2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

جىن ۋە شەيتانلار

قۇرئاندىكى ئەقىدە ئاساسلىرى (9)

جىن ۋە شەيتانلار

جىنلار يەنە بىر ئايرىم غەيبى دۇنيا. قۇرئان كەرىم بىزگە جىنلارنىڭ بارلىقىنى كەسكىن شەكىلدە خەۋەر قىلدى. بىزگە كۆرۈنمەيدىغان غەيبى (مېتافىزىكا) مەخلۇقلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى، ئەقلى جەھەتتىن مۇمكىن ئىشلارنىڭ قاتارىدىن. شۇڭا ئۇنى ھېچقانداق پاكىتسىز ئىنكار قىلىش ئىشەنچىلىك قۇرئان خەۋىرىنى يالغانغا چىقارغانلىق بولۇپ قالىدۇ. بىر نەرسىنى بىلمەسلىك ئۇ نەرسىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى كۆز ياكى ھېسسى ئەزاغا بويسۇنمايدۇ. بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىلمىي دەلىل- پاكىت ئىسپاتلانمىغۇچە يوق دېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىر نەرسىنىڭ بار ياكى يوق ئىكەنلىكىگە ئىلمىي پاكىت تېپىلمىسا، بۇ ھالەتتە ئىنسان بىلىمسىز ھېسابلىنىدۇ. بىر نەرسىنى بىلمەسلىك ئۇ نەرسىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى سىزدىكى بىلمەسلىكتىن ئىبارەت سۈپەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جىنلارنىڭ بارلىقى كەسكىن قۇرئان كەرىم خەۋىرى بىلەن ئىسپاتلاندى. دېمەك، پەرىشتە ۋە جىنلارغا ئىشىنىش مەسىلىسى ھەممە نەرسىدىن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىشىنىش مەسىلىسىگە چېتىشلىقتۇر. كىم ئاللاھقا ئىشەنمىسە، قۇرئان خەۋەرلىرىگە ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھقا، پەيغەمبەرلەر ۋە كىتابلارغا ئىشەندىم دەپ تۇرۇپ، قۇرئاندا ئېنىق بايانى كەلگەن جىنلارغا (كۆزگە كۆرۈنمىدى) دېگەن باھانە بىلەن ئىشەنمەسلىك دىنسىزلارنىڭ ئىدىيە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقنىڭ تەسىرىدۇر. جىنلار ئوتتىن يارىتىلغان مەخلۇقلار بولۇپ، ماددى شەكىللەرگە كىرەلەيدۇ. ماھىيىتى توغرىسىدا بىزگە كەلگەن خەۋەر شۇنچىلىك. جىنلاردا ئىنساندا بار كۆپلىگەن خاراكتېر مەۋجۇد، چۈنكى ئۇلارمۇ ئىنسانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان. ئىنسانلار ھېسابقا تارتىلغاندەك جىنلارمۇ ھېسابقا تارتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرى ۋە يامانلىرى بار. قۇرئان كەرىمدە 40 ئايەتتە جىنلار دېگەن سۆز 34 قېتىم ئەتراپىدا تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا بىر سۈرىنى «جىن» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىغان. بىرىنچى:قۇرئان كەرىم جىنلارنىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا:«جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى» دېگەن (رەھمان سۈرىسى، 15-ئايەت). ئىككىنچى:ئىنسان بىلەن جىنلار ئارىسىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئارىسىدا ئورتاقچىلىق ۋە ئوخشاشلىقنىڭ بارلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. بۇ تېمىدا جىنلار دېگەن سۆز 20 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. 1.جىنلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان:«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» (زارىيات سۈرىسى، 56-ئايەت). ئۇلار ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئىمان ۋە ئىبادەتكە بۇيرۇلغان، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلاردىن توسۇلغان. 2.ئۇلار غەيبنى بىلمەيدۇ:«سۇلەيماننىڭ ۋاپاتىنى ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا (يەنى ئۇنى ۋاپات قىلدۇرغىنىمىزدا) سۇلەيماننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن جىنلارنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن قۇرۇتلار خەۋەردار قىلدى. سۇلەيمان (ھاسىسىنى قۇرۇت يەپ) يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئېنىق بولدىكى، ئەگەر ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، خار قىلغۇچى ئازابتا (يەنى شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر ئەمگەكتە) قالمىغان بولاتتى» (سەبە سۈرىسى، 14-ئايەت).

  1. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ۋە يامانلىرى بار:«بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق» (جىن سۈرىسى، 11-ئايەت).

4.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى، كۇپۇرلۇق ۋە رەزىللىككە دەۋەت قىلغۇچىلار بار. 5.جىنلارنىڭ ئىنسانغا ئوخشاش كۆڭۈل-شەھۋەتلىرى بار.

  1. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئىنسانغا ئوخشاش ھېسابقا تارتىلىپ يا جەننەتكە ياكى دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ.

7.جىنلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش نەسىللىنىدۇ، يەپ-ئىچىدۇ.

  1. ئۇلارنىڭ زور ئىقتىدارلىرى بار. ماددى شەكىلگە كىرەلەيدۇ.

قۇرئان كەرىم مۇشرىكلارنىڭ جىنلار توغرىسىدىكى بەزى خاتا تەسەۋۋۇرلىرىغا رەددىيە بەرگەن. مەسىلەن، مۇشرىكلار جىنلارنى خالىغان ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشاتتى. ئاللاھنى قويۇپ جىنلارغا چوقۇنىدىغانلىرى بار ئىدى. دېمەك، قۇرئان كەرىم خاراكتېرى كۆپ جەھەتتىن ئىنسانغا ئوخشاپ كېتىدىغان غەيبى مەخلۇق جىنلار دۇنياسى توغرىسىدا مۇشۇنداق سۆزلەپ بەردى. ھەق بىلەن باتىل ئارىسىدىكى كۆرەش مەيدانلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ بەردى. مۇسۇلمان كىشى جىنلارنىڭ ۋەقەلىكىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياخشى ۋە يامان تۈرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئىبلىس ۋە شەيتانلار

قۇرئان كەرىمدە ئىبلىسنىڭ بايانى 11قېتىم تىلغا ئېلىنغان:«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۈرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن)سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا):«سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس:«مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى. ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى:«سەن بۇ يەردىن(يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن». ئىبلىس:«ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە(يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) مۆھلەت بەرگىن»دېدى. ئاللاھ:«ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ»دېدى. ئىبلىس ئېيتتى: «سېنىڭ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن ئۇلار(يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش)ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن, ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن» (ئەئراف سۈرىسى، 11-16- ئايەتلەر). ئىبلىس ئىنسان ئۈچۈن زور ھەقىقەتنى تەمسىل قىلىدۇ، ئۇ ناھەقچىلىقنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئوتىنى ياقىدۇ. ئىنساننىڭ ئىبلىس شەيتان بىلەن بولغان كۆرۈشى شىددەتلىك بولىدۇ. قۇرئان كەرىم «تەكەببۇرلۇق»نى پىتنىنىڭ ئاساسىي دەپ كۆرسىتىپ، ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرماقتا. قۇرئان كەرىم بىر قېتىم ئىنسانلارنى تەكەببۇرلۇق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان بولسا، يەنە بىر قېتىم مۇتەكەببىر زالىملارنى ئىبلىسنىڭ ئەسكەرلىرى دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن. تەكەببۇرلۇق ۋە خاتالىقنى سادىر قىلغان خاراكتېر ئىنسان تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان خاراكتېر ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلماقتا، چۈنكى ئىبلىس پەرىشتە ئەمەس، ئەسلىسى جىن ئىدى. قۇرئان كەرىم شەيتانلارنى88 قېتىم تىلغا ئالغان. پەرىشتىلەرنىمۇ 88 قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى، شەيتانلارنىڭمۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاشلا 88 قېتىم تىلغا ئېلىنىشى دىققەتنى تارتىدۇ:

  1. شەيتان دېگەن سۆزدىن بەزىدە ئىبلىسنىڭ ئۆزى مەقسەت قىلىنىدۇ. يەنە بەزىدە ئىبلىسقا ئەگەشكەن جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دېمەك، ئىبلىس يالغۇز ئەمەس، ئازغۇنلار گورۇھىنىڭ پىشۋاسىنى تەمسىل قىلىدۇ.

2.يەنە بەزىدە شەيتان دېگەن سۆزدىن بىر بۆلەك ئىنسانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىنسان مەسىلىسىگە خىيانەت قىلىپ، شەيتان يولىغا كىرىپ  كەتكەن ئازغۇنلار مەقسەتتۇر:«شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر-بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ» (ئەنئام سۈرىسى، 112-ئايەت). 3.شەيتانلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش، ئاللاھنىڭ ھەق يولىدىن توسۇش، يولسىز ۋە ناھەق ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. 4.ئىنسان پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ياكى شەيتانغا قارىشى داۋاملىشىۋاتقان جەڭنىڭ ھەقىقىتىنى ئۇنتۇپ قالغاندا شەيتاننىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا شەيتان ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدۇ. 5.شەيتاننىڭ پارتىيىسى ۋە ئەسكەرلىرى بولىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ھېس قىلىشتۇر.

  1. ئىنسانغا جىن چاپلىشىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇنداق ئىشلارغا ئاللاھنى ئەسلەش ئارقىلىق قارىشى تۇرۇشقا بۇيرۇغان.

7.قۇرئان كەرىم شەيتان ۋە پارتىيىسىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە:«ئىش پۈتكەندە(يەنى ھېساب تۈگەپ،جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىيلەر ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان:«ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە(ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش, ساۋاب،جازا دېگەنلەر يوق،دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە)خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققىلا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر(دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھغا (ئىبادەتتە)شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ»دەيدۇ»(ئبىراھىم سۈرىسى، 22-ئايەت). ئاخىردا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئىنسان توغرا يولنى تاللاپ، ئىرادىلىك بولسا، شەيتان ۋە پارتىيىسى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ:«شەيتاننىڭ تەدبىرى ھەقىقەتەن ئاجىزدۇر» (نىسا سۈرىسى، 76-ئايەت). شەيتان پەقەت دەۋەت قىلىش، چىرايلىق كۆرسىتىش ۋە ۋەسۋەسە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بىراق كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسىنى بۇزۇپ، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى يامان ئىشلارغا يۈزلەندۈرۈپ خاتا يولغا تارتىپ كېتىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوق. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ياخشى ياكى يامان يولنىڭ بىرنى تاللاشتا ئەركىن. شەيتان ئىمانى سۇس ۋە ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ:«مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)»(ھىجىر سۈرىسى، 42-ئايەت). دېمەك، شەيتاننىڭ ئىش-ھەرىكەت چېكى پەقەت يوشۇرۇن ۋەسۋەسە قىلىش ۋە كۆڭۈلنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن يامانلىققا چاقىرىش بىلەن چەكلىنىدۇ. ئاخىردا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، بەزىلەر جىن بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا، جىنلارنى بەزى غەيبى ئىشلانى بىلىدۇ قارىماقتا. ئاددى-ساددا ئاياللار ۋە ئەقلى كېچىك كىشىلەرنى ئالدىماقتا. جىن بىۋاستە پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە ئەمەس. ئىسلام دىنى داخان، باخشى، مۇنەججىم ۋە جىنكەشلەرگە ئىشىنىدىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. سەھى ھەدىستە كېلىشىچە جىنكەشلەرگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا بارغانلارنىڭ 40 كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، دەپ دېيىلگەن.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2015- يىل

مىسىر.