2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان كەرىم ۋە ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلار

قۇرئاندىكى ئەقىدە ئاساسلىرى (7)

قۇرئان كەرىم ۋە ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلار

قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ئىلاھى ۋەزىپە توغرىسىدا كۆپ توختالدى، چۈنكى ئۇ ئەمەلىي مەسئۇلىيەتكە ئالاقىدار. ئىلاھىي ۋەزىپە دېگەن: ۋەھىي پەيغەمبەرلەرگە ئېلىپ چۈشكەن ئەقىدە، شەرىئەت ۋە خەۋەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرگە كەلگەن ئىلاھى ۋەزىپىلەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىش قىلىش ۋەھىيگە ئىشىنىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى.
قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغا قارىتا پوزىتسىيىسى:
قۇرئان كەرىم بىر قانچە پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا تەپسىلى ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر قانچە ساماۋى كىتابلار ھەققىدە توختالغان.
بىرىنچى: تەۋرات:
قۇرئان كەرىم تەۋرات دېگەن سۆزنى 18 قېتىم زىكىر قىلغان. قۇرئاننىڭ تەۋرات توغرىسىدىكى بايانىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا خۇلاسىلاش مۇمكىن:
1. قۇرئان تەۋراتنى نۇر، مەشئەل ۋە زىكىر دەپ سۈپەتلىگەن.
2. تەۋرات ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب.
3. تەۋراتتىن كېيىنكى پەيغەمبەرلىكلەر ئۇنى تەستىقلاپ كەلگەن.
4. قۇرئان تەۋراتتا كەلگەن بەزى ھۆكۈملەرنى سۆزلەپ ئۆتكەن.
5.تەۋراتنىڭ ئامانىتىنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنىڭ بەزىسى ئامانەت بىلەن يەتكۈزگەن، يەنە بەزىسى يەتكۈزمىگەن. يەتكۈزمىگەنلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن. قۇرئان يەھۇدىلار توغرىسىدا سۆزلىگەندە ئۇلارنى خىيانەتچى ۋە ۋەدىسىز دەپ ئومۇمىي خىتاب قىلغان.
6.قۇرئان كەرىم ھازىرقى تەۋراتنىڭ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن تەۋرات ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ھازىرقى تەۋرات ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغان يەھۇدىلار تەرىپىدىن بۇرمىلانغان: «ئى مۆمىنلەر جامائەسى! (دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى» (بەقەر سۈرىسى، 75-ئايەت).
يەنە:«ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى(ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى »(مائىدە، 13-ئايەت).
ئىككىنچى: ئىنجىل:
قۇرئان ئىنجىل دېگەن سۆزنى 12 قېتىم بايان قىلغان، قۇرئاننىڭ ئىنجىل توغرىسىدىكى سۆزى بەزى نۇقتىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەۋراتقا ئوخشاپ كېتىدۇ.
1.قۇرئان ئىنجىلنى ھىدايەت، نۇر ۋە ۋەز-نەسىھەت دەپ سۈپەتلىگەن.
2.قۇرئان كەرىم ئىنجىلنى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب دەپ سۈپەتلىمىگەن. تەۋراتتىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن چەكلىك ۋەزىپە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىدە تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئارىسىنى جۇغلىغان :«ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى(يەنى سۆز-ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 48-49-ئايەتلەر).
3.قۇرئان كەرىم ئىنجىلغا قارىغاندا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. تەۋراتنى 18 قېتىم زىكىر قىلغان بولسا، ئىنجىلنى 12 قېتىم زىكىر قىلغان. مۇسا ئەلەيھىسسالامنى 136 قېتىم بايان قىلغان بولسا، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى 25 قېتىم بايان قىلغان. قۇرئاندا تېخىمۇ ئېنىق ئۇقۇم بار:«ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق» (ئەھقاف سۈرىسى، 29-30-ئايەتلەر).
4.تەۋرات ۋە ئىنجىلدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام- نىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئىنجىلدا كەلگەن بېشارەتلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر-لىكىنىڭ ئاساسىي بىر قىسمى قىلىنغاندەك خۇسۇسىيەت بار:«ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئەيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن»دېگەن. (سەپ، 6-ئايەت).
5.قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىكنى تەستىقلىغاندەك ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر-لىكىنى تەستىقلاپ كەلگەن.
6.قۇرئان ئىنجىلنىڭ مۇخلىسلىرى بولغان خرستىيانلار توغرىسىدا سۆزلەپ، ئۇلارنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. بىر قىسمى ھەقىقى ئىنجىل بىلەن تۇرغان، يەنە بىر قىسمى يالغان ئىنجىل بىلەن تۇرغان. ئىككىنچى قىسىمدىكى كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بايان كەلگەن:«بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار(ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ). (مائىدە سۈرىسى، 14-ئايەت).
7.قۇرئان كەرىم ھازىرقى ئىنجىلنى ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەس، بۇرمىلىغۇچىلارنىڭ ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت دەپ خۇلاسىلايدۇ:«ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ. ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋە لېكىن (ئۇ):«كىتابنى ئۈگەتكەنلىكىڭلار، ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىتائەتخۇمار بولۇڭلار»دەيدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 78،79-ئايەتلەر).
قۇرئان كەرىم تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن ئىبارەت ئىككى كىتابتا يۈز بەرگەن بۇرمىلىنىش مىقدارىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويمىغان. قۇرئاننىڭ نىشانى خۇددى بۇ ئىككى كىتاب ئىشەنچىلىك ئەمەس، شەخسى خاھىشلار ئارىلاشقان دېمەكچى بولسا كېرەك.
ئۈچىنچى:قۇرئاندا يۇقىرىقى ئىككى كىتابتىن باشقا زەبۇر ۋە بىر قانچە پارچە كىتابلار تىلغا ئېلىنغان.بۇ كىتابلار توغرىسىدا مەلۇماتلار ئاز كەلگەن.

ساماۋى كىتابلار توغرىسىدىكى قۇرئاننىڭ مېتودىدىن تۆۋەندىكى مۇلاھىزىلەرنى يەكۈنلەش مۇمكىن:
1.قۇرئان كەرىم ئەمەلىي تەرەپكە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، غەيبى تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالمىغان. مەسىلەن، قۇرئان ۋەھىينىڭ مۇمكىنلىكى ۋە ئىسپاتلانغانلىقى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. بىراق ۋەھىينى قانداق شەكىلدە تاپشۇرۇپ ئېلىشنىڭ شەكلى توغرىسىدا توختالمىغان. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم بۈگۈن زېمىندا قوللىغۇچىلىرى بار پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ توختالغان، زېمىندا مۇخلىسىلىرى قالمىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنلىرى توغرىسىدا تەپسىلاتىدىن يىراق تۇرغان.
2.قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى ئەھلى كىتابلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى توغرىسىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن دەپ بايان قىلغان.
3.قۇرئاننىڭ ئەھلى كىتابلارنىڭ كىتابلىرىنى ساختىلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكى بىزنى ئىككى ھەقىقەتكە يەتكۈزىدۇ. بىرىنچىدىن ھەزەر قىلىشىمىز ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئاللاھقا يالغان سۆزلىگەن خەلق قانداقمۇ مەخلۇققا يالغان سۆزلىمىسۇن؟. ئىككىنچىدىن مۇقەددەس دەپ ئاتالغان كىتابلار بۇرمىلىنىپ ساختىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس دەپ قارالمايدۇ.
4.قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنى باغلىغان. ئۇ ئىلاھى ۋەزىپىلەر بىر-بىرىنى تەستىقلايدۇ. ئۇلار ھىدايەت، نۇر ۋە رەھمەتتۇر. ئۇلار تەۋھىد ۋە ئادالەتكە ئوخشاش ئۆزگەرمەس مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
5.قۇرئاننىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى سۆزى قۇرئانغا ئېسىلىش ۋە ئەھكاملىرى بىلەن ئەمەل قىلىشقا ئالاقىدار ئەمەلىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشكەن. قۇرئان بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم مەسىلىلەر:
(1).قۇرئان كەرىمنىڭ نۇر، ھىدايەت ۋە ھەقىقەت دېگەندەك ئىسىملىرى ئارقىلىق ياكى يەر شارىدىكى ئىنسانلار مۇھتاج بولىدىغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ياكى ھەر ماكان ۋە زامانغا سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدىغان دۇنياۋى كىتاب ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق قۇرئاننىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىسىنى تەكىتلىگەن.
(2).قۇرئان ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا كەلگەن ئىشەنچىلىك ئىلاھى يوليورۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ھەقىقەت قۇرئاننىڭ ھەر تەرەپلىمە تۈرلۈك مۆجىزلىرى ئارقىلىق ئېنىق زىكىر قىلىنغان.
(3).مۇسۇلمانلار قانداق شارائىتتا قېلىشتىن قەتئىينەزەر ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمنى قوغداشقا كېپىل بولغانلىقى مۆمىنلەرنىڭ قەلبىنى خاتىرجەم قىلغانلىقتۇر. قىيامەت بولغۇچە قۇرئان ئۆز پىتى ساقلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ.
(4).قۇرئان كەرىم بۇرۇلۇپ كەتكەن مېتودلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.

 

(4)
قۇرئان كەرىم

 

قۇرئان كەرىم ئۆزى توغرىسىدا ئۇزۇن توختالغان. ئەڭ مۇھىملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا يەكۈنلەشكە ئۇرۇنىمىز:
بىرىنچى:قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى: قۇرئان كەرىم ئۆزىنى كۆپ ئىسىم ۋە سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن.
1. قۇرئان دېگەن ئىسىم 70 قېتىم ئەتراپىدا تىلغا ئېلىنغان.
2.كىتاب دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنغان.
3. فۇرقان (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) كىتاب دەپ تىلغا ئېلىنغان.
4.زىكىر دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنغان.
5.تەنزىل دېگەن ئىسىم بىلەن تىلغا ئېلىنغان.
6. نۇر، ھەقىقەت، ھىدايەت، پاكىت، ۋەز-نەسىھەت، بايان، شىپا، رەھمەت، ھېكىم ۋە ئەسلەتمە دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى قۇرئان كەرىم توغرىسىدا مۇكەممەل چۈشەنچە بېرىدۇ، قۇرئاننىڭ زېمىندىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئىككىنچى: قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشى (چۈشىشى) توغرىسىدا:
1.قۇرئاننى باشتىن ئاخىرغىچە ۋەھىي پەرىشتىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئېلىپ چۈشكەن.
2.قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىدا ۋە قەدىر كېچىسىدە چۈشۈشكە باشلىغان.
3.قۇرئان كەرىم بىر قېتىمدىلا بىر پۈتۈن چۈشمەي، 23 يىل جەريانىدا پارچە-پارچە چۈشكەن: «كاپىرلار:«قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا)يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە-پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئايرىم-ئايرىم نازىل قىلدۇق» (فۇرقان سۈرىسى، 32-ئايەت).
ئۈچىنچى: قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئىكەنلىكى توغرىسىدا:
قۇرئان كەرىم ئىنسان زېمىندىكى ۋەزىپىسىدە مۇھتاج بولىدىغان بارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. قۇرئان كەرىم ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، قانۇن ۋە ھايات تۈزۈمى كىتابىدۇر:«ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى)چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق» (نەھل سۈرىسى، 89-ئايەت).
مەسىلەن، قۇرئاندا ئەقىدىنىڭ تەپسىلاتى، ئىبادەت كۆرسەتمىلىرى، مۇكەممەل شەرىئەت ۋە تۈرلۈك تۈزۈمنىڭ ئاساسلىرى مەۋجۇت. قۇرئان كەرىم پرىنسىپال قاراشلىرى، ئاساسلىرى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرى ئارقىلىق ھەممە مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابتۇر.
تۆتىنچى:قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇمىي كەلگەن:
ئاللاھ:«(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» دەيدۇ. (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت).
يەنە:«سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ»(سەبە سۈرىسى، 28-ئايەت).
يەنە:«پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن)ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا)ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھ ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر» (فۇرقان سۈرىسى، 1-ئايەت).
بەشىنچى:ئاللاھ قۇرئاننى قوغداشقا كېپىللىك قىلغان:
ئاللاھ:«قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز» دەيدۇ (ھېجىر سۈرىسى، 9-ئايەت).
يەنە:«ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر» (فۇسسىلەت، 42-ئايەت).
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى تۈرلۈك شارائىتلار تۈپەيلى ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ 14ئەسىردىن بۇيان قۇرئان كەرىم ئاللاھ چۈشۈرگەندەك ئۆز پىتى ساقلانماقتا.
ئالتىنچى:قۇرئاندا مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ ئايەتلەر بار:
مۇھكەم ئايەتلەردىن مەقسەت:ئۇقۇمى روشەن، كۆرسەتمىسى ئېنىق ئايەتلەر مەقسەتتۇر. قۇرئان كەرىمدىكى مۇتلەق كۆپ نىسبەتتىكى ئايەتلەر مۇھكەم ئايەتلەر قاتارىدىن. مۇھكەم ئايەتلەر ئاساس ۋە پرىنسىپنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.
مۇتەشابىھ دېگەن: مەنىلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئايەتلەر ياكى كۆرسەتمىسى دەرھال بىلىنمەيدىغان ئىزدىنىشكە مۇھتاج بولىدىغان ئايەتلەر ياكى ئىزاھاتىدا بىر قانچە تۈرلۈك ئېھتىماللىقى بار ئايەتلەر مەقسەتتۇر. مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئاز بولۇپ، تارماق مەسىلىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.
يەتتىنچى: قۇرئان كەرىم مۆجىزە كىتاب، ھېچقانداق بىر ئىنسان ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتابنى كەلتۈرەلمەيدۇ.
ئاللاھ:«ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ, ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ»(ئىسرا ، 88- ئايەت).
يەنە:«ياكى ئۇلار:«(مۇھەممەد قۇرئاننى ئۆزى توقۇدى دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ. ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» (تۇر سۈرىسى، 34-ئايەت).
ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى قىلىشنى ئىرادە قىلغان. چۈنكى ئىسلام دىنى بارلىق مىللەتلەرگە ئوچۇق دىن، شۇڭا رەسۇلۇللاھنىڭ مۆجىزىسى ھەر ئەۋلاد، ھەر مىللەت ۋە يېقىن-يىراققا ئوچۇق تۇرۇشى مۇناسىپ. ئىسلام دىنى ئومۇمىي دۇنياۋى دىن بولغانلىقى ئۈچۈن مۆجىزىسىمۇ دۇنياۋى بولىشى لازىم.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى ئەقلىي، روھىي ۋە مەنىۋىي مۆجىزە بولۇپ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ئەۋلادلارغا خىتاب قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر زاماندىكى ئەۋلادلار بۇ مۆجىزىنى كۆرەلەيدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت ئەقلى ئۈچۈن خىتاب قىلىپ تۇرىدىغان دۇنياۋى مۆجىزە سۈپىتىدە كەلگەن. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن دۇنياۋى پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنلىكىگە مۇناسىپتۇر.
ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ماددى مۆجىزە بولۇپ، ئىشەنچىلىك كەسكىن يول بىلەن بىلىنمىگەن ئىدى. ئۇ ماددى مۆجىزىلەر پەقەت قۇرئان ئارقىلىقلا ئىشەنچىلىك ئىسپاتلاندى. ئۇ مۆجىزىلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان بولسا كىشىلەر ساپ سۈزۈك ھالەتتە بىلمەيتتى.
قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە پاكىت، ئاللاھ بۇ كىتابنى ئىنسانىيەت ئاجىز كېلىدىغان شەكىلدە مۆجىزە خاراكتېرلىك چۈشۈرگەن. قىيامەت بولغۇچە ھەر زاماندىكى ئەۋلادلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش كىتابتىن بىرنى كەلتۈرۈشكە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.
قۇرئان نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب. ھەر دەۋردىكى ئىنسانلار بىلىم-مەرىپەت، تەجرىبە ۋە ھايات تۈزۈملىرىدە تەرەققى قىلغانسېرى قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىرى تېخىمۇ نامايان بولىدۇ. ھەر دەۋر ئۆزىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە يارىشا مۆجىزىلەرنى كۆرەلەيدۇ. قۇرئاننىڭ مۆجىزىسى ئۆزلۈك مۆجىزە بولۇپ، ئۆز ئۆزىدىن مۆجىزىلىكى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.
قۇرئان ھەر دەۋردىكى ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ئىلاھى ۋەزىپىلەرنىڭ يىغىندىسى ۋە مۇقىم ھەقىقەتلەرنىڭ بىرلەشمىسى. قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ ھايات يولىنى سىزىپ بېرىدىغان ھىدايەت دەستۇرى؛ ئادالەت، رەھىمدىللىك ۋە كۆيۈنۈش ئاساسلىرىنى يولغا قويىدىغان قانۇندىن ئىبارەت.
قۇرئان كەرىم كەلگەندىن تارتىپ ئىلمىي مۆجىزە بولۇپ ئەقىلگە خىتاب قىلماقتا ۋە جەڭ ئېلان قىلماقتا، قەلب ۋە ۋىجدانغا نىدا قىلىپ تۇرماقتا. بىرەر ئىنساننى ھەقىقىتىنى چۈشىنەلمىسىمۇ ئىمان ئېيتىشقا قىستىمايدۇ. بەلكى ھەر بىر ئادەمنى نەزەر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش ۋە ھەقىقەتلىرى توغرىسىدا چوڭقۇرلاشقا چاقىرىدىغان مۆجىزىدىن ئىبارەت.
ئىسلام دىنى ئەقىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ۋە ئەقىل بىلەن قېرىنداش «دىن» بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دىننىڭ راستچىللىق پاكىتلىرى بولغان مۆجىزىلىرى ئەقلى قېرىنداشلىققا ئۇيغۇن بولىشى كېرەك:«سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت (مۆجىزە)، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى» (ئەنئام سۈرىسى، 157-ئايەت).
قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ چوڭ مۆجىزىسى بولۇپ، ئەقلى بار ئادەملەرگە ئويلانسا مۆجىزە جەھەتتە يېتىپ ئاشىدۇ:«ئۇلار:«نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت بىر ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا (مۆجىزە بولۇشقا) كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قوۋم ئۈچۈن شەك-شۈبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز-نەسىھەت بار» (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 50-51-ئايەتلەر).
دېمەك، يۇقىرىقىلارغا بىنائەن قۇرئان كەرىم ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن كىتاب بولۇپ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. بۇ كىتاب ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت سۈپتىدە نازىل بولغان كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، سۆزى ۋە مەنىسى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا جىبرىئىل ئارقىلىق چۈشكەن. بۇ كىتاب قىيامەتكىچە ئاللاھ تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان كىتاب بولۇپ، بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىتابتۇر. ھەر دەۋر ئىنسانلىرى ئەقلى قابىلىيىتىگە يارىشا بۇ كىتابنىڭ ھەر تەرەپلىمە مۆجىزلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

مىسىر

2015- يىلى