننى خاتا يولغا مەجبۇرلىمايدۇ.

ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇق سەۋەبىگە باغلىق، قايسى يولنى تاللاش ئىنساننىڭ تولۇق ئىرادىسىگە باغلىق. ئاللاھ ھىدايەتنى تاللىغان ئىنسانغا بېرىدۇ. خاتا يولنى تاللىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئىنساننى ھىدايەت قىلمايدۇ، تاللىغان خاتا يولىغا قويۇپ بېرىدۇ.

ئاللاھ بىر ئىشنى بولىدۇ دەپ بىلسە، ئۇ ئىشنى ئىرادە قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ بىر ئىشنى پەيدا قىلىشنى ئىرادە قىلغان بولسا، ئۇنى ھېچ بىر نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ، ھېچ نەرسە ئۇنىڭدىن غەلىبە قىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مۈلكى بولغان كائىناتتا ئاللاھ ئىرادە قىلمىغان ھېچ بىر ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ئاللاھ ئىرادە قىلغان بىرەر ئىش بولماي قالمايدۇ. شۇنىڭ  ئۈچۈن ئۈ زات ئەزىز (غالىب كۈچلۈك) ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ بىلگەن، ئىرادە قىلغان ۋە تەقدىر قىلغان ھەر بىر ئىش مۇتلەق ھېكمەتكە ئىگە.

تەقدىرنىڭ مەنىسى: بولغان، بولۇۋاتقان ۋە بولماقچى بولغان نەرسىلەرگە قارىتا ئاللاھنىڭ ئەبەدىي ئەزەلى مۇتلەق تولۇق ئىلمىنىڭ بارلىقىنى بىلىشتۇر.

قازانىڭ مەنىسى: نەرسىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مۇكەممەل تولۇق ئىلمىگە قارىتا دەل بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلىشتۇر.

(1)

تەقدىر توغرىسىدا بىر قانچە ھەقىقەتلەر

ئىنساننىڭ تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈشتە قانائەتلىنىشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم بولىشى ئۈچۈن بىر قانچە ھەقىقەتلەرنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز:

1.تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگار ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ بىر تارمىقىدۇر. ئاللاھنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەممىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ھەممە ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقى، ئۇ زاتنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئىكەنلىكى، ئادىل زات ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ بىر تارمىقىدۇر. قايسى بىر ئىنسان ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىگە، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئەقلى ۋە نەقلى پاكىت ئاساسىدا ئىمان كەلتۈرگەن بولسا، قازا-قەدەرگە ئىمان كەلتۈرۈشى لازىم.

2.ئاللاھنىڭ ئىرادىسى مۇتلەق ئەركىن ئىرادە. ئۇ زات خالىغاننى قىلالايدۇ، ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئاللاھنىڭ مۇتلەق چەكسىز ئىرادىسىگە چەكلىمە قويالمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشى دېگەن سۆز 250 قېتىم ئەتراپىدا كەلگەن:«پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر» (ھۇد سۈرىسى، 107-ئايەت). يەنە:«پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر» (تەكۋىر سۈرىسى، 29-ئايەت).

ئاللاھ خالىغىنى قىلىدىغان، ھۆكمىنى ھېچ بىرى بۇزالمايدىغان ۋە تەقدىرىنى ھېچ بىرسى قايتۇرۇۋېتەلمەيدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمان ئىنسان ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى، بەلكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىنتىلىپ ئۈمىدۋار بولىشى لازىم.

ئاللاھنىڭ ئىرادىسى مۇتلەق چەكسىز ئىرادە بولسىمۇ، ھېچ بىر ئىنسانغا زۇلۇم قىلمايدۇ:«ئاللاھ جاھان ئەھلىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 108-ئايەت). ئاللاھ بەزى ئىنسانغا كەڭرى نېمەت ئاتا قىلىدۇ، يەنە بەزىسىگە سىقىپ بېرىدۇ. بەزىسىنى كېسەل قىلىدۇ، يەنە بەزىسىنى ساغلام قىلىدۇ، بۇنىڭدا زۇلۇم يوق، بۇ بىر سىناقتىن ئىبارەت. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلىدىغان ئىلاھى ھېكمەتكە ئۇيغۇن ھالدا خالىغان نەرسە بىلەن سىنايدۇ.

3.تەقدىرنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئەزەلى ئىلمى، قازا بولسا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدىغانلىقى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىلمىي ئېچىپ بەرگۈچى بولۇپ مەجبۇرلىمايدۇ. ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان ئىشلاردىن ئىنسان ھېسابقا تارتىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىك بالا، ساراڭ ۋە ئىرادىسى يوق مەجبۇرلانغان ئادەملەر قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ھېسابقا تارتىلمايدۇ.

4.ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادىسىنى تەكىتلىگەن قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە سەل قارىمايدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغان بولغاچقا، ئاللاھ ئىنسانغا ئىرادە قىلىدىغان ۋە تاللىيالايدىغان ۋە شۇ ئاساستا مۇكاپات ياكى جازا بىلەن ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىرادە ئاتا قىلغان. ئىنساندا ئىرادە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىختىيارى ئىشلار ئارىسىنى ئەركىن تاللىيالايدۇ:«خالىغان كىشى ئىمان يولىنى تاللىسۇن، خالىغان كىشى كۇپرى يولىنى تاللىسۇن، ئىختىيارى» (كەھف سۈرىسى،29-ئايەت)

5.ئاللاھ ئىنساننى ئەقلى نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ھېس قىلالايدىغان، ۋەھىي ۋە كۆرسەتمىلەرنى چۈشىنەلەيدىغان ئەقىل بىلەن تەمىنلىگەن:«ئەقىل يۈرگۈزىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار» (نەھل سۈرىسى، 12-ئايەت).

يەنە ئاللاھ ئىنسانلارنى نۇرغۇن ئىمكانىيەت، ئىقتىدار، ئېنېرگىيە، تەسەۋۋۇر ۋە گۈزەللىك بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنداقلا ساپ-سۈزۈك ساغلام خاراكتېر بىلەن تەمىنلىگەن. ئىنسان ئىمان ۋە ياخشلىقنى قوبۇل قىلىش ۋە توغرا بىلەن خاتانى ئايرىش ئىقتىدارى بىلەن يارىتىلغان. ئىنساننىڭ ساغلام خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كەتمىسە ياكى  بۇلغىنىپ كەتمىسە ياخشىلىققا باشلايدۇ:«توغرا دىن ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقۇچىنى تونۇيدىغان ساغلام خاراكتېرىدە ياراتقان. ئاللاھ ياراتقان ساغلام توغرا خاراكتېرنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، مانا مۇشۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ» (رۇم سۈرىسى، 30-ئايەت).

شۇنداقلا ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتمەي ۋە كىتاب چۈشۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق بىر ئىنساننى جازالىمايدۇ:«پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ(ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق» (ئىسرا سۈرىسى، 15-ئايەت).

6.ئىنسان ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېسابقا تارتىلىدىغان مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولىشى كېرەك، بولمىسا ئىرادە قىلمىغان ئىشلارغا ھېسابقا تارتىش زۇلۇم قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ ھېچ بىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىنسان ئۆزى قىلغان ئىشلارغا تەقدىرنى باھانە قىلىپ كۆرسەتسە بولمايدۇ. ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىش ئىكەن دەپ باھانە قىلسا، ئاللاھنىڭ نېمىنى تەقدىر قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئىنساندىكى ئەقىل، ئىرادە ۋە ئىقتىدار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كاپىر بولغانلىقى ۋە ئېزىپ كەتكەنلىكىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويغان ئادەملەرنى ئاللاھ قاتتىق ئەيىبلىگەن:«مۇشرىكلار:«ئەگەر ئاللاھ  خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق»دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى(بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر(ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك)ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر, ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»(ئەنئام سۈرىسى، 148-ئايەت). يەنى ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىنى نەدىن بىلدىڭلار؟ ئاللاھنىڭ سىلەرنى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇققا مەجبۇرلىغىنىنى قەيەردىن بىلدىڭلار؟ سىلەر ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتىسىلەر، شۇڭا سىلەر ئازابقا ھەقلىق.

ئەگەر بىر ئىنسان: ئاللاھ ھەممە ئىشلارنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىلىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بىزدىن ھېساب ئالىدۇ؟ دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب: بىزگە ھۆججەت تۇرغۇزۇش ئۈچۈندۇر.

ئىنساننىڭ ئەمەلىي رېئاللىقىغا قارايدىغان بولساق ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئىنسان بىرەر ئىشتا ئۈنۈم قازانسا، مەن مۇنداق قىلدىم دەپ پەزىلەتنى ئۆزىگە نىسبەت بېرىدۇ. لېكىن ئېزىپ كېتىپ قالسا ياكى ئاسىيلىق قىلىپ قالسا، مەسئۇلىيەتنى ئاللاھقا يۈكلەپ قويىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

ئىنسان رىزقى، مال-دۇنيا ۋە پايدىلىق ئىشلاردا ئۆزلۈكسىز تېرىشىدۇ ۋە ئىزدىنىدۇ، بىراق ھىدايەت ۋە ياخشىلىق بولىدىغان ئىشلاردا ئۇنچىۋىلا جىددى تېرىشىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە خاتا يولنى ئۆزى تاللاپ تۇرۇپ، ئېزىپ كېتىش سەۋەبىنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىدۇ؟

كېسەل بولۇپ قالسا داۋالىنىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدۇ، بۇ چاغدا ئاللاھ تەقدىر قىلىپتىكەن دېمەيدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ياخشىلىق تەلەپ قىلىشتا جىسمىنى داۋالاشقا ئۇرۇنغاندەك روھىنى داۋالاشقا ئۇرۇنمايدۇ. دېمەك، بۇ ئىشلار ئىنساننىڭ مەسئۇلىيەت، تاللاش ۋە ئىرادە ھەقىقەتلىرىنى ئەقلى ۋە تۇيغۇ جەھەتتىن ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانغا قارىتا ھۆججەت تۇرغۇزۇلۇپ بولدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى كائىناتتا ئاللاھ ئىرادە قىلمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى، ئاللاھ يۈز بېرىدۇ دەپ بىلگەن ئىشلارنىڭ ۋاقتىدىن كېچىكىپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن بىرەر نەرسىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىشىمىزنى توسمايدۇ. كائىناتتا ئاللاھ بىلمەي قالىدىغان ياكى ئىرادىسىگە بويسۇنماي يۈز بېرىپ قالىدىغان بىرەر ئىش مەۋجۇد ئەمەس. ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ:«پەقەت ئاللاھ  خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (ئىنسان سۈرىسى، 30-ئايەت).

7.قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياخشى ئىستىمال قىلىپ تەشەككۈر بىلدۈرگەنلەرنى ماختىدى. ئاللاھ ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە ياراتقانلىقى ئۈچۈن سېنى رەھمەت ئېيتقۇچىلاردىن بولۇشقا تەشەببۇس قىلىشى تەبىئىي. شۇڭا ئاللاھغا رەھمەت ئېيتىش توغرىسىدىكى سۆز قۇرئاندا 75 قېتىم كەلگەن. سىناقتىن ئىبارەت بۇ ھاياتتا قۇرئان كەرىم سەۋر قىلىشقا قىزىقتۇردى ۋە سەۋر قىلغۇچىلارنى مەدھىيىلىدى. قۇرئاندا سەۋر قىلىش دېگەن سۆز 100 قېتىمدىن ئارتۇق كەلگەن.

8.تەقدىر ئەقىدىسىگە قارىتا مۇھىم ھەقىقەت شۇكى، ئاللاھ بىزلەردىن بوشىشىپ ھەم ئاجىزلاپ قالماي، شەرىئىتى ۋە كۆرسەتمىسىگە قارىتا بۇ كائىناتتا ھەرىكەت قىلىشىمىزنى ئىرادە قىلغان:«(ئۇلارغا)ئېيتقىنكى،«(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا(نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (ئاللاھ)نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ» (تەۋبە سۈرىسى، 105-ئايەت).

9.قۇرئان كەرىم ئۆلۈمدىن قورقۇش مەسىلىسىنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتتى. ئۆلۈم چوقۇم ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا كېلىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان ئىنسان ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، شەرەپلىك ۋە ئىززەتلىك ئۆلۈم بولسا ئاشىق بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ نۇقتىنى 10 نەچچە ئايەتلەردە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تەكىتلىگەن:«ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ)» (ئال ئىمران سۈرىسى، 145-ئايەت).

شۇنداقلا قۇرئان كەرىم رىزىق توغرىسىدا خاتىرجەم بولۇشقا تەشەببۇس قىلىپ، ياخشى ئىشلاردا ئىقتسادىي ياردەم قىلىشقا چاقىرغان، چۈنكى رىزىق ئاللاھ تەرەپتىن كېلىدىغان نېمەتتۇر. رىزىققا ئېرشىش ئۈچۈن سەۋەبىنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھەسسىلەپ بېرىدۇ. باشقىلارغا تەۋە نەرسە ساڭا كېلىپ قالمايدۇ، ساڭا تەۋە نەرسە باشقىلارغا كېتىپ قالمايدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ مەسىلىنى خېلى كۆپ ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان.

دېمەك، قۇرئاننىڭ تەقدىر ئەقىدىسى ئەمەلىي ئەقىدە بولۇپ، ئىنساننى زېمىندىكى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئىتتىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارنى نېمەت ۋە كەمبەغەللىك بىلەن سىنايدىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا تەشەككۇر بىلدۈرشىڭىز ياكى سەۋر قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆلۈمنىڭ ۋاقتى پۈتۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق بىر مەخلۇقتىن قورقماڭ. رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ بولغاچقا ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان نەرسىنى ياخشى يوللاردا ئىشلىتىڭ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدىغان زات بولغاچقا مۇسۇلمان كىشى ئۈمىدسىز بولماسلىقى كېرەك. ئاللاھ ئىنسانغا تاللاش ئەركىنلىكى ۋە ھەر بىرىگە تاللىغىنى قىلىشقا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلغان بولغاچقا، ئىنسان مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، زېمىندا تارتقان جاپاسىنىڭ نەتىجىسى بەدىلىگە جەننەت ياكى دوزاخنى كۈتۈشى كېرەك.

قۇرئاندىكى تەقدىر ئەقىدىسى ناھايىتى روشەن ئەقىدە:«ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان)نەسىھەتتۇر. پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر» (تەكۋىر سۈرىسى، 26-29-ئايەتلەر).

بۇ ئايەت ئىنساننىڭ ئىختىيارى قىلمىشلىرىدا ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. ئىنساننىڭ ئىرادىسى بار يەردە، ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولماي قالامدۇ؟ ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ سايىسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ.

تەقدىر مەسىلىسىدە، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىق سۈپتىگە ئاساسەن ئاللىبۇرۇن تەقدىر قىلىۋەتكەنلىكى، ھەممە ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز تەقدىر مەسىلىسىنى چۈشىنىش ئاسان.

(2)

ئىسلام پەلسەپىسى تارىخنى ئىزاھلاشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا تايىنىدۇ

1.ئاڭ-ئىدىيە دەسلەپتە پەيدا بولىدۇ. ئاڭ-ئىدىيە بەزىدە توغرا بولىدۇ، يەنە بەزىدە خاتا بولىدۇ. توغرا بولسا ئۈنۈم قازىنىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ.

2.توغرا ئاڭ-ئىدىيە بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك ۋە ھەرىكەت تەڭ قەدەمدە  مەۋجۇت بولىشى لازىم.

3.يۇقىرىقىلارنى ئاللاھنىڭ غالىب ئۆتكۈر ئىرادىسى ئاللاھ كائىناتتا بەلگىلىگەن قانۇنىيەت ئىچىدە قورشاپ تۇرىدۇ:

(1).ئەگەر ئاڭ-ئىدىيە توغرا بولۇپ، ئىنسان ئۇ ئاڭ-ئىدىيە بىلەن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە توغرا ماسلىشىپ بەرسە، ئۇ چاغدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى:«كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ» (ھەج سۈرىسى، 40-ئايەت). «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئەھۋاللار نېمە دېگەن كۆپ»(بەقەر سۈرىسى، 249-ئايەت).

(2).ئەگەر ئاڭ-ئىدىيە توغرا بولۇپ، ماسلىشىش ۋە كۈچ چىقىرىش بولمىسا ياكى يوق ھېسابتا بولسا، ئۇ چاغدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى:«سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار) (شۇرا سۈرىسى، 30-ئايەت).

(3). ئەگەر ئاڭ-ئىدىيە خاتا بولۇپ، ماسلىشىش ۋە كۈچ چىقىرىش كۈچلۈك بولسا ۋە توغرا ئاڭ-ئىدىيىگە ئۇچرىمىغان بولسا، ئۇ چاغدىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى: غەلىبە خاتا ئىدىيە ئىگىلىرىگە بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماددى جەھەتتىن يېتەرلىك كۈچ چىقارغان ۋە مۇناسىپ ئاڭ-ئىدىيىگە ئۇچرىمىغان، لېكىن ئۇلارنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

(4). ئەگەر بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى خىل ئىدىيە خاتا بولسا، غەلىبە كۈچنى كۆپ چىقارغان كۈچلۈككە مەنسۇپ بولىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۆتكۈر ئىرادىسى ئاستىدا بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا بول دەيدۇ، شەكسىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكمىنى قايتۇرۇۋېتىدىغان بىرەر نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.

دېمەك، ئاز ساندىكى مۆمىنلەرنىڭ غەلىبە قىلىشى خالىس ۋە راستچىل ئىماننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ماددى جەھەتتىن تەييارلىق كۆرگەنلەرگە نېسىپ بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىككى ئىشنىڭ بىرسى تېپىلمىسا، غەلىبە قولغا كەلمەيدۇ:«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، تۆمۈر كۈچ-قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار. ئاللاھ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش(مەلۇم قىلىش)ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى)، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر» (ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت).

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى رامىزان.

قاھىرە شەھىرى