2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر توغرىسىدا

ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرى (5)

 

پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر توغرىسىدا

(1)

پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى

ئاللاھ ھەر بىر ئىنسانغا بۈيۈك تەۋھىد ھەقىقەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئويلىنىدىغان ئەقىل ۋە ساغلام خاراكتېر ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئىنسان ئەقلى ۋە خاراكتېرىگە تايىنىپ غەيبى (مېتافىزىكا) ھەقىقەتلەر، ئاللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىنسانلاردىن ئىرادە قىلغان ئىبادەت ۋە ئىتائەتلەرنى تولۇق بىلىشكە يېتەلمەيدۇ. ئىنسان ھاياتىدا ئەقىلنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە رولى بولسىمۇ، بىراق ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلەت ۋە شەرئى ئەھكاملارنىڭ تەپسىلاتىغا ئەقىل ئۆزى يالغۇز قانائەتلەنگۈدەك ۋە كۆڭلى خاتىرجەم بولغىدەك جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىشى زۆرۈر ۋە مۇھىم.

ئاللاھ كۆرسەتمە ۋە تەلىماتلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىنسانلارنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىدى، ئۇلارنى ئىنسانىي جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزدى. گۇناھ، جىنايەت ۋە ئىستىلىدىكى بۇرۇلۇشلاردىن ئۇلارنى ساقلىدى، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتە ئۇلارنى خاتالىقتىن ساقلىدى ۋە مۆجىزىلەر بىلەن قوللىدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارغا بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر ئەۋەتمىگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار ئاللاھغا نېمە ئۈچۈن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى يەتكۈزىدىغان ئىنسانلارنى ئەۋەتمىدىڭ دەپ باھانە كۆرسەتكەن بولار ئىدى:«ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر(يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر)گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن)خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر, ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (نىسا سۈرىسى، 165-ئايەت).

ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردە خاتالىقتىن ساقلىنىش بولمايدىغان بولسا، تۇيغۇ ۋە شەخسى قاراشلىرى ئۇلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بولاتتى، بەزى رەزىل ئىشلارنى قىلىپ سېلىشى مۇمكىن ئىدى. نەتىجىدە مۇكەممەل ئىسلاھاتچى ۋە گۈزەل ئۈلگە بولۇشتىكى مۇھىم سۈپەتنى يوقاتقان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ئىلاھى ۋەھىي ئارقىلىق توغرا يول كۆرسىتىدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان پەيغەمبەرلەرگە ئېھتىياجلىق:«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق» (ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت).

دېمەك، پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش مەسىلىسى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە، چۈنكى پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ كۆرسەتمە ۋە يوليورۇقلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ۋاسىتە. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنمەيدىغان ئىنسان ئاللاھقا ئىشەنگەن بولمايدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ پەيغەمبەرلەر مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن مۇلاھىزە قىلغىلى بولىدۇ:

1.قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئايەتلەر بۇ مەسىلىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇرئاندا «رەسۇل»(ئەلچى)دېگەن سۆز 363قېتىم،  «نەبى»(پەيغەمبەر)دېگەن سۆز 75 قېتىمدەك تەكرارلانغان. پەيغەمبەر توغرىسىدا كۆپ توختالغان. «ئەلچى»دىن مەقسەت ئايرىم شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن ۋە مۇستەقىل كىتاب بېرىلگەن پەيغەمبەردۇر. «پەيغەمبەر»دىن مەقسەت مۇستەقىل شەرىئەت ئېلىپ كەلمىگەن ۋە ئىلگىرى پەيغەمبەرگە كەلگەن شەرىئەتنى تۇتۇپ ماڭىدىغان پەيغەمبەردۇر.

2.كۆپلىگەن ئايەتلەردە پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنى ئاللاھقا ئىشىنىشكە باغلىغان:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا)ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ  پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ»(نىسا سۈرىسى،136 -ئايەت).

 

(2)

پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى

1.پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئىنسانلارغا ئۆزگەرتمەستىن ياكى يوشۇرماستىن ئۆز ئەينى يەتكۈزۈشتۇر:«پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى)چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر» (ئەنكەبۇت سۈرىسى،18-ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ياكى كۆرسەتمىلىرىنى يەتكۈزۈش دەۋەت قىلىش، بايان قىلىپ بېرىش ۋە توغرا يولغا كۆرسىتىپ قويۇش ئارقىلىق بولىدۇ. بەزىدە ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش ئارقىلىق بولىدۇ. بەزىدە ياخشىلىق بىلەن ۋەدە قىلىش (بىشارەت) ياكى ئازاب بىلەن قورقۇتۇش(ئاگاھلاندۇرۇش) ئارقىلىق بولىدۇ. شەرىئەتنى يەتكۈزۈش بەزىدە جان ۋە مال بىلەن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، بەدەل تۆلەش ۋە كۈچ چىقىرىش ۋاجىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

2.پەيغەمبەرلەرنىڭ چوڭ ۋەزىپىلىرى:

قۇرئان كەرىم:«پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى(يەنى قۇرئاننى)، ھېكمەتنى(يەنى پاك سۈننەت، ۋە شەرىئەتنىڭ سىرلىرىنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى(مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن دېدى»دەيدۇ (بەقەر سۈرىسى، 129-ئايەت).

«ئاللاھ ئۈممىلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى, ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ, ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ, ئۇلارغا كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى(يەنى شەرىئەرنىڭ سىرلىرى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ, گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ» (جۈمە سۈرىسى، 2-ئايەت).

بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ چوڭ ۋەزىپىلىرىنى تونۇشتۇرماقتا:

بىرىنچى ۋەزىپىسى: ئىلاھى ۋەھىينى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش.

ئىككىنچى ۋەزىپىسى: قىممەت-قاراش، پرىنسىپ ۋە كۆرسەتمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى ئۆگىتىش. قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بۇ كىتاب گۈزەل ۋە يۇقىرى ھايات پەلسەپىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئۈچىنچى ۋەزىپىسى: ھېكمەتنى ئۆگىتىش. بۇ ئورۇندىكى ھېكمەتتىن مەقسەت كىتابنى رېئاللىققا ئەڭ ئىلغار پرىنسىپلار بىلەن چۈشۈرۈش (تەتبىقلاش). باشقىچە ئىپادىلىسەك ھۆكۈملەرنى ۋە ھۆكۈم چۈشىدىغان رېئاللىقنى بىلىشتۇر. ھېكمەت دېگەن ئەمەل قىلىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىشتۇر.

تۆتىنچى ۋەزىپىسى:ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى پاكلاش. ئىنساننىڭ ھاياتلىق سەپىرىدە كۆڭۈل ۋە شەيتان ئىنساننى تارتىپ تۇرىدۇ، بوشاڭلىق يېتىپ تۇرىدۇ ۋە غەپلەت چاپلىشىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا ياراتقۇچى ئاللاھ، ھايات، كائىنات ۋە ئاخىرەتكە قارىتا ئالاقىسىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن قەلبىنى پاكلاشقا ۋە ھايات دولقۇنلىرىدا ھازىر قەلب بىلەن ياشاشقا مۇھتاج بولىدۇ. مانا بۇلار قەلبىنى پاك تۇتۇشنىڭ ۋەزىپىسى. قەلبىنى پاك تۇتۇش بىلىم-مەرىپەت، ھېكمەت ۋە تەرەققى قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ قۇرۇلما ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.

پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسىنى مۆمىنلەر ئۈستىگە ئالىدۇ:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ, يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 104-ئايەت).

(3)

پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تاللىغان ئىنسانلار بولۇپ، ئاللاھنىڭ دىنى ۋە كۆرسەتمىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا دەۋەت قىلىش مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تاللانما ئىنسانلار بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن مۆجىزىلەر بىلەن قوللاشقا ئېرىشىپ تۇرىدۇ. ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئەخلاقى ۋە ھاياتىدا گۈزەل ئۈلگە بولۇپ، ئۈممىتىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ،  ئۈممىتىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى تەدبىر قىلىپ ماڭىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر خاراكتېرى ئۈستۈن، ئەقلى كامىل، راست سۆز، مەسئۇلىيەتنى يەتكۈزۈشتە ئىشەنچىلىك، ئىنسانىي ئىسىتىلىنى سەت كۆرسىتىدىغان ئىشلاردىن پاك بولۇشتەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىشى لازىم.

قايسى بىر پەيغەمبەرنىڭ شەخسىيىتىنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ يەككە-يېگانە شەخسلەر ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ شەخسىيىتى ھەر قايسى تەرەپتىن خاتالىقتىن ساقلىنىش بىلەن ھىمايە قىلىنىدۇ، ئەخلاقى ۋە ئىتسىلىدا ئىنسانىي كامالەت بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ دىنى ۋە شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشتە خاتالىقتىن ساقلىنىدۇ. بۇ سەۋىيەگە پەيغەمبەرلەردىن باشقىلار يېتەلمەيدۇ، مۇنداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئىنسانلار پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا راستچىل بولىشى كېرەك.

قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا بىز ئېھتىياجلىق بولغان سۈپەتلەرنى كەڭرى سۆزلەپ بەرگەن.

1.ئىشەنچىلىك ۋە ۋەھىينى يەتكۈزۈشتىكى راستچىللىق:«ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھينىلا سۆزلەيدۇ» (نەجم سۈرىسى، 3-4-ئايەتلەر).

2.گۈزەل ئەخلاق: قۇرئان كەرىم ئۇلارنى ئەخلاقتا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن يەككە-يېگانە شەخسلەر دەپ سۈپەتلەپ بەردى:«(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن»(قەلەم سۈرىسى، 4-ئايەت). ئۇلار دەۋەت يولىدا راستچىل، ساداقەتمەن، ئىخلاسمەن، ئىشەنچىلىك، ئىپپەتلىك، كەمتەر، مۇلايىم ۋە  قەيسەر سۈپەتلىرى بىلەن تونۇلغان.

  1. زېرەك، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە پاكىتى كۈچلۈك:

قۇرئاندا بۇنىڭ مىساللىرى كۆپ. پەيغەمبەرلەرگە پەزىلەت جەھەتتە ھېچقانداق بىر ئىنسان تەڭ تۇرالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىنسانىيەتنى دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتكە يېتەكلەشكە لايىق. پەيغەمبەرلەر چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سۇسلۇق قىلىش، بىرەرسىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كېتىش ياكى بەك يامان كۆرۈشتىن خالى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىيەتنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىدە يۇقىرى ماقامغا ئىگە.

4.پەيغەمبەرلەنىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى:

قۇرئان كەرىم تەۋھىدنى ھىمايەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەردىكى ئىنسانىي سۈپەتلەرنى تەكىتلىگەن. ياراتقۇچى دېگەن ياراتقۇچى، مەخلۇق دېگەن مەخلۇق. مەخلۇق ھەر قانچە ئېسىل بولسىمۇ ھېچقاچان ئىلاھ بولۇشقا يارىمايدۇ.

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ تاللانغان پەيغەمبەرلىرىنى ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق دەپ سۈپەتلىگەن:«ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە:«ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ)» (ئال ئىمران سۈرىسى، 79-ئايەت).

پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر:«شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» (قەسەس سۈرىسى، 56-ئايەت).

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانىي تەبىئىيىتى باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش كېسەل بولۇش، ئاچ قېلىش، چارچاش، يەپ-ئېچىش، ئىچى سىقىلىش ۋە غەم قىلىش… ھالەتلىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.

  1. پەيغەمبەرلەر دىننى يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا مەسۇمدۇر:

پەيغەمبەرلەر دىننى يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا مەسۇم(خاتالىشىپ سالمايدۇ)، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان نەرسىلەردىن بىرەر نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ياكى كېمەيتىپ قويمايدۇ. ئۇلار ئاللاھ ۋەھىي قىلغان نەرسىلەردىن بىرەر نەرسىنى يۇشۇرۇپ قالمايدۇ. چۈنكى يوشۇرۇش خىيانەتتۇر، پەيغەمبەرلەرنىڭ خىيانەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس:«ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ» (مائىدە سۈرىسى، 67-ئايەت).

ئەگەر ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يوشۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىپ قالسا دەرھال ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ:«ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسي قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى» ھاققە سۈرىسى،44-47-ئايەتلەر). پەيغەمبەرلەرنىڭ دىننى يەتكۈزۈشتە خاتالاشمايدىغانلىقنىڭ دەلىلى:«ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھينىلا سۆزلەيدۇ» (نەجم سۈرىسى،3-4-ئايەتلەر).

6.پەيغەمبەرلەردىن بەزى كېچىك بەزى سەۋەنلىكلەر يۈز بېرىدۇ:

قۇرئان كەرىم تەۋھىدنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەردىن يۈز بەرگەن بەزى كېچىك سەۋەنلىكلەرنى بايان قىلغان. پەرۋەردىگار دېگەن پەرۋەردىگار، ئىنسان دېگەن ئىنساندۇر. بۇ ئىنسانىي خاراكتېردىكى كۆرۈنۈشلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتالاشمايدىغانلىقىغا زىت كەلمەيدۇ:«يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ(سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن. ياكى ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن»(ئەبەسە سۈرىسى، 1-2-ئايەت).

ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن دىننى ئىنسانلارغا ساغلام يەتكۈزۈشكە ۋەدە ئالغان. پەيغەمبەرلەردىن يۈز بەرگەن بەزى بىر كېچىك سەۋەنلىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بىلەن ئالاقىسى يوق. پەيغەمبەرلەردىن كېچىك سەۋەنلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي خاراكتېرىنى تونۇتۇش ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەرلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئەھۋالدا ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك سەۋەنلىك بولسا، ئاللاھ دەرھال ۋەھىي چۈشۈرۈپ خاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىسلاھ قىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر كېچىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىمۇ ئىنسانىيەتنى يېتەكلەشكە بىردىن بىر لاياقەتلىك كىشىلەردۇر. بۇ كېچىك سەۋەنلىكلەر ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە يېتەكچىلىك ئورنىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەش، خىيانەت قىلىش ۋە رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ئوخشاش كىشىلەر قاچىدىغان گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ سېلىشىتىن پاكتۇر.

(5)

پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇرئاندىكى ئىسىملىرى

قۇرئان كەرىم بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بايان قىلماي، بەزىسىنى بايان قىلغان. قۇرئان كەرىم بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېنىق بايان قىلغان، يەنە بەزىلەرنىڭكىنى ئېنىق بايان قىلمىغان، باشقا ئىشارەتلەردىن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلىنگەن.

قۇرئان كەرىم ئىسىملىرىنى ئېنىق بايان قىلغان پەيغەمبەرلەر: ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ، شۇئەيب، ئەييۇپ، مۇسا، ھارۇن، داۋۇت، سۇلايمان، ئىلياس، يۈنۈس، يەھيا، ئەيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم 4پەيغەمبەرنى زىكىر قىلىپ، پەيغەمبەرلىكىنى ئالاھىدە ئېنىق بايان قىلمىغان. ئۇلار: ئادەم، زۇلكىفل، ئىليەسە ۋە زەكەرىيا ئەلەيھسسالاملاردىن ئىبارەت. بۇ 4 پەيغەمبەر توغرىسىدا ئېنىق بايان كەلمىگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەرلەر بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىنغانلىقى پەيغەمبەرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرنىڭ تىزىملىكىدىن باشقا يەنە 3 ئىسىمنى ئايرىم تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشارەت قىلمىغان. ئۇلار: لوقمان، زۇلقەرنەيىن ۋەخىزىردىن ئىبارەت.

1.لوقمان توغرىسىدا كەلگەن ئايەتلەر، ئۇنىڭغا ھىدايەتنىڭ بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ:«بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق» (لوقمان سۈرىسى، 12-ئايەت). لوقمانغا بېرىلگەن ھېكمەتتە تەۋھىد، ئەدەب-ئەخلاق، ناماز، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش زىكىر قىلىنغان. بۇلار ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە شەرىئەت ئېلىپ كەلگەنلىكىگە دەلىل بولالايدۇ.

2.زۇلقەرنەيىن:زۇلقەرنەيىن توغرىسىدا پەيغەمبەرلىكىگە ئېنىق ئىشارەت يوق. بىراق كەھف سۈرىسىدىكى 86-88-ئايەتلەر ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بىۋاستە خىتاب قىلغانلىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

3.خىزىر:قۇرئان كەرىم ئۇ توغرىدا خېلى مەلۇماتلارنى بەرگەن. بۇ مەلۇماتلارنىڭ ئاخىرىدا:«ئۇنى (يەنى يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)» دېگەن.(كەھف سۈرىسى، 82-ئايەت). مانا بۇ ئايەت ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كۈچلۈك بەلگە. بولۇپمۇ بالىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى، ۋەھىي كەلمىسە ئۇنداق قىلىشى ئەقىلغا سىغمايدۇ.

(6)

پەيغەمبەرلەرنىڭ راستچىللىق دەلىل- پاكىتلىرى

ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە يۈكلىگەن ۋەزىپە ناھايىتى چوڭ مۇھىم ۋەزىپىدۇر، شۇڭا ئۇ كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلارغا مۇھتاج:«ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر(يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر)گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن)خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر, ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (نىسا سۈرىسى، 165-ئايەت).

راستچىل پەيغەمبەرنىڭ يالغاندىن پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچىدىن ئايرىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى مۆجىزىلەر بىلەن قوللىغان. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە ھاياتى پەيغەمبەرلىكىگە ئېنىق دەلىل بولسىمۇ، تەرسا ۋە مۇتەكەببۇر ئادەملەرگە باھانە قويماسلىق ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى مۆجىزىلەر بىلەن قوللاپ تەستىقلىغان. مۆجىزە پەيغەمبەردىن باشقا مەخلۇقنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. پەيغەمبەرلىكنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلگەن ئادەتتىن تاشقىرى خاراكتېردىكى مۆجىزە ئىنكار قىلغۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىدۇ. ھېچقانداق بىر ئىنسان مۆجىزىگە تاقابىل تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ:«ئېيتقىنكى،«ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ, ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ» (ئىسرا سۈرىسى، 88-ئايەت). پەيغەمبەرلىكنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلگەن مۆجىزىلەر شەك-گۇماننى يوقىتىش ۋە راستچىللىقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كېلىدۇ، شۇنداقلا جەڭ ئېلان قىلىپ كېلىدۇ.

پەيغەمبەرلەرنىڭ راستچىللىقى ئۈچۈن مۆجىزىنىڭ بولىشى زۆرۈر مەسىلە، پەيغەمبەر ئۆزىنى تەستىقلايدىغان ۋە قوللايدىغان مۆجىزىگە مۇھتاج. مۆجىزە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ۋە قورالى. مۆجىزە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان كىملىك ياكى پاسپورتقا ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئادىتى يالغانچىلارنى قوللىمايدىغانلىقى، بەلكى رەسۋا قىلىپ تاشلايدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان.

مۆجىزە ئەقلى جەھەتتىن مۇمكىن بولىدىغان ۋە ئەمەلىي يۈز بەرگەن ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىدۇر. كائىنات قانۇنىيەتلىرىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ماددى ۋە مەنىۋى مۆجىزە پەيغەمبەرنىڭ راستچىلىققىغا پاكىت بولۇپ، ھەقىقەت ئىزدىگۈچىنى ئېنىق ھۆججەت ۋە روشەن ھەقىقەت ئالدىدا قويىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەردىن باشقا ئىنسانلار  بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ.

مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىزگە تونۇشلۇق شەكلىدە داۋاملىشىشى ئەقلى جەھەتتىن زۆرۈر نەرسە ئەمەس، ئۇ بىز ئادەتلەنگەن نەرسىدۇر.

ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىك سۈپىتىگە ئىشەنسەڭ، مۆجىزىگە ئىشىنىش لازىم. مۆجىزىنى ئىنكار قىلىش پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىم پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ مۆجىزلىرىنى ئىنكار قىلسا ئەخمەقلىق بولىدۇ.

ئەقىل ۋە بىلىم مەرىپەت مۆجىزىنىڭ مۇمكىنلىكىنى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىمايدۇ، چۈنكى ئەقىل ۋە بىلىم-مەرىپەت كەسكىن پاكىتلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئاللاھنىڭ نەرسىلەرنى، سەۋەبلىرىنى ۋە ئىنتىزامىنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرۈپ بەردى.

ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىر، كائىناتنىڭ ئاچقۇچى ئاللاھنىڭ قولىدا، ئۇ خالىغىنىنى قىلىدىغان زات. كائىناتنى ياراتقان زاتنىڭ ئىنسانلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا خالىغان نەرسىنى ۋەھىي قىلىپ، ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى جارى قىلدۇرۇشى تەس ئىش ئەمەس.

مۆجىزە كىشىلەرنى قانائەتلەندۈرۈپ توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش ئۈچۈن يۈز بېرىدىغان بولغاچقا ھېكمەت ۋە مەنپەئەتتىن خالى ئەمەس. ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەردىن باشقىسى مۆجىزىنى ئىنكار قىلمايدۇ.

 

ئابدۇراخمان كاشغەرى

2015- يىل

مىسىر