2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش (1)

قۇرئاندىكى ئەقىدە ئاساسلىرى (10)

قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش

ئاللاھ بۇ ھاياتنى ئەھمىيەتسىز ۋە غايىسىز ياراتمىغان، ئاللاھنىڭ ھەر بىر  ئىشلىرى ھېكمەت ۋە غايىدىن خالىي ئەمەس. ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا سىناق ئۈچۈن ياراتقان. سىناق ھاياتى بولغان بۇ دۇنيا ئاخىرلاشقاندا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئالدىغا تىزىلىدۇ، شۇ چاغدا ئىلاھى ئادالەت مەھكىمىسى تۇرغۇزۇلىدۇ، بۇ مەھكىمىدە ھېچ بىر ئىنسان قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ، ئىنسانلار قىلغان ئىشلىرىغا قارىتا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازالىنىشتىن ئىبارەت ھەققىنى  ئالىدۇ.

قىيامەت كۈنى كائىناتنىڭ بارلىق تۈزۈمى بۇزۇلىدىغان، ئاسمان ۋە زېمىن قاتلىنىدىغان بىر كۈندۇر. قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر مەخلۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس. قىيامەت بولىدىغان ۋاقىت يېقىنلاشقاندا يەر شارى ۋە باشقا كائىناتلاردىكى ھاياتلىق ئاخىرلىشىدۇ.

قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىسىكى ھالقىلىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىنسان قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئارقىسىدا زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش بولمىسا ئىتائەت قىلىشقا ئۆزىنى باسالمايدۇ. ئىنسان كۈتۈپ تۇرغان مۇكاپات بولمىسا ئاللاھقا ۋە ئاللاھ چۈشۈرگەن شەرىئەتلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نەتىجە يارىتالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشنىڭ ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن يولنى تۇتۇپ مېڭىشتا چوڭ رولى بار. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا بەختلىك بولىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشى زۆرۈر، چۈنكى قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم زۇلۇم، بۇزغۇنچىلىق ۋە رەزىللىكتىن چەكلەنمەيدۇ.

قىيامەت مەسىلىسى ئىنساننىڭ ھاياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنى توغرىسىدا كۆپ توختىلىپ ئىنسانغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. قۇرئان كەرىم تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا پاكىتلارنى بايان قىلغان ۋە ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنىدىن غاپىل قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان. شۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. مەسىلەن:

1.قۇرئان قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش مەسىلىسىنى ساناپ بولغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تىلغا ئالغان.

2.كۆپىنچە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش مەسىلىسى ئاللاھقا ئىشىنىش مەسىلىسى بىلەن بىرگە بايان قىلىنغان.

3.قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنىگە ئالاقىدار ئۆلۈم، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تېرىلىش، قىيامەت كۈنى ھەممە ئىنسانلارنىڭ بىر مەيدانغا توپلىنىشى، ھېساب بېرىش، ئىشلارنى جىڭلايدىغان ئۆلچەم، ئىنسانلارنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرى يېزىلغان خاتىرە، جەننەت ۋە دوزاخ مەسىلىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەپسىلى بايان قىلغان.

تۆۋەندە مۇسۇلمان كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگە ئالاقىدار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

 

(1)

قىيامەت كۈنىنىڭ بار ئىكەنلىكىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرى

قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنىنى ئىسپاتلاشتا ئىنسان ۋە كائىناتنىڭ يارىتىلىشىنى دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرگەن. كائىناتنى يوقلۇقتىن ياراتقان ئاللاھ يەنە بىر قېتىم ياراتسا چەكلەيدىغان ياكى بولمايدۇ دەيدىغان ھېچقانداق ئىللەت يوق، قايتا يارىتىش دەسلەپتە يارىتىشتىن ئاسان. بۇ ئەقلى جەھەتتىن مۇمكىن مەسىلە. ئەقىل ئىگىلىرى بىر ئىشنى يېڭىدىن باشلاش بىلەن قايتىدىن قىلىشنىڭ باراۋەر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. قۇرئان كەرىم ئۇ مەسىلىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، خەۋەر بەرگۈچى قۇرئان بولسا ئوچۇق ئاشكارا مۆجىزە كىتاب، ئۇنداقتا نېمىگە ئىشەنمەيمىز؟.

ئاللاھ قۇرئاندا:«مۇشرىكلار «بىز قۇرۇق سۆڭەك ۋە چىرىپ توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم قايتا تىرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟›› دېيىشىدۇ. سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قېيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار:‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟›› دەيدۇ‹‹سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ››دېگىن»دەيدۇ (بەنى ئىسرائىل سۈرىسى، 49-51-ئايەتلەر).

چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە، ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۆلۈكنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ ئىنساننى ئۆرنەكسىز گۈزەل شەكىلدە ياراتقان زات ھەر بىر ئىنساننى ئۆز ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە قادىر، چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن خەرىتىسىنى ۋە جىسمىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي بىلىدۇ، ئىنساننىڭ بەدىنىدە قانچىلىك ھۈجەيرە ۋە زەررىلەرنىڭ بارلىقى خاتىرلەنگەن خاتىرە بار. تۇپراققا چېچىلىپ كەتكەن ھۈجەيرە ۋە زەررىلەرنى قايتىدىن توپلاش ئاللاھقا نىسبەتەن ئاسان بىر ئىشتۇر. ئاللاھ  بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، بول دەيدۇ، شۇ زامان پەيدا بولىدۇ.

ئاللاھ ئىنساننىڭ دىققىتىنى يارىتىلىش ھالىتىگە قاراتماقتا:«ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى. ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى)مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ:«چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى. ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر» (ياسىن سۈرىسى، 77-79-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىزنى قايتىدىن تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھېسسى رېئاللىققا ئىنساننىڭ تەپەككۇر ئېڭىنى باشلىماقتا. ئاللاھ ئاسمان-زېمىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۈلكىدە خالىغانچە ئىش قىلالايدىغان زات:«(ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئويلاپ كۆرمىدى) بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى. ئۇلار ئېيىتتى :«بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟. ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر». ئېيتقىنكى،«زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار(ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)». ئۇلار:ئاللاھنىڭ»دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند-نەسىھەت ئالمامسىلەر؟. ئېيتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟»ئۇلار«ئاللاھ»دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟». ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)». ئۇلار:«ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەرقانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟»   ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر» (مۆمىنۇن سۈرىسى، 81-89- ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنسان ھېس قىلالايدىغان ۋە بۇ دۇنيادا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلەيدىغان ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن:«ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»(رۇم سۈرىسى، 50-ئايەت).

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا ئۇيقۇ ۋە ئويغىنىش كۆرۈنۈشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتمەكتە:«ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان(يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر)نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار» (زۇمەر سۈرىسى، 42-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ  ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تېرىلىش توغرىسىدا:«ئىنساننىڭ قۇيرۇق سۆڭىكى ياكى تۇغۇر سۆڭىكى (Coccyx) دىن باشقا پۈتۈن ئەزالىرى چىرىپ كېتىدۇ، قۇيرۇق سۆڭىكىدىن ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرىدۇ» دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

قايسى بىر ئىنسان مۇشۇ بايانلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ، يەنە تەرسالىق قىلىشتا چىڭ تۇرسا ئۇ يالغانچى ئىنساندۇر، ئۇنىڭغا دەلىل ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئىچكى جەھەتتىن مەغلۇب قىلىدىغان ۋە تەرسالىقنى سىلكىپ تاشلايدىغان ئادەملەرگە مۇھتاج. قۇرئان كەرىم بۇ نۇقتىنى دەلىل سۈپتىدە ئىشلەتكەن، قۇرئان كەرىم ئۇنداق ئىنساننى كۈچلۈك سىلكىش ۋە ئۆز-ئۆزى بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار:«بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟»دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر». بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى)ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر»دەيدۇ. بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان(ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر. (ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار. ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار(جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ. (ئاندىن) ئۇلارغا:«نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر-بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟»(دېيىلىدۇ). بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر»(سافات، 16-26- ئايەتلەر).

ئىنسان بۇ دۇنيادا مەسئۇلىيەت ئاساسىدا يارىتىلغان ئىكەن، چوقۇم ھېساب بېرىشى ۋە شۇ ئاساستا مۇكاپات ياكى جازاغا ئۇچرىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئەقىل، ئىرادە ۋە ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەنگەن، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەۋەتىلىپ، كىتاب چۈشۈرۈلگەن ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ئەھمىيەتسىز بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇندىن سىرت مۇتلەق ئادالەتنى تۇرغۇزۇش بۇ دۇنيادا مۇمكىن بولمايدۇ، شۇڭا مۇتلەق ئادالەت تۇرغۇزۇلىدىغان، زالىملاردىن ئىنتىقام ئېلىنىدىغان بىر كۈننىڭ بولىشى لازىم.

ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ھايات روھى ۋە ماددى ھاياتتۇر. قۇرئاندا كەلگەن ئايەتلەر بۇ توغرىدا كەسكىن ۋە روشەن بايان قىلىنغان. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى ھاياتىنى ماددىي ۋە مەنىۋى قىلىشىنى ئىرادە قىلغان تۇرسا  ئاللاھغا نېمە چەكلىمە بار؟

(2)

قىيامەت كۈنىنى ئىخچام شەكىلدە سۈپەتلىگەن

قۇرئان كەرىمنىڭ قىيامەت كۈنى توغرىسىدا ئىشلەتكەن ئىسىملىرى:

ھېساب كۈنى، قىيامەت كۈنى، ھەسرەت كۈنى، قايتىدىن تېرىلىدىغان كۈن، ھەق-بىلەن ناھەق ئايرىلىدىغان كۈن، ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئۇچرىشىدىغان كۈن، يېقىنلىشىۋاتقان كۈن، ياردەمگە بىر-بىرىنى چاقىرىشىدىغان كۈن، توپلىشىدىغان كۈن، ئازاب بىلەن ۋەدە قىلىنغان كۈن، مەڭگۈ قالىدىغان كۈن، قەبرىدىن چىقىدىغان كۈن، ئاخىرەت كۈنى، ئاخىرەت، ۋاقتى بەلگىلەنگەن كۈن، قەدىر-قىممىتىنى بىلمەيۋاتقان كۈن، چوقۇم يۈز بېرىدىغان كۈن، قورقۇنچلۇق كۈن، چوڭ خاپىلىق بار كۈن، قۇلاقنى پاڭ قىلىۋىتىدىغان كۈن ۋە چارچىتىۋىتىدىغان كۈندىن ئىبارەت 23 ئىسمى بار. قىيامەت كۈنىنىڭ ئىسىملىرىدىن ھەر بىر ئىسمى ئاشۇ كۈننى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ ۋە بىزنى توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەيدۇ.

(3)

قىيامەت كۈنىنىڭ تەپسىلاتى

ئىنسانغا نىسبەتەن قىيامەت كۈنى ئۆلۈم بىلەن باشلىنىدۇ، كائىناتقا نىسبەتەن كائىنات نىزامىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن باشلىنىدۇ، ئاندىن ھادىسىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۈز بېرىپ يا مەڭگۈلۈك جەننەت بىلەن يا مەڭگۈلۈك دوزاخ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بىرىنچى: ئۆلۈم:

ئۆلۈم غەيبى(مېتافىزىكا) نەرسە ئەمەس، ئۇ ھېسسى كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسە. ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئۆلۈم ئىزاھلاشقا مۇھتاج ئەمەس، شۇڭا ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا پەلسەپىۋى خاراكتېرلىك چوڭقۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئىنساننىڭ ئۆلۈم ۋاقتى كەلگەندە گەپ-سۆز قىلالمايدىغان ھەرىكەتسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ھەقىقەت. مانا بۇ ئۆلۈم.

قۇرئان كەرىم «ئۆلۈم» دېگەن سۆزنى 165 قېتىمدىن كۆپرەك تەكرارلىغان، بۇ ئىبرەت ئېلىش جەھەتتە يېتەرلىك. ئىنسان ئۇنتۇپ قالىدىغان مەخلۇق، شۇڭا ئەسلىتىپ تۇرىدىغان نەرسىگە مۇھتاج بولىدۇ. ئىنسان ئۆلۈمنى ئۇنتۇپ قالسا ھەددىدىن ئېشىپ خاتا يولغا قەدەم باسىدۇ، بىراق ئۆلۈمنى ئەسلىسە ھەقىقەتنى ئەسلەپ توغرا يولدا مېڭىشى مۇمكىن. قۇرئاندا ئۆلۈم تىلغا ئېلىنسا ئىنسانغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن كېلىدۇ، زالىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى بېرىش ئۈچۈن كېلىدۇ، غاپىل ئاسىي ئىنساننىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئۆلۈم كەلسە بەلگىلەنگەن مۇددىتىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كېلىدۇ. قۇرئان كەرىم ئۆلۈم توغرىسىدا سۆز قىلغاندا پەقەت ھاياتنىڭ پايدىسى ۋە ياخشىلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.

ئىككىنچى: قەبرە ۋە بەرزەخ ھاياتى:

بەرزەخ ھاياتى ئىنسان ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا بىۋاستە باشلىنىدىغان باسقۇچ بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. قەبرە ھاياتىنىڭ مۇددىتى ئېنىق ئەمەس. ئىنسان قەبرىدە قويۇلغاندىن كېيىن يا قەبرىسىدە راھەتلىنىدۇ يا ئازابلىنىدۇ. قەبرە توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلەتكەن.

قۇرئان كەرىم قەبرە باسقۇچى، ئۇنىڭ خاراكتېرى، ئىنساننىڭ خاراكتېرى، قانچىلىك تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بايان كەلتۈرمىگەن. بىر ئاز ئىشارەت بايان قىلغان. دېمەك، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن بۇ دۇنياغا قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە يېتەرلىك.

ئۈچىنچى: قىيامەتنىڭ بەلگىلىرى:

ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ قىيامەتنىڭ بولىدىغان ۋاقتى توغرىسىدا بەزى بەلگىلەرنى بەلگىلەپ قويغان. قۇرئان كەرىم بايان قىلغان چوڭ بەلگىلەر تۆۋەندىكىچە:

1.ئىسا ئەلەيھىسسالام زېمىنغا چۈشىدۇ، زېمىندا بىر مۇددەت تۇرۇپ ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرىنى تۇرغۇزىدۇ، ئىسلام شەرىئىتىنى تەتبىقلايدۇ:«ئۇ (يەنى ئىسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر» (زۇخرۇپ سۈرىسى،61-ئايەت).

يەنە:«ئەھلى كىتابتىن(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن)ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى  ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە)ئىمان ئېيتىدۇ. ئىسا قىيامەت كۈنى ئۇلار(يەھۇدىيلارنىڭ ئىسانى دارغا ئاستۇق دېگەن داۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى)غا گۇۋاھ بولىدۇ» (نىسا سۈرىسى، 159-ئايەت).

2.يەجۈج-مەجۇجنىڭ چىقىشى. يەجۈج بىلەن مەجۈج زېمىندا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ، زېمىندا نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىندا قاچان ئاشكارا بولىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر ئىنسان بىلمەيدۇ:«يەجۈج-مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ. راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ» (ئەنبىيا سۈرىسى، 96-ئايەت).

3.ئاخىر زاماندا ئىنسانلار بۇزۇلۇپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تاشلىغاندا ئىنسانلارغا گەپ قىلىدىغان بىر ھايۋان چىقىپ، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ مۆجىزلىرىگە ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى سۆزلەيدۇ:«ئۇلار(يەنى كۇففارلار)غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا(يەنى ئازاب ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ»(نەمل سۈرىسى، 82-ئايەت).

  1. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئىشارەت تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئىشارەتلەر بار. سەھىي ھەدىستە بۇلاردىن باشقا تىلغا ئېلىنغان بىر قانچە ئالامەتلەرمۇ بار.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى