2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قىيامەتنىڭ يۈز بېرىش جەريانى (2)

قۇرئاندىكى ئەقىدە ئاساسلىرى (11)

 

قىيامەتنىڭ يۈز بېرىش جەريانى

 قىيامەتنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھېچقانداق بىر مەخلۇق قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋە كائىناتنى پۈتۈن قاپلايدىغان زور ۋەقەدۇر. قۇرئان كەرىم قىيامەتنىڭ يۈز بېرىشى توغرىسىدا بىر قانچە نۇقتىدىن توختالغان.

بىرىنچى:قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر مەخلۇق بىلمەيدۇ:

قىيامەت شەكسىز يۈز بېرىدۇ، ھېچبىر بىر مەخلۇق ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قىيامەت كۈنىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىر مەخلۇق بىلمەيدۇ، قىيامەت ئۇشتۇمتۇت بولىدۇ. قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت بولىدىغانلىقى ئىنساننى قىلمىشلىرىغا ھېساب بېرىشتىن قورقۇشقا ئىتتىرىدۇ. قىيامەت ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى ئىنساننىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى يوسۇندا قىلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ.

قىيامەت كۈنى سۈر چېلىش بىلەن باشلىنىدۇ. سۈرنىڭ چېلىنىشى دۇنيا ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقان- لىقىنىڭ سىگنالى.قىيامەت كۈنى باشلانغاندا كائىنات نىزامى پۈتۈن بۇزۇلىدۇ. شۇ چاغدا بۇ دۇنيادا ياشاش ئىمكانىيىتى پەقەت قالمايدۇ(تەكۋىر سۈرىسى،1-ئايەتتىن 8-ئايەتكىچە، قىيامەت سۈرىسى 1-ئايەتتىن 7- ئايەتكىچە قارالسۇن).

ئىككىنچى: ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش:

ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش باسقۇچى باشلىنىدۇ:«(ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) يارىتىلىشىڭلار، (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرۈلۈشىڭلار پەقەت بىر ئادەمنىڭ يارىتىلىشى، بىر ئادەمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىگە ئوخشاشتۇر» (لوقمان، 28-ئايەت).

ئىنساننى دەسلەپتە ياراتقان زات يەنە تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىر، ئاللاھقا نىسبەتەن يېڭىدىن يارىتىش بىلەن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوخشاشلا بىر ئىشتۇر. ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز بۇ مەسىلە چۈشىنىشلىكتۇر.

ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشمۇ سۈر چېلىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. سۇرنىڭ چېلىنىشى كوللېكتىپ ئۆلۈمنىڭ ئېلانى، شۇنداقلا قايتىدىن كوللېكتىپ تىرىلىشنىڭ ئېلانىدۇر:«ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا-سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ. ئۇلار:«ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن)كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالى بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ. پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ» (ياسىن سۈرىسى، 49- 54-ئايەتلەر).

بۇ كۈندە قاتتىق قورقۇنچ باسىدۇ، چۈنكى بۇ ھەسرەت چېكىدىغان ۋە پۇشايمان قىلىدىغان كۈن:«ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ. ئۇلار (ئاللاھدىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» (مائارىج سۈرىسى، 42-44- ئايەت)

ئۈچىنچى:مەھشەرگاھ مەيدانىدا توپلىنىش:

قايتا تىرىلگەندىن كېيىن خالايىقلارنىڭ ھەممىسى مەھشەرگاھ مەيدانىدا توپلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق مەيداندۇر. بۇ ھېساب بېرىدىغان كۈندە ھەممە ئادەم غەمگە چۆمىدۇ، پەيغەمبەرلەرمۇ ئى ئاللاھ ئامانلىق ئاتا قىلغايلا دەپلا تۇرىدۇ. بۇ ئايەتكە قاراڭ:«ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) مەھشەرگاھقا يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز. ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ-سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىڭغا توغرىلىنىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ، دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز» (كەھف سۈرىسى، 47-ئايەت).

 

تۆتىنچى:ھېساب ئېلىش، مىزان ۋە ئەمەللەر:

ھېسابتىن مەقسەت ئاللاھ ھەر بىر ئىنسانغا دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزى بىلىدىغان يول ئارقىلىق كۆرسىتىپ قويىدۇ. ھېساب ئارقىلىق ئېسىل كىشىلەرنىڭ پەزىلەتلىرى ۋە گۇناھكار زالىملارنىڭ رەسۋالىقى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا ئاشكارا بولىدۇ. ھېسابنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىشى، ئاسان ياكى تەس بولىشى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلۈك بولىدۇ.

ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىدىن ئادىل سوئال-سوراق بولىدۇ:«ئۇ كۈندە(يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)،ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا(مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك)ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر» (ئال ئىمران، 30-ئايەت).

يەنە:«قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتەلمەيدۇ) ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز» (ئەنبىيا سۈرىسى، 47-ئايەت).

ئىنساننىڭ قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى يېزىلغان خاتىرە بىلەن بىرلىكتە، ئىنساننىڭ ئاسىيلىق قىلغان ئەزالىرى ئېتىراپ قىلىشقا باشلايدۇ:«شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)» (ياسىن سۈرىسى، 65-ئايەت).

 

بەشىنچى:پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش:

ھېساب بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدۇ. جەننەتكە مۇيەسسەر بولغان مۆمىنلەر بۇ كۆۋرۈكتىن تېزلىكتە ئىمانى ۋە ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇش مىقدارىغا قاراپ سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتەلمەي دوزاخقا يىقىلىدۇ: «سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر. ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز» (مەريەم سۈرىسى، 71، 72-ئايەتلەر).

قايسى ئادەم ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چەتنەپ كەتمەي توغرا يولدا ھايات كەچۈرسە، جەھەننەم ئۈستىگە سېلىنغان پىلسىرات كۆۋرۈكى كەڭرى بولىدۇ. كىم دۇنياغا دۈم چۈشۈپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن ھالقىپ كېتىپ قالسا، پىلسىرات كۆۋرۈكى ئۇ ئادەمگە تار بولىدۇ.

 

ئالتىنچى: شاپائەت مەسىلىسى:

قۇرئان كەرىم شاپائەت قىلىش مەسىلىسىنى بەزى ئىنسانلارغا تار دائىرىدە ئىسپاتلىدى. قۇرئان كەرىم شاپائەتنىڭ قايسى تۈردىكى گۇناھلارغا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرمىدى، شاپائەت مەسىلىسىنى ئىخچام ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. قۇرئان كەرىم شاپائەت مەسىلىسىدە ئەمەلىي مەسىلىنى نىشان قىلغان. كاپىرلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مۇسۇلمانلاردىن ئىش-ھەرىكەت قىلىش ۋە تېرىشىشنى ئىرادە قىلغان:«ئىنسان قانچىلىك ئىش-ھەرىكەت قىلسا، نەتىجىسى شۇنچىلىك كۆرىدۇ»(نەجم سۈرىسى، 39-ئايەت). بۇ ئايەت ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئىش-ھەرىكەت ۋە تېرىشچانلىققا ئىتتىرمەكتە.

شاپائەت قىلىش ئاللاھنىڭ خالىغان بەندىلىرىگە قىلغان مېھرىبانلىق كۆرۈنۈشلىرىدىن بولغان بىر كۆرۈنۈشىدۇر. شاپائەت تۈرلۈك شەكىلدە بولىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ خالىغان گۇناھكار ئاسىي مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بۈيۈك شاپائەت قىلىش رۇخسىتىنى بېرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەھشەرگاھ مەيدانىدىكى بارلىق ئىنسانلارغا قورقۇنچ بىلەن توشۇپ كەتكەن مەھشەرگاھ مەيدانىدا ئۇزۇن تۇرۇپ كېتىش ۋە دەھشەتلىك قورقۇنچىدىن ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن شاپائەت قىلىدۇ. شۇنداقلا بىر بۆلەك ئادەملەرنىڭ جەننەتكە ھېسابسىز كېرىپ كېتىشىگە شاپائەت قىلىدۇ. ئاسىي گۇناھكار مۇسۇلمانلارنى دوزاختىن چىقىرىشتا پەيغەمبەرلەر، پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەرمۇ شاپائەت قىلىدۇ.

شاپائەت قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، شاپائەت قىلىش ھوقۇقى ئاللاھ رۇخسەت بەرگەن كىشىلەرگە خاس بولىدۇ:«بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ» (تاھا سۈرىسى، 109-ئايەت). شۇڭا شاپائەتكە ئىشتەي ساقلاپ ئولتۇرماي، ياخشى- ئىش -ھەرىكەتلەرنى داۋاملىق قىلىش لازىم.

يەتتىنچى:.جەننەت ياكى دوزاخ:

ئىنسانلار بۇ دۇنيادا تۈرلۈك بولۇپ، ئىش-ھەرىكەتلىرى بىر بىرىنڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن مۇكاپات ياكى دوزاخ جازاسىغا ھەقلىق بولىدۇ. ياخشىلار مەڭگۈلۈك جەننەتكە، ناچارلار مەڭگۈلۈك دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ. ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ). ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ» (نەجم سۈرىسى، 39-ئايەت).

جەننەت بىلەن دوزاخ ماددىي نەرسىدۇر، جەننەتنىڭ نېمەتلىرىمۇ ھېسسىي ۋە ماددى بولۇپ، روھ بىلەن بەدەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. دوزاخنىڭ ئازابىمۇ ھېسسىي ۋە ماددى بولۇپ روھ بىلەن بەدەن تەڭ جازالىنىدۇ. جەننەتنىڭ نېمەتلىرى تۈگىمەس  مەڭگۈلۈك نېمەتتۇر، دوزاخنىڭ ئازابلىرىمۇ تۈگىمەس ئازابتۇر.

 

جەننەت:

قۇرئان كەرىم جەننەت ۋە جەننەت ئەھلىنىڭ ناھايىتى گۈزەل سۈپەتلىرى توغرىسىدا كۆپ توختالغان:«ئۇلارنىڭ سەۋر-تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ. جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ. ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ. ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ. جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار. قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلىقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن. قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن(تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى پاك شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى» (ئىنسان سۈرىسى، 12-22-ئايەتلەر).

يەنە:«شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ. مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ» (ياسىن سۈرىسى، 55-56-ئايەتلەر).

دوزاخ:

قۇرئان كەرىم شۇنداقلا دوزاخ ۋە دوزاخ ئەھلىنىڭ دەھشەتلىك قەبىھ سۈپەتلىرى توغرىسىدىمۇ كۆپ توختالغان:«كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز-نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز-نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى(يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق» (فاتىر سۈرىسى، 36-37 -ئايەت).

يەنە:«پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارمۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، قايناپ تۇرغان دوزاخنىڭ (ئېشەك ھاڭرىغاندەك)سەت ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن:«سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ» (مۈلك سۈرىسى، 6-8-ئايەتلەر).

يەنە:«كاپىرلار:«بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز»دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جىدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا:«ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ. چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا:«سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار»دەيدۇ. بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە-كۈندۈز قىلغان ھىيلە-مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتىڭلار»دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ» (سەبە سۈرىسى، 31-33-ئايەتلەر).

مانا بۇلار  قىيامەت توغرىسىدا مۇسۇلمان  كىشى كەسكىن ئېتىقاد قىلىشقا تېگىشلىك غەيبى ھەقىقەتلەردۇر. ئاللاھغا بولغان ئىمان بۇ غەيبى ھەقىقەتلەردىن ئايرىلىپ قالسا توغرا بولمايدۇ. ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن قىيامەتكە ئىمان كەلتۈرۈش بىر- بىرىدىن پەقەت ئايرىلمايدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى