2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش توغرىسىدا

قۇرئاندىكى ئەقىدە ئاساسلىرى (8)

پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش توغرىسىدا

پەرىشتىلەر (مالائىكىلەر) بىزگە نورمال ھالەتتە كۆرۈنمەيدىغان نۇردىن يارىتىلغان مەخلۇقلار بولۇپ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچكە ئىگە. ئۇلار ماددى نەرسىلەرنىڭ قىياپىتىگە كىرەلەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئىنسانغا ئوخشاش ئىختىيارلىق بەرمىگەن، شۇڭا دائىم ئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئىبادەت ئىچىدە ياشايدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا پەقەت خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇلار ھۆرمەتلىك مەخلۇقلار بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەلىماتلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، كائىناتتا بەلگىلەنگەن مىقدار بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

پەرىشتىلەر ئىنسانلار دۇنياسىغا ئوخشىمايدىغان ئايرىم بىر دۇنيا. قۇرئان كەرىم پەرىشتىلەر دۇنياسى ھەققىدە سۆزلىگەندىمۇ ئەمەلىي نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىرىنچى:قۇرئان پەرىشتىلەر (مالائىكىلەر) دېگەن سۆزنى 88 قېتىم ئەتراپىدا تىلغا ئالغان. قۇرئان كەرىم پەرىشتىلەر توغرىسىدا سۆزلىگەندە ئەھمىيەتسىز توختالمىغان.

ئىككىنچى: قۇرئان كەرىم پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئۈچ قېتىم توختالغان.

ئۈچىنچى: ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغاندا قۇرئان كەرىم پەرىشتىلەرنى 11 قېتىم ئەتراپىدا تىلغا ئالغان، ھەر بىر قېتىم تىلغا ئالغاندا ئىنساننى ھۆرمەتلەش ۋە ئىنساننىڭ زېمىندىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغان.

تۆتىنچى:قۇرئان كەرىم پەرىشتىلەرنى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، باش ئېگىدۇ ۋە ئىبادەت قىلىدۇ دەپ تونۇشتۇرغان. بۇ تېمىدىكى پەرىشتىلەر دېگەن سۆز توققۇز قېتىم ئەتراپىدا كەلگەن.

بەشىنچى:قۇرئان كەرىم مۇشرىكلارنىڭ پەرىشتىلەر توغرىسىدىكى بولمىغۇر تەسەۋۋۇرلىرى ۋە خاتا پوزىتسىيىلىرىگە رەددىيە بەرگەن. بۇ تېمىدا پەرىشتىلەر دېگەن سۆز 21 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. شۇنداقلا مۇشرىكلارنىڭ پەرىشتىلەرنى ئايال جىنسلار دەپ قارىغان خاتا تەسەۋۋۇرلىرىغىمۇ رەددىيە بەرگەن.

ئالتىنچى:پەرىشتىلەر مۆمىنلەرنى قوللايدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى مۆمىنلەرگە ياردەم بېرىشكە ۋە قوللاشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان مۆمىنلەرنىڭ دوستىدۇر. پەرىشتىلەر مۆمىنلەرنىڭ مەنپەئەتىگە دۇئا قىلىدۇ، رەھمەت تىلەيدۇ، جەڭلەردە ھەمكارلىشىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىدۇ ۋە سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا بىشارەت بېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەرىشتىلەر يەتتە قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

يەتتىنچى: قۇرئان كەرىم پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسان بىلەن ئالاقىسى بار بۇ دۇنيادا قىلىدىغان بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلىرىنى بايان قىلغان. بۇ توغرىدا پەرىشتىلەر 15 قېتىم تىلغا ئېلىنغان:

1.ئاللاھ پەرىشتىلەر (جىبرىئىل) ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئەۋەتىدۇ.

2.ئۇلار ھەر بىر ئىنساندىن ئايرىلماي، ئىنساننىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى خاتىرلەپ تۇرىدۇ.

3.ئىنساننىڭ ئەجىلى توشقاندا جاننى ئالىدۇ.

سەككىزىنچى:پەرىشتىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى رولى 13 قېتىمدەك تىلغا ئېلىنغان. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇنىڭدا ئېنىق غايىسى بار. تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك نەمۇنىلەرگە قاراپ باقايلى.

1.ئىنساننىڭ قەلبىگە ھەيۋەت ۋە قورقۇنچ سالىدۇ:«(ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇ-ئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا، پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ -سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا. (گۇناھكارلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن) جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، شۇ كۈندە ئىنسان (يەنى كاپىر) (دۇنيادىكى قىلمىشلىرىنى) ئەسلەيدۇ، (بۇ چاغدا) ئەسلىگەننىڭ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى بولسۇن» (فەجر سۈرىسى، 20-23-ئايەتلەر).

2.مۆمىنلەرگە قارىتا ئۈنس-ئۈلپەت ۋە خۇشاللىق رولىنى ئوينايدۇ:«ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇ نېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ» (ئەنبىيا سۈرىسى، 102،103-ئايەت).

3.كاپىرلار ۋە زالىملارغا قارىتا ئالاھىدە رولى بولۇپ، ئاللاھ ئۇلار ئارقىلىق كاپىرلارنىڭ ھەسرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ:«ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ» (تەھرىم سۈرىسى، 6-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئىنسانغا تەقدىم قىلماقچى بولغان پەرىشتىلەر توغرىسىدىكى بۇ نۇقتىلار مۇكەممەل بىر سۈرەتنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ سۈرەت غەيبنىڭ ھەقىقىتىنى ھېكايە قىلىپ بەرمەيدۇ ۋە پەلسەپە دۇنياسىدىكى ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇ سۈرەت پەرىشتىلەر دۇنياسى توغرىسىدا ئىنسان بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بىرەر ئايەتتە پەرىشتىلەرنىڭ ئەركەك ياكى چىشىلىقى توغرىسىدا ياكى ئۇلارنىڭ يارىتىلىش ماھىيىتى توغرىسىدا ياكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلمىغان. ئۇلار نەسىللىنەمدۇ ياكى يەپ-ئىچەمدۇ؟ بۇ توغرىدىمۇ ھېچ سۆز قىلمىغان. شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرمۇ  كەلمىگەن. بىراق ئۇلارنىڭ ئىنسان بىلەن ئالاقىسى بار ئەمەلىي تەرەپلىرىنى بايان قىلغان.

دېمەك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە قۇرئانغا ئىشەنگەن ئىنسان پەرىشتىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بۇ ئاساسلارنى ئىسپاتلاشقا كۆپ مەركەزلەشتۈرگەن. ئاللاھنىڭ يەككە-يېگانىلىقى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ راستچىللىقى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزلىكى توغرىسىدا كۆپ توختالغان. كىم بۇ ئاساسلارغا ئىشەنسە قۇرئاندا كەلگەن تەلىماتلارغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. كىم بۇ ئاساسلارغا ئىشەنمىسە ئۇنى قۇرئاندىكى خەۋەرلەر بىلەن قانائەتلەندۈرىمەن دەپ ئۇرۇنۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

 

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى

2015- يىلى