2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى (1)

 

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى

 

بۇ ماقالىدىكى تېمىلار:

1.تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى

2.تەقدىرگە ئىشەنگەنلىك ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشەنگەنلىك

3.تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى

4.ئىختىيارلىق بىلەن مەجبۇرلۇق ئارىسىدىكى ئىنسان

5.ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگۈچىلەرنىڭ گۇمانلىرى

6.ئىنساننىڭ قۇدرىتى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى

7.تەقدىر ۋە سەۋەب

8.تەقدىر ۋە ياخشى ئەمەل

9.تەقدىر ۋە رىزىق

10.تەقدىر ۋە ئەجەل

11.گۇناھ ئىشلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىش

12.گۇناھلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىشنىڭ خاتالىق تەرەپلىرى

13.تەقدىرنى مۇداپىئە قىلغىلى بولامدۇ؟

14.ھىدايەت بىلەن ئېزىش ئارىسىدىكى ئىنسان

15.خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ دېگەننىڭ مەنىسى

16.تەقدىرنىڭ سىرى

17.تەقدىرگە ئىشىنىڭ مىۋىسى

 

 

كىرىش  سۆز

 

بۇ ماقالە دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ«تەقدىرگە ئىشىنىش» ناملىق كىتاۋى ئاساس قىلىنغان ھالدا 2006-يېزىلغان.

قازا قەدەرگە ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى ئاللاھغا ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى توغرا بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان.

ئىسلام دىنى: ئاللاھ كامالەت سۈپەتلىرى، ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى ۋە ماختاش ئامىللىرىغا بىردىن بىر ھەقلىق زات دەپ قارايدۇ.

تەقدىر مەسىلىدە ئەقىل ۋەھىيگە ماسلاشتى:«ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياراتتى، ئۇلارنى بېجىرىم ياراتتى(يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى. مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆرسەتتى»،(سۈرە ئەئلا، 2،3-ئايەت).

ئاللاھ كەڭرى ئىلىم، تولۇق ئىرادە ۋە كامىل قۇدرەت سۈپەتلىرىگە ئىگە زات. ئۇ خالىغان نەرسىلەرنى قىلالايدۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلىم «بىلىش»سۈپتى ئىمان كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. قازا-قەدەر ئەقىدىسى مۇشۇ سۈپەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. تەقدىرگە ئىشىنىش ئاللاھغا بولغان ئىماننى تولۇقلايدىغان ئىماننىڭ ئاساسىدۇر.

ئاللاھنىڭ «ئىلمى» ھەممە نەرسىدىن كەڭرى، ئۇ ھەممە نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار. ئاللاھنىڭ ئىلمى ماكانلار ھەر خىل، زامانلار خىلمۇ-خىل بولسىمۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھېچقانداق بىر شەيئى ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن(بىلىشىدىن) سىرتتا قالمايدۇ.

ھايات ساھەسىدىكى ياخشىلىق-يامانلىق، ئۈمىد-قورقۇش، خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن ئىبارەت ھايات كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلاھى ئىلىم(بىلىش) ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرىدۇ:«ئاسمان-زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر، (سۈرە يۈنۈس-61-ئايەت).

دىن دۈشمەنلىرى ئىسلام ئەقىدىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ ھەقتە ھەر تۈرلۈك شەك-گۇمانلارنى پەيدا قىلىشتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشى تەقدىرگە ئىشەنگەنلىكتىن بولغان دەپ ھەقىقەتنى سەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىغا تەقدىرگە ئىشىنىش سەۋەبچى بولغان ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەقدىر مەسىلىسىنى توغرا چۈشىنەلمەسلىكى، ئۆز يولىدا توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقى، دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمەسلىكى ۋە دىنىغا ئەمەل قىلماسلىقى سەۋەپ بولغان.

ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى شۇكى، ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۆزىدىكى ئىللەت،  كېسەل ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرىنى بىلمەي يۈرۈيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىۋاتقان ناچار قىلىقلىرىغا تەقدىر مەسىلىسىنى باھانە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنماقتا.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كىشى بىر ئالىمدىن:ئىنسان ئىختىيارلىققا ئىگىمۇ ياكى ئىختىيارسىزمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئالىم، ئىنسان ئىككى خىل بولىدۇ: بىر تۈرى شەرقتە، يەنە بىر تۈرى غەربتە ياشايدۇ. بىرىنچى تۈرىدىكى ئىنسان ئىختىيارسىز، يەنە بىرسى ئىختىيارى ھۆر ئىنساندۇر، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ھېلىقى سوئال سورىغان كىشى بۇ جاۋابنى چۈشىنەلمەي بۇ نېمە دېگەن گەپ؟ مەن ئۆزلىرىدىن ئىنساندا ئەركىن ئىرادە ۋە مۇستەقىل قۇدرەت بارمۇ؟ ئىنسان ئىرادە ۋە قۇدرىتى بىلەن خالىغان نەرسىلەرنى قىلالامدۇ ياكى بىر ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنامدۇ؟ دەپ سوراۋاتىمەن دەپتۇ. ئالىم:«مەن ساڭا غەربتىكى ئىنسان مۇستەقىل، شەرقتىكى ئىنسان مۇستەملىكىگە  چۈشۈپ قالغان دەپ جاۋاپ بەردىمغۇ، دەپتۇ.

چۈنكى غەربتىكى ئىنساندا ئىرادە، ئىقتىدار ۋە قۇدرەت تېپىلىدۇ، شەرقتىكى ئىنساندا ئۇ ئىككى نەرسىنىڭ ھېچ بىرسى تېپىلمايدۇ!.

غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ئەقلى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىپ چىقتى، نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى. ئىرادىسى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ باشقا مىللەتلەرنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇردى. ئىقتىدار ۋە قۇدرىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ شەرق ۋە غەربنى كېزىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياساپ چىقتى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەسسە قوشتى.

ئەمما بىزچۇ، ھازىرغىچە ئىنساننىڭ تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەركىن ئەقلى بارمۇ؟ ئىرادە باغلىيالايدىغان ئىرادىسى بارمۇ؟ ھەرىكەتلىنەلەيدىغان كۈچ قۇدرىتى بارمۇ؟ دەپ سوراپ يۈرىمىز.

غەرب ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنىغا دۈچ كېلىپ، سۇ ئۈزەلەيدىغان ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ھايات دولقۇنى بىلەن ماسلىشىپ قىرغاققا يەتتى!

ئەمما شەرق ئەللىرىدىكى ئىنسان ھايات دولقۇنلىرى قاينىمىدا ئۆز ئۆزىدىن: مەن ھەقىقەتەن تىرىكىمۇ ياكى سۈكۈتلۈككە چۆمگەن جەسەتمۇ؟ دەپ سوراپ ئولتۇرماقتا.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ھايات دولقۇنى بۇ بىمەنە سەپسەتىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنى ھايات دېڭىزى يەپ كېتىدۇ.

 

مەن ئىختىيارلىققا ئىگە ھۆر ئادەممۇ ياكى ئىختىيارسىز مەجبۇر ئىنسانمۇ؟ دەپ يۈرمەي، ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان ئىقتىدارنى غەنىمەت بىلگىن، ھاياتلىقتا سىنىڭ ھەقىقى ھوقۇقىڭنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا سېنىڭ ئۈستىڭدە ھاياتقا قارىتا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغىن! ئۇمىدسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈر ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلىغىن! دىن ۋە دۇنياغا تولا يالغان سۆزلىمە!

بۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىسلام پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىنى توغرا چۈشىنىشىنى، شۇ ئارقىلىق خىزمەت ۋە ئەمەلگە ئاتلىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. تەقدىرگە ئىشىنىش ئەقىدىسى ھەر قانداق شارائىتتا-قورقماستىن-ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىغا رىئايە قىلغان ۋە ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى تولۇق قوللانغان ھالدا ئەمەل قىلىشقا ئىتتىرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھ نەتىجىنى تەقدىر قىلغاندەك سەۋەبنىمۇ تەقدىر قىلدى، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەتىجىلەرگە سەۋەبسىز يەتكىلى بولمايدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىدا سەۋەبسىز نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك ئوخشاشلا بىر قانۇنىيەت، چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاللاھنىڭ قانۇنى بىر.

بۇ توغرىدا ئاللاھ:«ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ»دەيدۇ، (سۈرە رەئدە-11- ئايەت).

 

 

 

(1)

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى

 

تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسى ۋە ئىدېئولوگىيىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. تەقدىرنىڭ مەنىسى: كائىنات ۋە كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر  تەخمىنەن ھەرىكەت قىلمايدۇ، كائىناتتا بىرەر ئىش ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە تەدبىرىگە بويسۇنماي تاسادىپىي ياكى ئەھمىيەتسىز پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى، ئىشلار يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىلەلەيدىغان ئەزەلى ئىلىمدۇر. ئاللاھ ئۇ ئىشلارنىڭ زامانىي، ئورنى، مىقدارى، شەكلى، خۇسۇسىيەتلىرى، سۈپەتلىرى ۋە ئەھۋالىنى تەقدىر قىلغان. كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى يېزىپ خاتىرىلىگەن، ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن ئاللاھ تەقدىر قىلغان شەكىلدە پەيدا بولىدۇ:«بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق»،(سۈرە قەمەر،49-ئايەت). «ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە)ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى»، (سۈرە فۇرقان، 2-ئايەت) دېگەنلىك بولىدۇ.

 

تەقدىرنىڭ باسقۇچلىرى:

ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى تەقدىر قىلىشىنىڭ مەنىسى، تۆت تۈرلۈك ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1.ئاللاھ ئىشلارنى پەيدا بولۇشتىن ياكى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ھېچقانداق بىر نەرسە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى، قانداق سادىر بولىدىغانلىقى، قاچان ۋە قەيەردە سادىر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ:«ئاسمان-زېمىنىدىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر»، (سۈرە يۈنۈس،61-ئايەت). يەنە: «قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى(ئاللاھغا مەلۇم بولۇپ)لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغاندۇر»،(ئەنئام،59-ئايەت)

ئاللاھ يۈز بېرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز يۈز بېرىدۇ، يۈز بەرمەيدۇ دەپ بىلگەن نەرسە ھەرگىز سادىر بولمايدۇ. خۇسۇسىي سۈپەت ۋە مۇئەييەن شارائىتتا يۈز بېرىدۇ دەپ بىلگەن نەرسە شەكسىز شۇ سۈپەت ۋە شۇ شارائىتتا يۈز بېرىدۇ، مەخلۇقلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن بىر نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس.

  1. كائىناتتا سادىر بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۆتكۈر خاھىشى ۋە ئومۇمى ئىرادىسى بىلەن سادىر بولىدۇ. بىرەرسىنىڭ سۆزى ياكى ئىش ھەرىكىتى بۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ:«ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى قىلمايتتى»(سۈرە ئەنئام، 112-ئايەت).

يەنە: «ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن  كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز ئارا ئۇرۇشماس ئىدى.لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ»(سۈرە بەقەر،253-ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار:«ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ»دېگەن سۆزىدە بىردەك ئىتتىپاق.

3.كائىناتتا ھەر بىر نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ تەسىرى، يارىتىش ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق.

  1. ئاللاھ كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قەدىمدىن تارتىپ«لەۋھۇلمەھپۇز»دىن ئىبارەت قېشىدىكى بىر كىتابقا خاتىرىلىگەن:«يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ(ئىش)شۈبھىسىزكى، ئاللاھغا ئاساندۇر»(سۈرە ھەدىد، 22-ئايەت). يەنە:«ئېيىتقىنكى، بىزگە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسە يېتىدۇ»،(سۈرە تەۋبە، 51- ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«بىلىپ قويغىنكى،ئەگەر ئۈممەت ساڭا بىر نەرسىنى پايدا يەتكۈزمەكچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ساڭا زىيان سالماقچى بولسا، ئاللاھ تەقدىر قىلمىسا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»دېگەن(تىرمىزى بايان قىلغان).

 

(2)

تەقدىرگە ئىشەنگەنلىك ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشەنگەنلىك بولىدۇ

 

ئىسلام دىنى ئېلىپ كەلگەن تەقدىرگە ئىشىنىش مەسىلىسى بەخت-تەلەيگە ياكى تاسادىپىيلىققا ئىشىنىش  مەسىلىسى بولماستىن، ئىسلام ئەقىدىسى ئالاھىدە بولغان ئىلاھى كامالەتنىڭ تەقەززاسىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت. ئىسلام ئەقىدىسى ئىلاھلىق مەسىلىسىدە پەلسەپىلەرنىڭ خىياللىرى ۋە دىنلارنىڭ بۇرۇلۇشىنى تۈزۈتۈپ قويدى. ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ«ئارىستوتېل»نىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلاردىن بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرىدىغان، ئۇ ئىشلارنى بىلمەي قالىدىغان ۋە ئۆز تەدبىرى بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئىلاھ ئەمەس. ئارىستوتېلنىڭ ئىلاھى كائىناتتىن بىخەۋەر بولۇپ ئۆزىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ.

ئىسلامدىكى ئىلاھ «مەجۇسىلارنىڭ ئىلاھى»غا ئوخشىمايدۇ. مەجۇسىلارنىڭ ئېتىقادىدا ياخشىلىق ۋە نۇرغا ئالاقىدار بولغان كائىناتنىڭ يېرىمىنى بىر ئىلاھ باشقۇرىدۇ، ئەمما يامانلىق ۋە قاراڭغۇلۇق تەرىپىگە ئالاقىدار بولغان قالغان يېرىمىنى باشقا ئىلاھ باشقۇرىدۇ.مەجۇسىلارنىڭ دىنىدا ئىككى ئىلاھ بولىدۇ: بىرسى ياخشىلىق ۋە نۇر ئىلاھى، يەنە بىرسى يامانلىق ۋە قاراڭغۇلۇق ئىلاھى. ئۇ ئىككى ئىلاھنىڭ ئارىسىدا ئاخىردا ياخشىلىق ئىلاھى غەلىبە قىلغانغا قەدەر ئۇرۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ«گرېكلارنىڭ ئىلاھى»غا ئوخشاش قالايمىقان ئىش قىلىدىغان ۋە ئىنسانىيەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ياشايدىغان ئىلاھ ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىدا تەقدىرنىڭ چاقچىقى، تەقدىرنىڭ زۇلۇمى ۋە تەقدىرنىڭ قاتتىقلىقى توغرۇلۇق سۆزلەر كۆپ.

شۇنداقلا«بەنى ئىسرائىل(يەھۇدىلار)»نىڭ ئىلاھىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەن تەۋرات كىتاۋى ۋە ئەپسانىلىرى ئىلاھنى ئىنتىقام ئالغۇچى، ۋەيران قىلغۇچى، ئىسرائىل مىللىتىگە مۇتەئەسسىپلىك قىلغۇچى، ئىنساننىڭ ئابى ھايات دەرىخىنى يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرگۈچى سۈپتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىلاھ بەزى ۋاقىتلاردا قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، ئىنسان بىلەن قارشىلىشىپ مەيداندا تەڭ تۇرالمايدۇ!.

«ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ» ھەر خىل پەلسەپىلەر ۋە تۈرلۈك دىنلار تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئىلاھ ئەمەس. ئىسلام دىنىدىكى ئىلاھ ھەممە نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى، يارىتىش ۋە بۇيرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە زات، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى ۋە ھەممە ئىشلارنى كونترول قىلغۇچى زات. ھېچ قانداق بىر نەرسە ئۇ ئىلاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇ زاتقا مەخپى بولۇپ قالمايدۇ.

ئۇ ئىلاھ ناھايىتى سېخى، ئادىل، مېھرىبان، رەھىمدىل، ھەممىنى بىلگۈچى، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. ئۇ ئىلاھ ھېچ بىر مەخلۇققا زۇلۇم قىلمايدۇ، بىر ئىنساننى باشقىلارنىڭ جىنايىتى بىلەن جازالىمايدۇ، بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئەجرىنى كېمەيتىپ قويمايدۇ ۋە يوق قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ خاتالىقسىز جازالىمايدۇ، ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى بىھۇدە قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ.

كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىلاھنىڭ تەقدىرى، كونتروللىقى، ئىرادىسى، بىلىشى ۋە ھىكمەت تەقەززاسى بىلەن بولىدۇ. تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. تاسادىپىيلىققا ئىشىنىش ياكى بەخت-تەلەيگە ئىشىنىش تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرگەنلىك بولمايدۇ.

«تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش»دېگەن ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى، ئىرادىسىنىڭ ئومۇملۇقى، قۇدرىتىنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە كائىناتتىكى ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت. كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ياكى سادىر بولۇۋاتقان ئىشلار ئىلگىرىكى پىلان، قەدىمقى تەدبىر، ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەممىدىن غالىب زاتنىڭ تەقدىر قىلىشىغا بىنائەن بولىدۇ.

 

(3)

تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى

 

تەقدىرنىڭ مەيدانلىرى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

 

بىرىنچى مەيدان: كائىناتتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار: 

 

ئوربىتىلارنىڭ ئايلىنىشى، سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى، شامالنىڭ يۆنىلىشى، بۇلۇتلارنىڭ تىز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشى، يامغۇرنىڭ يېغىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، زەررە چاغلىق نەرسىدىن تارتىپ ئالەم بوشلۇقىدىكى قوياش سىستېمىسىغا قەدەر خىلمۇ-خىل ئۆسۈملۈك ۋە جانسىز نەرسىلەردە يۈز بېرىدىغان ئومۇمى كائىنات نىزامىغا ئالاقىدار.

بۇ نەرسىلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەندىكىسى ۋە بىز كۆرەلەيدىغىنى ياكى كۆرەلمەيدىغىنىنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ئىرادىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ، بۇ نەرسىلەر ئاللاھ تەقدىر قىلغان قانۇن-نىزام بويىچە ماڭىدۇ.

يۇقىرىقى نەرسىلەردىن(بىلىش، يېزىلىش، ئىرادە، قۇدرەتتىن ئىبارەت)    تەقدىرنىڭ تۆت دەرىجىسى ئايرىلمايدۇ. تەقدىرنىڭ بۇ تۆت دەرىجىسىگە ھېچقانداق بىر مەخلۇق ئارىلىشالمايدۇ ياكى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بالىسى ئىبراھىم ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى قوياش ئۇشتۇمتۇت تۇتۇلۇپ قالىدۇ، بەزى كىشلەر بۇ ھادىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قوياش تۇتۇلۇپ قالدى دېيىشىدۇ، شۇ پەيتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىيالنى ئىنكار قىلىپ:«قوياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنىڭ قاتارىدىن، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقى ياكى تىرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ قالمايدۇ» دېگەن.(بۇخارى بايان قىلغان).

ئاللاھ:«كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر، ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلىگە يېتىپ بارغاندا) خورمېنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش(ياچاق شەكىللىك كېچىك) بولۇپ قالىدۇ. كۈننىڭ ئايغا يېتىشىۋېلىشى(يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى(يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ يۈرىدۇ»دەيدۇ،(سۈرە ياسىن،37-40-ئايەت).

بۇ چوڭ ئاسمان جىسىملىرى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ، ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئىرادىسىگە بويسۇنۇشى ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «يەتتە ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ(يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن)ئۇلارنىڭ مەدھيسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن(بەندىلىرىگە ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»، ( سۈرە تەۋبە، 44- ئايەت).

 

ئىككىنچى: يارىتىلىشىمىز ۋە ھاياتىمىزدىكى بىز ئارىلىشالمايدىغان مەيدان:

 

بۇ ئىنسانلارغا ئالاقىدار بولغان مەيدان بولۇپ، نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن ئىنسان سۈپتىدە يارىتىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن بىرسى ئەر يەنە بىرسى قىز قىلىپ يارىتىلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇردىن، ئۇ ئەرەبتىن يارىتىلدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە، ئۇ باشقا ئورۇندا ۋە باشقا ۋاقىتتا يارىتىلدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ رەڭگى ئاق، يەنە بىرسىنىڭ قارا؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېرەك يەنە بىرسى گالۋاڭ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ قەددى قامىتى ئۇزۇن، ئۇنىڭ پاكار؟ نېمە ئۈچۈن بۇ 100 يىل ئۆمۈر كۆردى، يەنە بىرسى ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتتى، دېگەن ساھەدە ئىنسانلارنىڭ ھېچقانداق ئىرادىسى ياكى ئىختىيارلىقى بولمايدۇ.

بۇ سوئاللارغا ئىلاھى ئىرادە ۋە ئىلاھى تەقدىردىن باشقا جاۋاپ يوق. بۇ مەيداندا ئاللاھنىڭ ئۆزىلا تەقدىر قىلىدۇ، خاسلاشتۇرىدۇ، تاللايدۇ ۋە ئىرادە قىلىدۇ:«ئاللاھ (مەخلۇقاتىدىن) خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، تاللاش ھوقۇقى ئۇلاردا ئەمەس» (سۈرە قەسەس،68-ئايەت).

يەنە:«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر»(سۈرە شۇرا، 44- ئايەت). يەنە:«ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئاساندۇر» (سۈرە فاتىر، 11-ئايەت).

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ ئىشلاردا بىزدە ھېچقانداق ئىختىيارلىق يوق، مەجبۇرى ھالەتتە ماڭىمىز. بۇ ئىشلاردا تەقدىر تۆت دەرىجىسى بىلەن بىرگە ھەمرا بولىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھېچ بىرسىدىن بىز مەسئۇل ئەمەس، دۇنيا- ئاخىرەتتە سوراققا تارتىلمايمىز. زېرەك، دۆت، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، بويىمزنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىمىز ياكى قىسقا مۇددەت ئۆمۈر كۆرىشىمىز، ئاتا- ئانىمىزنىڭ كىم بولىشى ۋە قەيەردە تۇغۇلىشىمىزدىن ھېساب بەرمەيمىز.

بۇ مەسىلىلەردە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولىشىمىز، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئىشلاردا بىزگە بەزىسى كۆرۈنۈپ، يەنە بەزىسى كۆرۈنمەيدىغان ھىكمەت بار دەپ ئىشىنىمىز لازىم. تارىختىكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەقدىرگە توغرا يوسۇندا ئىشىنىپ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلالىغان ۋە مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىجادىيەتلەرنى يارىتالىغان ئىدى.

 

ئۈچىنچى مەيدان: ئىرادىمىزگە بويسۇنىدىغان ئىختىيارى ئىشلىرىمىز:

 

ئىختىيارى ئىشلار مەيدانى مۇباھ ۋە ئىتائەت ئىشلاردىن: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ناماز ئوقۇش، رامىزان تۇتۇش، زاكات بېرىش، ئاللاھنى ئەسلەش؛ گۇناھ ئىشلاردىن: ئوغرىلىق قىلىش، پاھىشە قىلىش، ھاراق ئىچىش، جازانە بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوخشاش ئىنسان ئۆز كۆڭلىدە ئەركىن ئىرادە، ئىختىيارلىق ۋە ئىقتىدارىنى ھېس قىلىدىغان ئىشلار.

دېمەك، ئىنسان ئۆز كۆڭلىدە ئەركىنلىك ۋە ئىختىيارلىقنى ھېس قىلىدىغان مەيدانلار ئىختىيارى مەيدانلار قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەيدانمۇ ناھايىتى كەڭرى.

سىز بۇ ئىختىيارى مەيداندا قانداق ھەرىكەت قىلسىڭىز بولىدۇ، توغرا يولدا ماڭامسىز ياكى خاتا يولدا ماڭامسىز، ئۇ سىزدىكى ئىختىيار.

بۇ مەيدان يۇمىلاق دائىرىگە ئوخشايدۇ، بۇ مەيداندا قانداق قەدەم تاشلىسىڭىز سىز ھۆر. ئىنسانغا بىرىلگەن بۇ ھۆرلۈك مەيدانىدا مەجبۇرلاش دەيدىغان ئىشلار قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ.

ئۆزىمىزدە ئىختىيارلىق ۋە قۇدرەتنى ھېس قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ بىلىشى، ئىلگىرى يېزىپ قويۇشى، ئىرادىسى ۋە ئۆتكۈر قۇدرىتى بىلەن بولامدۇ؟

ئاللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى بىلىدىغانلىقى، ئۇنى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىپ قويغانلىقى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە.

 

(4)

 ئىختىيارلىق بىلەن مەجبۇرلۇق ئارىسىدىكى ئىنسان

 

ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن بولامدۇ؟ ياكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن بولامدۇ؟ ياكى ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئورتاق بولامدۇ؟ ئورتاق بولسا پەرۋەردىگارغا ئالاقىدار تەرىپى قايسى؟ ئىنسانلارغا ئالاقىدار تەرىپى قايسى؟

باشقىچە ئۇقۇم بىلەن ئېيتقاندا:ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئىتائەت ۋە گۇناھ بولۇشىنى ئىرادە قىلامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئاللاھ ياراتتىمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى ئىختىيارلىقى بىلەن ياراتتىمۇ؟.

ئىنسان قىلىۋاتقان ئىشلىرىدا ئىختىيارلىققا ئىگىمۇ ياكى مەجبۇرمۇ؟ دېگەن سوئال توغرىسىدا پەيلاسوپلار ۋە دىنلارنىڭ كۆز قارىشى خىلمۇ-خىل بولماقتا.

بۇ سوئال پەلسەپە ۋە دىن ساھەسىدە ئىنساننى ھەيرانلىققا سالماقتا، ئىزدەنگۈچىلەرنى ئىككىلەندۈرمەكتە، ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنى بۈگۈنگە قەدەر مەشغۇل قىلماقتا.

جاۋاب بەرگۈچىلەرنىڭ بەزىسى:ئىنسان تامامەن ئەركىن، ھەممە ئىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. يەنە بەزىسى:ئىنسان قىلىدىغان ئىشلىرىنى تاللاشقا مەجبۇر دەپ جاۋاپ بەرگەن.  يەنە بەزىسى: ئىنسان ھەر ئىككىلا ساھەدە تۇرۇپ ھايات كەچۈرىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن.

پەلسەپىدىكى بۇ ئىختىلاپنىڭ ساداسى بۇ مەسىلىدە ئىزدەنگەن ئىسلامى ئېقىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئېقىملارنىڭ ئىچىدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر، بىخەستەلىك قىلغانلار ۋە نورمال يول تۇتقانلىرى تېپىلىدۇ.

 

 

ئوتتۇراھال يول تۇتقان ئەھلى سۈننى ئالىملىرىنىڭ كۆز قارىشى

 

ئوتتۇراھال يول تۇتقان«ئەھل سۈننى» ئالىملىرىنىڭ كۆز قارشى تۆۋەندىكىچە:

1.بىز ئەقىل ۋە ھېسسى ئەزالىرىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىمىز. بىز ئىرادە  ۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئىختىيارى ئىشلارنى قىلالايمىز. ئوڭ تەرەپكە ھەرىكەتلەنمەكچى بولساق، بۇ ھەرىكىتىمىز سول تەرەپكە بولۇپ قالمايدۇ، نان يېيىشنى ئىرادە قىلساق تۇپراق يەپ سالمايمىز، مەسچىتكە بارماقچى بولساق ھاراقخانىغا بېرىپ قالمايمىز، بىز پايىدىن چىقىۋاتقان كىشى بىلەن تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكەن كىشىنىڭ ھەرىكىتى ئارىسىدىكى پەرقنى بىلىمىز،  بىرىنچىسى(چىققۇچى)ھەرىكىتىدە ئىختىيارى، ئىككىنچىسى ئىختىيارى ئەمەس.

2.ئاللاھ بىزدە ئىرادە ۋە قۇدرەت دېگەن نەرسىنى ياراتتى، بىز ئۇ ئىككى نەرسە بىلەن ئىشلىرىمىزنى پەيدا قىلالايمىز. بىزدىكى ئىرادە ۋە قۇدرەت بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەسئۇلىيەتكە تارتىلشىمىزنىڭ ئاساسى، مۇكاپات بىلەن جازا مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار.

3.بۇ يۇقىردا دېگىنىمىز، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچى، كائىناتتىكى ھەر بىر  نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن يارىتىلغان دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنساننى، ئىنساندىكى كۈچ-قۇۋۋەت، ماددى ۋە مەنىۋى سۈپەتلەرنى ياراتقۇچى زات. ئىنساندىكى كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ قاتارىدىن: ئىرادە ۋە قۇدرەت، ئىنسان بۇ ئىككى نەرسە بىلەن ئىختىيارى ئىشلىرىنى پەيدا قىلالايدۇ. ئاللاھ بۇ ئىككى نەرسىنى يارىتىشتىكى قانۇنىغا بىنائەن ئىشلارنى پەيدا قىلىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ بەلگىلىدى. تولۇق سەۋەبنى ياراتقۇچى زاتنىڭ سەۋەپ ئارقىلىق قىلىنغان نەتىجىلەرنى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئەگەر ئاللاھ  ئۇ ئىشلارنىڭ پەيدا بولۇشنى خالىمىسا ئىدى، پەيدا قىلغۇچى سەۋەبىنى ياراتمىغان بولاتتى.

 

4.دېمەك، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىنى ياراتقۇچى زات، چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى نەرسىلەرنى ۋاسىتە ۋە سەۋەب ئارقىلىق يارىتىشتۇر. ئاللاھنىڭ ئىنساندا ياراتقان قۇدرەت، ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق بۇ سەۋەبلەرنىڭ قاتارىدىن. شۇنداقلا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئىختىيارى، ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى بىلەن پەيدا قىلغۇچىدۇر.

قۇرئان كىرىمنىڭ بايانى بۇ كۆز قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ:

(1).قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ«ئەمەل قىلىدۇ، ئىبادەت قىلىدۇ، ئىشىنىدۇ، كاپىر بولىدۇ، ئىسلاھ قىلىدۇ، بۇزىدۇ…»دېگەندەك سۆزلىرى ئارقىلىق يۈز نەچچىلىگەن ھۆججەتلىرىدە ئىشلارنى ئىنسانغا نىسبەت بەرگەن.

(2). قۇرئان كىرىم باشتىن تارتىپ ئاخىرغىچە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىش ياكى دۇنيا-ئاخىرەتتە جازاغا ئۇچراش ئىنساننىڭ قىلغان ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ نەتىجىنى سەۋەپكە باغلىغانلىقتۇر:« ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ(جازاسىنى)ئۇلارغا تېتىتتى»(رۇم سۈرىسى، 41- ئايەت).

ئەگەر ئىنسان ئىختىيارى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭدىن مەسئۇل بولمايدىغان بولمىسا، ئاللاھ ئۇنى ھېسابقا تارتمىغان ۋە جازالىمىغان بولاتتى. كىم ئاللاھنى ئىنساننىڭ ئىرادىسى، قۇدرىتى ياكى تەسىرى يوق ئىشلاردا ئازابلايدۇ، دەپ گۇمان قىلسا خاتالاشقان بولىدۇ.

(3).قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ تاللايدىغان ۋە سېلىشتۇرۇپ كۈچلەندۈرىدىغان ئىرادىسى ۋە خاھىشىنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا بىر ئىش قىلالايدىغان ۋە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىراق بۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىرادە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسىدىن ئېلىنغان، بۇ ئىككى نەرسە ئاللاھدىن مۇستەقىل ئەمەس:«(ئى مۇھەممەد!)«بۇ ھەق قۇرئان پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن»دېگىن» (سۈرە كەھف، 29-ئايەت)، «سىلەردىن(جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان كىشى ياكى (دوزاختىن)چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر (سۈرە مۇدەسسىر،37 ئايەت). يەنە:«پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(سۈرە ئىنسان، 30-ئايەت).

دېمەك، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارلىقى بار، بىراق بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە خاھىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىنسان ئەمەللىرىنى خالاپ قىلىدۇ ۋە ئىرادە قىلىپ قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇ ئىنساننىڭ ھۆر ۋە ئىرادە قىلغۇچى بولىشىنى خالىدى. ئىرادە قىلىش ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىدىن كەلگەن نەرسە ئەمەس، ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن پەزىلەت.

شۇنداقلا ئىنساندا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىقتىدار بار، بۇمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن:«ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن(سىلەرنى) كۈچلۈكتىن ئاجىز قىلدى، ۋە(سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى» (سۈرە رۇم، 54-ئايەت).

ئىنسان، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ھۆججىتى تەسۋىرلىگەندەك ھۆر، ئىرادە قىلغۇچى، تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىجابىي ئىقتىدارى بار مەخلۇق. ئىنساننى كىم يارىتىپ، ئۇنىڭغا شۇ ئىقتىدارلارنى كىم ئاتا قىلدى؟ كىم ئۇنىڭغا تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقىلنى، تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىرادىنى ۋە ئىجرا قىلىدىغان كۈچ-قۇۋۋەتنى ئاتا قىلدى؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا ھېچ بىر نەرسىنى بەرمىگەن بولاتتى.

مانا بۇ  ئىنسان توغرىسىدىكى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتى. بەزى كىشلەر خىيال قىلغاندەك، ئىنسان ئۆزى مۇستەقىل بىر ئىش قىلالماي تەسىرلىنىدىغان، تەسىرلىنىپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان سايمان ئەمەس. شۇنداقلا خالىغان نەرسىنى يارىتالايدىغان، ئىرادە قىلغان نەرسىنى مۇتلەق قىلالايدىغان ئىلاھمۇ ئەمەس. ئۇ ھەرىكەتچان ئىجابىي مەخلۇق، ئاللاھ ئۇنى ھۆرمەتلىك قىلدى، ئۇنى زېمىندا خەلىپە قىلدى، ئۇنىڭغا كائىناتتا خوجايىن، زېمىندا خەلىپە بولۇشى، زېمىننى گۈللەندۈرۈشى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن كېتەرلىك كۈچ- قۇۋۋەت ۋە ئىقتىدارلارنى ئاتا قىلدى.

ئاسمان زېمىندىكى ھەر بىر تال زەررە چاغلىق نەرسە ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، ئىنساننىڭ قۇدرىتى يېتىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن قۇدرىتى بىلەن بولىدۇ، ئىنسان تاللىغان ۋە ئىرادە قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرسى ئىچىدە، ئاللاھنىڭ كائىناتتا ئورناتقان ۋە تەسىرىنى چاتقان قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە بولىدۇ.

دېمەك،ئىنسان ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە. ئۇ ئىختىيارلىق، كەسكىن ئىرادە ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە:«خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن»،(سۈرە مۇزەممىل، 19 -ئايەت).

 

(5)

ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگۈچىلەرنىڭ گۇمانلىرى

بىرىنچى گۇمان: ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگۈچىلەر ئىنساندىن يۈز بېرىدىغان ياكى يۈز بەرمەيدىغان ئىشنى ئاللاھنىڭ ئاللىبۇرۇن بىلىشى ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئاللاھ ئۆمەرنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلسە ئۇ شەكسىز ھالەتتە ھاراق ئىچىدۇ. ئۇنىڭ ئىچمەي قېلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، بولمىسا«قەدىمى بىلىش» بىلمەسلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ، دېيىشىدۇ.

بۇ گۇمان بىرقانچە تەرەپتىن ئورۇنسىز:

(1).ئاللاھ ئىشلارنى ئۆز ھالىتى بويىچە بىلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىنساننىڭ بىرەر گۇناھنى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ ئىش ئاللاھنىڭ بىلىشكە قارىتا يۈز بېرىدۇ.

(2).«بىلىش»پەقەتلا ئېچىپ بېرىدىغان سۈپەتتىن ئىبارەت، ئۇ تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىل ئەمەس. تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى. «بىلىش» بولسا مەلۇماتلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى  ئۆز ئەينى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەككە ئوخشاپ كېتىدۇ.

(3).ئەگەر بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ياكى يۈز بەرمەسلىكىنى ئالدىنئالا بىلىش بىر ئىشنىڭ مەجبۇرىي بولۇشىنى تەقەززا قىلىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۆز ئىشلىرىغا مەجبۇرلانغۇچى بولۇپ قالاتتى.چۈنكى ھەر قانداق ئىش ئاللاھغا نىسبەتەن مەلۇم. ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئىختىيارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ھۆججەتلەر ساناقسىز.

«بىلىش» مەسىلىسىنى تۆۋەندىكى مىسالدىن چۈشىنىۋالساق بولىدۇ: ئەگەر بىر مۇئەللىم ئۆزىنىڭ شەخسى خاتىرە دەپتىرىگە ھەر بىر ئوقۇغۇچىسى توغرۇلۇق، ئۆمەر ئەلاچى بولىدۇ، پاتىمە بىرىنچى بولىدۇ، ئوسمان ئىككىنچى بولىدۇ، ئامىنەم  ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قېلىپ قالىدۇ دەپ مۇلاھىزە يېزىپ قويغان بولسا، ئاندىن دەرس يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى مۇئەللىم شەخسى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىپ قويغان دەرىجە بويىچە نەتىجىگە ئېرىشىپ قالسا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىمگە:سىز شەخسى خاتىرە دەپتىرىڭىزگە بىز توغرۇلۇق مۇلاھىزە ياكى نەتجىمىزنى يېزىپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن بىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قېلىپ قالدۇق، دەپ خاپا بولسا توغرا بولارمۇ؟ ئوقۇتقۇچى يېزىپ قويغان بولسا ئۆزى ئۈچۈن يېزىپ قويدى، مۇئەللىمنىڭ يېزىپ قويغىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مۇئەللىم پەقەت بىلىشىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىككىنچى گۇمان:

ئەگەر ئىنساننىڭ ئىختىيارى ئىشلاردا ئىرادىسى بولىدىغان بولسا، بۇ ئىرادىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟

جاۋاپ: ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئىنساننىڭ كۈچ قۇۋۋىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرەت يارىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدۇ.

يۇقىرقى گېپىمىزگە رېئاللىق شاھىد بولالايدۇ. ئىنسان ئىختىيارى ئىشلىرىدا ئۆزىدە ئىرادىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلىشقا نىيەت قىلىدۇ، ئۇ ئىشلارنى دەسلەپتە ئويلايدۇ، نەتىجىسىنى ئەقلى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئاندىن كېيىن قىلىش ياكى قىلماسلىققا ئىرادە باغلايدۇ. ئەگەر قىلىشنى ئىرادە قىلىپ قالسا ئىختىيارى ھالەتتە قەدەم باسىدۇ، قىلىشنى خالىماي قالسا بۇ ئىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بەزىدە ئۆزى قىزىقىۋاتقان بىر ئىش توغرۇلۇق كۆڭلىدە  ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىپ، كۆز قارىشىنى باشقا تەرەپكە بۇرايدۇ.

دېمەك ئىنساندا خۇسۇسىي ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق بار، بىراق ئۇ ئىرادە ۋە ئىختىيارلىق ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن ئېلىنغان. ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن مۇستەقىل ئەمەس. ئىلاھى ئىرادە بىلەن ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئارىسىدا نۇرغۇن پەرق بار:

ئىنساننىڭ ئىرادىسى مەخلۇق، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ياراتقۇچى،

ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئەگەشكۈچى ئىرادە، ئاللاھنىڭ مۇستەقىل ئىرادە،

ئىنساننىڭ چەكلىك ئىرادە، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىرادە،

ئىنساننىڭ كەمتۈك ئىرادە، ئاللاھنىڭ تولۇق ئىرادىدۇر.

ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ئىنساننىڭ چەكلىك قۇدرىتى ۋە نۇقسان تاقىتى دائىرىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئىنسان قانچىلىغان نەرسىنى ئىرادە قىلىدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ، بىراق رېئاللىققا ئاشماي قالىدۇ، قانچىلىغان نەرسىلەر ئىنسان ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە يۈز بېرىدۇ. قانچىلىغان ياخشى كۆرگەن نەرسىلەر ئىرادە قىلمىسىمۇ يۈز بېرىدۇ.

 

(6)

ئىنساننىڭ قۇدرىتى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى

 

ئىنساننىڭ قۇدرىتى ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ ياكى تەسىر كۆرسىتەلمەمدۇ؟

بىز دەيمىزكى: ئىشنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى ئاللاھنىڭ ئىنساندا ئورۇنلاشتۇرغان كۈچ قۇدرىتىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق يارىتىلغان. يەنى بارلىق نەتىجە ۋە مەخلۇقلارنى سەۋەپ ۋە ۋاسىتە ئارقىلىق ياراتقاندەك، ئىنساندىكى كۈچ- قۇدرەت ئاللاھنىڭ ئۇ ئىشنى يارىتىشتىكى سەۋەبى ۋە ۋاستىسى بولىدۇ.

ئىنساننىڭ قۇدرىتىگە تەسىر كۆرسىتىش سۈپىتىنى بەرگەنلىك شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بارلىق سەۋەپلەرنى ئىسپاتلاش شېرىك ھېسابلىنىپ قالىدۇ. مانا ئاللاھ:«ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك-تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز»دەيدۇ، (سۈرە ئەئراف- 57- ئايەت).

ئىنسان ھۆر، ئىرادە قىلغۇچى، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە، پائالىيەتچان مەخلۇق. ئىنسانغا تەپەككۇر قىلالايدىغان ئەقىل، سېلىشتۇرالايدىغان ئىرادە ۋە ئىجرا قىلالايدىغان كۈچ-قۇدرەت بەرگەن زات ياراتقۇچى ئاللاھدۇر. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ ئومۇميۈزلۈك پائالىيەتچانلىقى ئارىسىدىكى ئېتىقادتا زىددىيەت يوق. چۈنكى ئىنساننىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاللاھنىڭ پائالىيەتچانلىقىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت.

«ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق» دەيدىغان خاتا ئەقىدە: كىشىلەردە رېئاللىققا بويسۇنۇش پەلسەپىسىنى تەمسىل قىلىدۇ، مەغلۇب بولۇش روھىنى غىزالاندۇرىدۇ، مەغلۇبىيەتنى ئاقلاپ بېرىدۇ ۋە خورلۇققا تەسلىم بولۇش ئېڭىنى تارقىتىدۇ. بۇ ئەقىدىدىكى كىشلەر ئۆزگىرىشكە ياكى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمايدۇ ياكى قارشى تۇرۇشقا كەسكىن ئىرادە باغلىمايدۇ، ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويىدۇ. ئىنساندا ئىرادە ۋە قۇدرەت بار دەپ قارىغان كىشى ئۆزگەرتىدۇ ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرىدۇ. ئەمما ئۆزىنى تەقدىر شامىلى قوزغالغاندا ئۇچۇپ كېتىدىغان پەي دەپ قارايدىغان كىشىدە بۇزۇقچىلىق ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ياكى خورلۇقنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ئىرادىسى تېپىلمايدۇ.

ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق دېگەن خاتا ئىدىيە بىرەر جەمئىيەتتە تارقىلىپ كەتسە، تەبئىي ھالەتتە ھۆكۈمران كۈچلەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ، خەلقنى سۇسلاشتۇرۇپ بوشاشتۇرۋېتىدۇ. «تەقدىر مۇشۇنداق ئىكەن، تەلىيىمىز مۇشۇنداق ئوخشايدۇ»! دەيدىغان خاتا ئاڭنى تارقىتىدۇ. بۇ خاتا ئىدىيىنى بىلىمسىز موللىلار ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق تەشۋىق قىلىدۇ.

«بىز نېمە ئىش قىلالايتتۇق»دېگەن پەتىۋانى پەيدا قىلىپ ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق، قورقۇنچاقلىق ۋە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش بىلەن كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئارام تاپتۇرىدۇ. بۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئۇنتۇپ قالغانلاردۇر:«سىلەر ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا-قازادىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»،(سۈرە ئەنفال، 25- ئايەت).

بىلىملىك ۋە مەدەنىيەتلىك كىشلەر بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەتكەن«ئىنساندا ئىختىيارلىق يوق، ئىنسان مەجبۇرىي قانۇن ئاستىدا ياشايدۇ»دېگەن خاتا ئەقىدىگە قارشى تۇرۇشى لازىم. بۇ خاتا ئەقىدە ئىنساندىكى ئىجادىيەت ۋە قاراملىق روھىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئىنساندا ناچار شارائىت بىلەن رازى بولۇش ئېڭىنى پەيدا قىلىپ، يۇقىرىغا ئىنتىلىش روھىنى يوقىتىۋېتىدۇ.

ئىنساننىڭ ئەركىن، ھۆر، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە، ئىختىيارلىق ھوقۇقى بار مەسئۇل مەخلۇق ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ شامالدا ئۇچۇپ كېتىدىغان پەي ئەمەسلىكىنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن باشقىسىنىڭ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، مەجبۇرلاشلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلشىمىز لازىم. ئاللاھ قۇرئاندا:«ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دەيدۇ، (سۈرە نەجم، 39-ئايەت).

(داۋامى بار)

 

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى