2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىلاھىي ۋەھىي توغرىسىدا

ئىلاھىي ۋەھىي توغرىسىدا

(1)

ياراتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ياراتقۇچى زات بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئالاقىنىڭ بولىشى زۆرۈر. ياراتقۇچى زات بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقە پەيغەمبەرلىك، ۋەھىي، شەرىئەت ۋە ئاسماندىن چۈشۈرۈلگەن كىتابتا نامايان بولىدۇ. ۋەھىينىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن مەسىلە، ئەقىل ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ھېس قىلالايدۇ، چۈنكى غەيبى (مېتافىزىكا) دۇنياسى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان يول بولىشى لازىم. غەيبى ئالەمنىڭ خەۋەرلىرىنى ماددى دۇنياغا يەتكۈزىدىغان يول ۋەھىيدىن ئىبارەت. ئەگەر ۋەھىي بولمىغان بولسا ئەقىل دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنىڭ تەپسىلاتىغا يېتەلمىگەن بولاتتى. ياراتقۇچىدىن يوليورۇق تاپشۇرۇۋېلىش، ئىنساندىكى روھىي تەرەپنى چۈشىنىش ۋە بۇ تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى قانداش ئۈچۈن ۋەھىيگە ۋە پەيغەمبەرلىككە ئىنساننىڭ ئېھتىياجى بار. ئىنسان نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان؟ ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسى نېمە ۋە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا ئېنىق روشەن جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋەھىي ۋە ئىلاھىي كۆرسەتمىگە ئېھتىياج بار. بۈگۈنكى تېز ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى ۋەھىينىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەقلىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

ۋەھىي پەيغەمبەرلىك ۋە شەرىئەت تايىنىدىغان بىرىنچى ئاساستۇر. (غەيبى (مېتافىزىكا) خەۋەرلىرى، ئەقىدە مەسىلىلىرى ۋە قانۇن ئەھكاملىرىنىڭ بىرىنچى مەنبەسىدۇر. چۈنكى ۋەھىي ئۆزلىكىدىن ئويلىنىپ ئەقىلگە تايىنىپ قانۇن يولغا قويىدىغان ئىنسان بىلەن ئاشۇرماستىن ياكى كېمەيتمەستىن ياكى ئۆزگەرمەستىن ئۆز پىتى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئىنسان ئارىسىدىكى ھالقىلىق بىردىن-بىر پەرقتۇر.

ۋەھىي غەيبى ئالەمدىن ماددى ئالەمگە يۈزلىنىپ، ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلماقچى بولغان مەرىپەتنىڭ ئەڭ ساغلام يولى. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە ئىبادەت ئىنسان ئەقلىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، ۋەھىينىڭ كۆرسەتمىسى.

 

(2)

ۋەھىينىڭ مەنىسى

ۋەھىي مەسىلىسى خالىس غەيبى (مېتافىزىكا) مەسىلە. ۋەھىي دېگەن ئىنسانلار ئادەتلەنمىگەن مەخپى يول بىلەن پەيغەمبەرگە ئاللاھ تەرەپتىن رىسالە (ۋەزىپە) يەتكۈزۈش دېگەن مەنىدە. باشقىچە تونۇشتۇرغاندا بىرەر پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. ۋەھىيدىن ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك تەرىپى پەقەت تەستىقلاشتۇر.

ۋەھىي دېگەن سۆز قۇرئاندا 78 قېتىم ئەتراپىدا كەلگەن، بىراق ۋەھىينىڭ غەيبى تەرىپى تەپسىلاتتىن خالى. قۇرئان كەرىم ۋەھىي توغرىسىدا سۆزلىگەندە تەستىقلاش ياكى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە يەتكۈزۈش نۇقتىسىدىن سۆزلىگەن. بىراق ئۇنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا بايانلار ئاز كەلگەن:«ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان  نەرسىنى ۋەھىي قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (شۇرا، 51-ئايەت).

بۇ ئايەت پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىينى ئاللاھدىن قوبۇل قىلىش يوللىرىنى ئۈچ تۈرلۈك دەپ بەلگىلەپ بەرگەن:

بىرىنچى تۈرىدىكى ۋەھىيدىن مەقسەت ئىلھامدۇر، يەنى ئاللاھ بىرەر مەزمۇننى پەيغەمبەرنىڭ قەلبىگە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىگۈدەك دەرىجىدە روشەن سالىدۇ. پەيغەمبەرلەرگە نىسبەتەن چۈشمۇ ۋەھىينىڭ بىر تۈرى. سۈننەت (ھەدىس شەرىپ) مۇشۇ ئىلھام يولى ئارقىلىق ۋەھىي قىلىنغان.

ئىككىنچى تۈرى: ئۆزىنى كۆرسەتمەي پەردىنىڭ ئارقىسىدىن پەيغەمبەرگە خىتاب قىلىدۇ:«بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاستە) سۆز قىلغان چاغدا:«پەرۋەردىگارىم!ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرەي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى(بۇ دۇنيادا)ھەرگىز كۆرەلمەيسەن»دېگەن (ئەئراف سۈرىسى، 143-ئايەت). ئاللاھنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۇر تېغىدا ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىسرا-مىراج كېچىسى بىۋاستە سۆز قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان.

ئۈچىنچى تۈرى: ۋەھىيگە مەسئۇل پەرىشتە ئارقىلىق ۋەھىي قىلىش، يەنى پەرىشتە ۋەھىي ئېلىپ كېلىپ پەيغەمبەرگە يەتكۈزىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ تۈرىنى ئوچۇق بايان قىلغان:«شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى» (شۇئەرا، 192-194-ئايەتلەر). قۇرئان باشتىن ئاخىرغىچە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ئويغاق ۋاقتىدا نازىل بولغان.

 

(3)

ۋەھىينىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

1.ۋەھىينىڭ مەنبەسى ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ:

ۋەھىينىڭ مەنبەسى ئاللاھنىڭ ئىلمىدۇر، ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەقىقەتكە يېتىشكە بىرەر ۋاسىتە بىلەن پايدىلىنىشتىن بىھاجەت.

ۋەھىي ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھ تاللىغان پەيغەمبەرگە كېلىدۇ. ۋەھىينى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا نازىل بولىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ رىغبىتىگە بويسۇنمايدۇ. ۋەھىيدىن كەلگەن مەرىپەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشەنچىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بىلەن خاتالىقنىڭ يەنى ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

2.ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن مەرىپەت ئىنسانلار ئۈچۈن تولۇق ھىدايەت ۋە مەڭگۈلۈكتۇر، شۇنداقلا ھەر زامان ۋە ھەر ماكاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. چۈنكى ئۇ ھەر زامان ۋە  ھەر ماكاندىكى ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ قېشىدىن كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋەھىي زامان، ماكان ۋە مۇھىت بىلەن تەسىرلىنىپ قالمىغان. ۋەھىينىڭ مەرىپىتى ئىلاھى ھەقىقەت، يارىتىلغان كائىنات ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئۆز  ئىچىگە ئالغان. ۋەھىي ئىنسان يارىتىلىشنىڭ باشلىنىشى، نەتىجىسى، مەۋجۇدىيەت سىرى ۋە قىممەت-قاراش ئىزاھاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

3.ۋەھىي تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇقىملىققا ئىگە:

ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىي ھاۋايى-ھەۋەس، شەخسى خاھىشلاردىن ۋە شارائىتقا قارىتا ئۆزگىرىشتىن پاكتۇر. ۋەھىينىڭ چۈشۈشى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاننىڭ شارائىتىنى بىلىپ تۇرىدىغان زاتنىڭ بىلىشى ئاساسىدا چۈشكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى مۇقىم. ۋەھىينىڭ ئاساسلىرى مۇقىم بولۇپ ھەر قانداق شارائىتلار بىلەن ماسلىشالايدۇ. ۋەھىينىڭ بۇ مۇقىملىقى ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى بولۇشتا تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرگەن. چۈنكى ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم بولىشى ۋە ھەممە نەرسىگە قارىتا تەڭپۇڭ بولىشى لازىم. ۋەھىي مۇقىم بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ خاھىشىغا قاراپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، قىممەت-قاراشنىڭ ئاساسلىرى مۇقىم. ۋەھىي تەقدىم قىلىۋاتقان مەرىپەت مۇتلەق ئىشەنچىلىكتۇر.

  1. ۋەھىي ئەمەلىي ۋە ئىجابىيدۇر:

ۋەھىي ئىنساننى مەۋجۇدىيەت ھەقىقەتلىرى، ئىزباسارلىق شەكىللىرى؛ ئىمان، مەرىپەت ۋە ئويلىنىش مەسىلىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋەھىي رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلگەن، چۈنكى ئۇ رېئاللىققا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل بولغان ئەمەلىي بىلىم-مەرىپەت. شۇڭا ۋەھىي ئىنسانلار ھاياتىدا ھەقىقەت بىلەن ناھەقچىلىق ئارىسىنى ئايرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئىنساندىكى مەرىپەت ۋە ئاڭقىرىش ۋاستىلىرى سەل قارالغاندا قۇرئان ئۇنى ئەيىبلىگەن، ئەمەل قىلىنمايدىغان قانداقلىكى بىلىم-مەرىپەت بولسۇن ۋەھىيدە ئەيىبلىنىدۇ. ۋەھىيدە ئەمەل قىلىش بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئاساسي.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلاھى مېتود ئەمەلىي بولۇپ، ئىنساننىڭ پىكرىنى ئىسراپخورلۇقتىن قەلبى ئىجابىي ئەمەل قىلىشقا، كائىناتتىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ياكى كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ مېتود تەڭپۇڭلۇق، كائىنات بىلەن ماسلىشىش ۋە ئىنسانىي مەرىپەت ئومۇمىيلىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمەلىي، ئىجابىي ۋە تەڭپۇڭ مېتودتىن چەتنەش پىكرىي ياكى پسىخىكا ياكى ئەمەلىي جەھەتتىن داۋالغۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.

  1. ۋەھىينىڭ يولى خاستۇر: چۈنكى ۋەھىي ئاللاھ تاللىغان ۋە شەرىئەتنى كۆتۈرۈشكە تەييارلانغان بەزى ئىنسانلارغا خاس يول. بىر ئىنسان ئەقلىي، تىرىشچانلىقى ۋە ھېس قىلىش كۈچى ئارقىلىق ۋەھىينى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. بىر ئادەم ھەر قانچە تىرىشىپمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە ۋەھىي قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ.

 

  1. ۋەھىينىڭ غايىسىمۇ خاس:

قۇرئان كەرىم ۋەھىينىڭ ئىككى تۈرلۈك غايىسىنى ئېنىق بايان قىلغان. بىرىنچىسى:ئاللاھنى تونۇش ۋە يېقىنلىشىش. ئىككىنچىسى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە ئادالەتنى تۇرغۇزۇش. دېمەك، ۋەھىي ئاللاھنى تونۇشتۇرۇش، ئادالەتنى تۇرغۇزۇش يوللىرىنى بىلدۈرۈش ۋە ھەر قانداق ئىشلاردا ئادالەتنى ئاساس قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن:«بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق» (ھەدىد، 25-ئايەت).

دېمەك، ۋەھىي ئادالەتنىڭ مىزانى، ھەقىقەتنىڭ مېتودى ۋە ئاخىرەتتە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن دۇنيادا نەتىجە قازىنىشنىڭ يولىدۇر.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- يىل

مىسىر.