2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى (2)

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى

 

(7)

تەقدىر ۋە سەۋەب

 

تەقدىرنىڭ مەنىسى: ئاللاھ ھەممە نەرسىلەرنى بىلەتتى، ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئىرادە قىلغان، ئۇنداقتا ئۇ نەرسە ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە ئىرادىسىگە بىنائەن شەكسىز يۈز بېرىدۇ. يەنى ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە شەكسىز يۈز بېرىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە ھېچ بىر نەرسە قارشى تۇرالمايدىغانلىقى ئۈچۈن غايە ۋە نەتىجىگە يەتكۈزىدىغان سەۋەب ۋە ئۇسۇللارنى تاشلىۋېتىش دېگەنلىك بولامدۇ؟

بەزى كىشىلەر:ئەگەر ئاللاھ كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ دوختۇرغا كۆرۈنسۇن ياكى كۆرۈنمىسۇن ياكى دارا يېسۇن ياكى يېمىسۇن چوقۇم ساقىيىدۇ. ئەگەر ئەسكەرلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىنى تەقدىر قىلغان بولسا-تولۇق تەييارلىق قىلمىغان بولسىمۇ-شەكسىز غەلىبە قىلىدۇ، دەپ خىيال قىلىشىدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەر تەقدىرگە ئىشىنىش-نەتىجە بەلگىلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن- سەۋەب قوللىنىشقا زىت كېلىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.

بۇلار تەقدىرنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن يۇقىرىقىدەك خاتالاشقان. بۇلار، ئاللاھ نەتىجىلەرنى سەۋەبسىز ۋە مۇقەددىمىسىز تەقدىر قىلىدۇ، دەپ ئويلىشىدۇ، بۇ ئوچۇق خاتالىقتىن ئىبارەت.

چۈنكى ئاللاھ نەتىجە بىلەن سەۋەبنى، نەتىجە بىلەن مۇقەددىمىنى تەڭ تەقدىر قىلىدۇ. چۈنكى تەقدىر ئالەمدىكى بارلىق پەيدا بولغۇچى نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولىدۇ، ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن ھېچ بىر نەرسە قېچىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى تەقدىر قىلسا، ساقىيىش نەتىجىسىنىڭ ئۆزىنىلا  تەقدىر قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مۇئەييەن دورىلارنى ئىچىشىنى ياكى مۇئەييەن تاماقتىن ساقلىنىشنى ياكى مۇئەييەن بىر خىل ئادەتنى قوللىنىشتىن ئىبارەت سەۋەبىنى تەڭ تەقدىر قىلىدۇ. كېسەل-ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە-سەۋەب ئارقىلىق كېسەلدىن ساقىيىدۇ.

ئەگەر ئاللاھ بىر كېسەلنىڭ ئۆلۈشىنى ياكى ساق كىشىنىڭ كېسەل بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئاللاھ ئىشلارنى سەۋەبلىرى بىلەن بىرلىكتە تەقدىر قىلىدۇ، ھەممىسى(سەۋەب ۋە نەتىجە) تەقدىرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.

نەتىجە ئاللاھنىڭ تەقدىرى، شۇنداقلا سەۋەب قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىردۇر.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەزرىتى ئۆمەر سۈرىيە شەھىرىگە كېتىۋاتقان ئىدى. ئۇ سەپەر جەريانىدا سۈرىيەدە ۋابا كېسىلىنىڭ تارقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن سۈرىيەگە بارماي كەلگەن ساھابىلەر بىلەن قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغان چاغدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ناملىق بىر ساھابە:«ئې مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قاچماقچىمۇ؟» دېگەندە، ھەزرىتى ئۆمەر:«شۇنداق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە قاچىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ۋابا كېسىلى ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن يۈز بەرگەن، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت.

ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا بىر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«ئەگەر سىنىڭ تۆگىلىرىڭ بولۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا مۇنبەت زېمىن بىلەن قۇرغاق قاقاسلىق زېمىن بولسا، تۆگىلەرنى ئوت-چۆپلۈك زېمىندا باقساڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولىسەن، ئەگەر قۇرغاق قاقاسلىق زېمىندا باقساڭمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولمامسەن؟ دېگەندە، ئەبۇ ئۇبەيدە:«شۇنداق»دەپ جاۋاپ بېرىپ قايىل بولغان.

ئاللاھنىڭ تەقدىرى ھەق، ئاللاھنىڭ تەقدىرى شەكسىز ئىجرا بولىدۇ. بىراق ئۇ تەقدىر ئاللاھنىڭ كائىناتتا بېكىتكەن قانۇنىيىتى ۋە ھاياتلىقنىڭ مەسىلىسى توغرا بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ياراتقان سەۋەبلەر ئارقىلىق ئىجرا بولىدۇ. ھايات قانۇنىيەتلىرى بىلەن سەۋەب-چارىلەر ئاللاھنىڭ ئومۇمى تەقدىرىدىن پارچىلانمايدىغان بىر قىسمىدۇر.

 

 

(8)

تەقدىر ۋە ياخشى ئەمەل

 

تەقدىرگە ئىشىنىش ئىتائەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا زىت كېلىدۇ، ئاللاھ ئەزەلدىن بىلگەن ۋە لەۋھۇلمەھپۇزدا بەلگىلەنگەن نەرسە شەكسىز بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئاللاھنىڭ ئىلمى بىلمەسلىك بولۇپ قالىدۇ، دېگەن كۆز قاراش خاتا كۆز قاراشتىن ئىبارەت.

ئەگەر ئەھمەد ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بەختسىز ۋە دوزاخ ئەھلىدىن بولسا، بۇ بەختسىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەخىتلىك بولۇپ، جەننەت ئەھلىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئەگەر ئوسمان بەخىتلىك بولۇپ جەننەت ئەھلىدىن بولسا، ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختسىز بولۇپ، دوزاخ ئەھلىگە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەخىتلىك كىشى ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا بەخىتلىك بولغىنى، بەختسىز كىشى ئاپىسىنىڭ  قورسىقىدا بەختسىز بولغىنى. بەخىتلىك بەختسىز بولۇپ قالمايدۇ. شۇنداقلا بەختسىز كىشى بەخىتلىك بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنداقتا ئەمەل قىلىشنىڭ ۋە ئۆزىنى چارچىتىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، چۈنكى تەقدىردە بەلگىلەنگىنى شەكسىز شۇنداق بولىدۇ، دېيىلمەكتە.

بۇ كۆز قاراش قاتتىق نادانلىق ۋە ئېغىر ئېزىش بىلەن يەكۈنلەنگەن كۆز قاراشتىن ئىبارەت، بۇ كۆز قاراش ئىككى تەرەپتىن خاتا:

بىرىنچىدىن:ئاللاھنىڭ بىلىشى نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئەھۋالغا ئالاقىدار، شۇنداقلا ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى ئۆز پىتى يېزىپ قويىدۇ ۋە تەقدىر قىلىدۇ. چۈنكى بىلىش مەلۇماتقا ماس كېلىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى يېزىپ قويدى ۋە تەقدىر قىلدى، چۈنكى بۇ ئەمەلىيەت. كىم، ئاللاھ نەتىجىلەرنى مۇقەددىمىسىز ۋە سەۋەبسىز تەقدىر قىلىدۇ دەپ ئويلىسا، ئاللاھغا تۆھمەت چاپلىغان بولىدۇ.

ئاللاھ، بىر ئىنساننىڭ ئىمان كەلتۈرۈپ ياخشى ئىش قىلىپ، شۇ سەۋەپلىك بەخىتلىكلەر بىلەن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىنى؛ پالانچىنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ بەختسىزلەر بىلەن دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، پالانچىنىڭ پالانى خېنىم بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بالا يۈزى كۆرىدىغانلىقىنى، پالانچىنىڭ كۆچەت تىكىپ مېۋىسىنى يىغىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىپ قويىدۇ.

كىم: مېنىڭ جەننەت ئەھلى ئىكەنلىكىم تەقدىر قىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەمەل قىلمىساممۇ بەخىتلىك بولۇپ جەننەتكە كىرىمەن دەپ ئويلىسا، ئاللاھنىڭ بىلىشى ۋە تەقدىرىگە زىت بولىدۇ.

ئالايلۇق، ئەگەر بىرسى قوپۇپ، ئەگەر ئاللاھ ماڭا پەرزەنت تەقدىر قىلغان بولسا ئىدى، توي قىلمىساممۇ پەرزەنت يۈزى كۆرىمەن دەپ ئويلىسا، ئۇ نادان ۋە ئەخمەقلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا پەرزەنت تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ پەرزەنتنى سەۋەبى بىلەن بىرگە تەقدىر قىلدى. شۇڭا تەقدىر قىلىنغان پەرزەنتنى، تەقدىر قىلىنغان سەۋەبسىز كۈتكەن ئىنسان ئەخمەق ۋە توغرا يولدىن ئازغان ئىنساندۇر.

ئىككىنچىدىن: بىر نەرسە بىلىنىپ ۋە يېزىلىپ، ھەمدە شۇ نەرسە ھەققىدە خەۋەر بېرىلسە، يېزىپ قويغانلىق شۇ نەرسىنىڭ ئەمەلىي يۈز بېرىشىدە كۇپايە قىلمايدۇ، سەۋەب ۋە ئامىللاردىن بىھاجەت بولۇشنى تەقەززا قىلمايدۇ. چۈنكى بىلىش ھېلىقى مەلۇملۇق بولغان ئىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ئەمەس، بىلىش بىرەر سۈپەتنى قوشۇپ قويمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتىكى نەرسىگە ئەينەن ماس  كەلگەنلىكتىن ئىبارەت.

كېلەچەكتىكى ئىشلارنى بىلىش ۋە ئۇ ھەقتە خەۋەر بېرىش، ئۆتمۈشنى بىلىش ۋە ئۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەنلىكىگە ئوخشاش. چۈنكى بىزنىڭ بىزدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىلىشىمىز ۋە ئۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشىمىز ئاسمان ۋە زېمىندەك بىز پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى پەيدا بولغان نەرسىلەرنى بىلىشىمىزگە ئوخشاش، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى بىلگىنىمىزگە ئوخشاش. بۇ بىلىشنىڭ ھېلىقى مەلۇملۇق نەرسىنى پەيدا قىلىشتا ھېچقانداق تەسىرى يوق.

دېمەك، بەخىتلىك ئىنساننىڭ بەختسىز بولۇپ قالمايدىغانلىقى، بەختسىزنىڭ بەخىتلىك بولۇپ قالمايدىغانلىقى  توغرا سۆز. بىراق ئاللاھ بىر ئادەمنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئاللاھ بەخىتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق بەخىتلىك بولىدۇ. بەختسىز ئادەم ئاللاھ بەختسىزلىكنىڭ ئامىللىرى ۋە سەۋەبلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن بەختسىز بولىدۇ. تەقدىرگە تاينىۋېلىش ۋە تىگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئامىللىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

ھەزرىتى ئەلى ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر جىنازىنى دەپنە قىلىش بىلەن مەشغۇل ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ قېشىمىزدا ئولتۇردى، ئۇ كىچىك بىر تاياقنى يەرگە نوقۇپ تۇرۇپ:«ھەر بىرىڭلارنىڭ جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىردىغىنىڭلار، شۇنداقلا بەخىتلىك ياكى بەختسىز بولۇشۇڭلار تەقدىر قىلىنىپ بولدى»دېدى. شۇ ۋاقتىدا بىر ئادەم قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! تەقدىرگە تەن بېرىپ شۇنىڭدا نېمە يېزىلغان بولسا شۇنى كۆرمەيمىزمۇ؟، ئەمەل قىلىپ نېمە قىلىمىز؟ چۈنكى بىزدىن كىم بەخىتلىك بولسا بەخىتلىك ئادەملەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن، كىم بەختسىز بولسا بەختسىز ئادەملەرنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەن دېدى. رەسۇلۇللاھ:«ئەمما بەخىتلىك كىشلەرگە بەخىتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ، بەختسىز ئادەملەرگە بەختسىز ئادەملەرنىڭ ئەمەللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ» دەپ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «(پۇل مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن)سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا بىز ياخشلىق يولىنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز. بېخىللىق قىلىپ،(ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز»،(سۈرە لەيل- 5،10-ئايەت).

ئىمران بىننى ھۈسەيىن بايان قىلغان بىر ھەدىستە:«ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! جەننەت ئەھلى، دوزاخ ئەھلىدىن بىلىندىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، «ھەئە» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئۇلار:ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاپ بېرىپ:«ھەر بىر ئىنسان يارىتىلغان نەرسە ئۈچۈن مۇيەسسەر قىلىنغان» دېگەن(بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).

دېمەك تەقدىرنىڭ بەلگىلىنىپ بولغانلىقى ئەمەل قىلىشتىن توسمايدۇ ۋە تەقدىرگە تايىنىۋېلىشنى ۋاجىپ قىلمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ تىرىشىشنى ۋە كۆپ خىزمەت قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدۇ. چۈنكى ھېچ بىر مەخلۇق ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىز يارىتىلغنىنى بىلمەيدۇ.

ئىنسان تەقدىر قىلىنغان نەرسىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن سەۋەب ئارقىلىق ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ سەۋەب قىلسا، سەۋەب ئۇنى تەقدىر تەقدىر قىلىنغان نەتىجىگە يەتكۈزىدۇ.

ئىلگىرى يېزىلغىنى:بەخىتلىك ئىنساننىڭ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بەخىتلىك بولىدىغانلىقى، بەختسىز ئىنساننىڭ يامان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن بەختسىز بولىدىغانلىقى يېزىلغان. بىرسى يېزىلىپ، يەنە بىرسى يېزىلماي قالغان ئىش يوق.

بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول تارتىش بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان سەۋەبلەرنىڭ جۈملىسىدىن. يېزىلغان تەقدىر بەختنىڭ ۋە بەختنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئەمەللەرنىڭ يىغىندىسى.

ئەگەر ئىنسان ئىلگىرى يېزىلغان تەقدىرگە تايىنىپ، بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلمىسا، بەختسىز بولۇشنىڭ سەۋەبىدىن ھېسابلىنىدۇ. مۇنداق ئويلاش: يېمەيمەن، ئىچمەيمەن، چۈنكى ئاللاھ ماڭا يېمىسەم ۋە ئىچمىسەممۇ تويۇشنى ۋە ئۇسسۇزلۇققا قېنىشنى تەقدىر قىلدى، دېگەنگە ئوخشاش بىر ئىش.

تەقدىردە يېزىلغىنىغا تايىنىمەن دېگەن ئىنسان ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ياكى بەختسىز دەپ يېزىلغانلىقىنى لەۋھۇلمەھپۇزدىن كۆرۈپتىمۇ ياكى بىلىپتىمۇ؟.

ئىنسانلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ بەخىتلىك بولۇشقا سەۋەبچى بولىدىغان بىر بۆلەك ئىشلارغا بۇيرۇدى، بەخىتسىزلىككە سەۋەبچى بولىدىغان بىر بۆلەك ئىشلاردىن چەكلىدى. بەخت يولىنى ۋە بەخىتسىزلىك يولنى كۆرسىتىپ قويدى، بىراق ھېچ بىر ئىنساننى مۇئەييەن بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىمىدى.

چەكلەنگەن ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ مېنى مۇشۇنداق بەختسىزلەر قاتارىدىن تەقدىر قىلىپ قويۇپتىكەن، دېگەن سۆز ئەقىلغا سىغامدۇ؟. قايسى يولنى تاللاش سىزدىكى ئىختىيار.

 

 (9)

 تەقدىر ۋە رىزىق

 

رىزىق ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا تەقدىر قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىزقى كەڭرى بولغانلىرى، رىزقى تار بولغانلىرى ۋە نورمال بولغانلىرى بار، ھەممىسىگە رىزىق بەرگۈچى ئاللاھدۇر. ئاللاھ ھەر بىر نەرسىگە رىزىق تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىغا كېپىل بولۇپ مۇنداق دەيدۇ:«يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان»،(سۈرە ھۇد- 6- ئايەت).

يەنە:«نۇرغۇن ھايۋانلار  ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ( يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دەيدۇ،(سۈرە ئەنكەبۇت، 60-ئايەت).

كۆپلىگەن ئىنسانلار، رىزىق ئاللاھ تەرەپتىن ئىنسانلارغا تەقسىم قىلىنىپ بەلگىلەنگەن بولىدۇ دېگەن سۆزنى؛ رىزىق ئىزدەپ ھەرىكەت  قىلىشنىڭ پايدىسى يوق، چۈنكى ئاللاھ ھەر كىمنىڭ باي بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىش قىلمىسىمۇ باي بولىدۇ، كىمنىڭ كەمبەغەل بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا- ئۇ ھەر قانچە زېرەك ۋە پائالىيەتچان بولۇپ، كۆپ ئىشلەپ كەتسىمۇ كەمبەغەل بولىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئاللاھ رىزقنى سەۋەبى بىلەن بىرگە بەلگىلىدى، رىزىق تەقدىر قىلىنغاندەك سەۋەبىمۇ تەقدىر قىلىنغان. مەسىلەن؛ ئاللاھ، پالانچىنىڭ ئەقلىنى ۋە زېرەكلىكىنى ئىشقا سېلىپ، تۇرمۇش يولىدا كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا رىزقىنى كەڭرى قىلىپ بېرىدۇ. يەنە بىر ئىنسان ھورۇنلۇق قىلىپ، ئەمگەك قىلماي، تۆۋەن تۇرمۇشقا رازى بولسا ئۇنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ تىجارەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ بەرگەن رىزقىدىن يەڭلار»(سۈرە مۈلىك، 15-ئايەت).

ئايەتنىڭ مەنىسى: كىم تىرىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە رىزىق ئىزدەشكە سەۋەب قىلسا ئاللاھنىڭ رىزقىغا ئېرىشەلەيدۇ. كىم ھورۇنلۇق قىلىپ، رىزقنىڭ سەۋەبىنى قىلمىسا ئاللاھنىڭ رىزقىنى يېيىشكە ھەقلىق بولالمايدۇ.

ئاللاھ جانلىق نەرسىلەرنىڭ رىزقىغا كېپىل بولدى دېگەنلىكىنىڭ مەنىسى، بۇ يەر شارىدىكى جانلىق نەرسىلەرگە قۇرۇقلۇقتا بولسۇن ياكى دېڭىزدا بولسۇن رىزقنىڭ سەۋەب-چارىلىرىنى تەييارلاپ بەردى، دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ زېمىننى ياراتقاندا:«زېمىننى بەركەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى»، (سۈرە فۇسسىلەت، 10-ئايەت).

ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ رىزقىنى زېمىندا بەلگىلەپ بولغان:«شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق  نېمەتلىرى تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلسىلەر»،(سۈرە ئەئراف،10- ئايەت).

ئەمگەك قىلمىسا رىزىققا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، شەرىئەت سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە شەرىئىتىدىكى كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن ئىنساننىڭ رىزقىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئەمەل قىلىشى ۋاجىپ ھېسابلىنىدۇ. كىم رىزىق ۋە مال-دۇنيا تېپىشتىن ھورۇنلۇق قىلىپ سەۋەبىنى قىلمىسا، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتىگە ۋە شەرئى ھۆكۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

يېتەكچىمىز ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ جۈمە نامىزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەسچىتتە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: سىلەر كىم بولىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار:«بىز ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار»دەپ جاۋاپ بەرگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارغا مۇنداق رەددىيە بەرگەن:«سىلەر تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى سۇسلۇق ۋە ھورۇنلۇق قىلغۇچىلار، رىزىق ئىزدەشتىن ھورۇنلۇق قىلماڭلار، ھورۇنلۇق قىلىپ ئەمگەك قىلماي، ئى ئاللاھ رىزىق بەرگىن دېسەڭلار ئاسمان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ياغدۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئاللاھ بەندىلىرىگە بىر بىرىنىڭ سەۋەبى ئارقىلىق رىزىق بېرىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟:«ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ(يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلى(رىزقى)نى ئىزدەڭلار»(سۈرە جۈمە- 10- ئايەت).

«رىزىق دېگەن تەقدىر قىلىنغان، ئەمگەك قىلمىساڭمۇ ساڭا كېلىدىغىنى ھامان كېلىدۇ» دېگەن چۈشەنچە خاتا ئۇقۇمدىن ئىبارەت.

ئىسلام دىنى بىزنى دېھقانچىلىق، سانائەت، ھۈنەر-كەسىپ، سودىگەرلىك، كارخانا ئېچىش ۋە ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىش بىلەن رىزىق ئىزدىشىمىزنى بۇيرۇدى. جان بېقىش ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىش، خىزمەت قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش ئىسلام دىنىدا ئىبادەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر زېرەك بولۇپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كۆپ جاپا چېكىپ، سەۋەب قىلسىمۇ ئاز نەتىجىگە ئېرىشىدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن.

توغرا، بەزى ھۇشيار كىشلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، كۆپ بەدەل تۆلەپ خىزمەت قىلسىمۇ ئازغىنا نەتىجىگە ئېرىشىپ قالىدۇ. بەزى كىشلەر ئاز كۇچ چىقىرىپ، ئاز خىزمەت قىلسىمۇ كۆپ رىزىققا ئېرىشىپ قالىدۇ، بەزى كىشلەرگە رىزىق جاپاسىزمۇ كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:

  1. ۋەزىيەتتە يوچۇق، قانۇن-تۈزۈملەردە ئەگرىلىك ۋە ئەيىب نۇقسان بولۇپ، ئىقتىساد ۋە بايلىقنى تەقسىم قىلىش ئادىل بولماي قالىدۇ. مۇنداق نىزامنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزۈتۈش لازىم.

2.تەبئىي ۋەزىيەتمۇ ئوخشاش بولماي قالىدۇ، مەسىلەن، شارائىتى تولۇق باياشات مۇھىتلاردا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن شارائىتى تولۇق ئەمەس قاقاسلىق مۇھىتلاردا خىزمەت قىلغان ئادەم تەڭ بولالمايدۇ. ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن ئافرىقا ياكى ئاسىيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا خىزمەت قىلغان ئادەم ئوخشاش نەتىجىگە ئىگە بولالمايدۇ.

3.ياكى بۇ يەردە ئىنسان سىرنى بىلمەيدىغان تەقدىر بولىدۇ. كىشلەر ئۇنى بەخت-تەلەي دەپ ئاتىشىدۇ. مۆمىنلەر ئۇنى«تەقدىرنىڭ ھۆكمى» دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن،  بەزى ۋاقىتلاردا قوشنا ئىككى سودىگەرنىڭ بىر خىل باھا بىلەن ئوخشاش تاۋار ياكى مال ساتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، بىرسىنىڭ دۇكىنى خېرىدارلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، يەنە بىرسىگە خېرىدار كىرمەي قالىدۇ.

بەزى ۋاقىتلاردا پۇختا ئىش قىلىدىغان خىزمەتچى ياكى ھۈنەرۋەننىڭ بەخت تەلىيى كەلمەي قالىدۇ، يەنە بىر ئىنسانغا كەلسەك ئۇنىڭدا مۇنداق ئىقتىدار بولمىسىمۇ تەلەيلىك بولىدۇ، ھەر قانداق بىر نەرسە ئېلىپ ساتسا پايدا ئالالايدۇ، چوڭقۇر پىلان تۈزمىسىمۇ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. بەزىدە ئاللاھ بەزى ئىنسانغا مەريەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش جاپا تارتمىسىمۇ ئۆز پەزلىدىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ.

ئاللاھ  قۇرئاندا:«زەكەرىيا ھەر  قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى، ئۇ«ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم«بۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى»دەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە(جاپا مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ»دەيدۇ،(سۈرە ئال ئىمران، 37-ئايەت).

بۇ يەردە تەقدىر قىلغان نەرسىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ تەقسىم قىلىپ بەرگەن نەرسە بىلەن رازى بولۇش ئىنسانغا پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، تەقدىرگە ئىشەنسە كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇپ ئارام تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تەقسىم قىلىپ بەرگەن نەرسىگە رازى بولساڭ، كىشىلەرنىڭ بايراقى بولالايسەن»دېگەنىدى. ھەدىستە بايان قىلىنغان بايلىق«كۆڭۈل بايلىقىدۇر». بىر ھەدىستە:«ھەقىقى بايلىق مال-دۇنيانىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ بايلىقى بىلەن بولىدۇ» (بۇخارى بايان قىلغان) دېيىلگەن.

رىزىقتا ئوخشاش بولماسلىق ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيتىدۇر:«ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن رىزىقتا ئۈستۈن قىلدى»دەيدۇ، (سۈرە نەھل، 71-ئايەت).

شۇنداقلا بەزىدە، رىزىقتا ئوخشاش بولماسلىق كىشىلەرنىڭ بىر بىرسىگە زۇلۇم قىلىش ۋە ئىقتىسادنى ئادىل تەقسىم قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەت. ئادىل تەقسىم قىلىنمىغان نەرسىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇش، ئاللاھنىڭ ئادالىتى ۋە ھېكمىتىگە شەك كەلتۈرۈش توغرا ئەمەس.

ئەقىللىق ئادەم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆپ مال-دۇنياغا ئېرىشەلمەي قالىدۇ، چۈنكى ئۇ مال-دۇنيانى ھالال يولدىن ئىزدەيدۇ، مال دۇنيا تاپسىمۇ بېخىللىق قىلماي ياخشىلىق ئورۇنلارغا ۋە ئىقتىساد تەلەپ قىلىۋاتقان ساھەلەرگە سېخىلىق قىلىپ بېرىدۇ.

نادان ئادەم بولسا قانداق بولىشى، نەدىن كېلىشى ۋە ھالال-ھارامغا قارىماي توپلاۋىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ھىيلە-مىكىر بىلەن قولغا چۈشۈرىدۇ، يامان ئىشلارنى قىلىشتىن قول تارتمايدۇ.

تەقدىرنىڭ ئادالىتى ئارتۇق بېرىش ۋە ئالاھىدە قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، يەنى ئىككى ئادەم بىر خىل ئوخشاش ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوخشاش ئىش ھەق ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ ھەر ئىككى ئادەمنىڭ تېگىشلىك ئەجرىنى بېرىدۇ، ئاندىن كېيىن بىرسىگە ئۆز پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، يەنە بىرسىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ.

بەزىدە ئىككى ئادەم ئوخشاش جىنايەت ئىشلەپ ئوخشاش جازاغا لايىق بولىدۇ. ئاندىن بىرسى ئەپۇ قىلىنىپ، يەنە بىرسى جىنايىتىگە باغلىنىپ قالىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى،ئاللاھ بىر ئىشقا مەجبۇرلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئىختىيارلىقى ۋە ئىرادىسىدە توسالغۇ دەيدىغان نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاللاھ تەرەپكە جەننەتنى ئارزۇ قىلىش ۋە دوزاخ ئازابىدىن قورقۇش بىلەن تەسىرلىنىپ كەلسۇن!

 

(10)

تەقدىر ۋە ئەجەل

 

ئاللاھ رىزىقنى تەقدىر قىلغاندەك ئۆمۈر ۋە ئەجەلنى تەقدىر قىلدى. ئۆمۈر چەكلىك ۋە بەلگىلەگلىك، ئىنساننىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قېشىدىكى بىر كىتابتا خاتىرلەنگەن بولىدۇ. ئەجەل كەلگەندە كېچىكىپ  قالىدىغان ئىش يۈز بەرمەيدۇ:«ئۆلۈم ۋاقتى كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى كېيىن بولمايدۇ» دەيدۇ،(سۈرە ئەئراف، 34-ئايەت).

ئۇھۇد مەرىكىسىدە بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار ئۆلۈپ كەتكەنىدى، مۇناپىقلار پىتنە قوزغاپ، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقماي بىزنىڭ قېشىمىزدا قېلىپ قالغان بولسا ئۆلمەيتتى ھەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېيىشتى. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:«يەنە بىر قىسمىڭلار(يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى،(يەنى كۇپارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھغا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار:«بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟»دەيدۇ. ئېيىتقىنكى، «ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە»، ئۇلار:«ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق»دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى،«ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ(ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ(ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ)»، (سۈرە ئالى ئىمران، 154- ئايەت).

يەنە:«ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھغا ئاسان» دەيدۇ، (سۈرە فاتىر،11- ئايەت).

ئۆمۈر ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئەجەل تەقدىر قىلىنىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئۇ سەۋەبلىرى بىلەن تەقدىر قىلىنىدۇ، سەۋەبلىرىدىن ئايرىم بولمايدۇ.

كىمگە ئەجىلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى تەقدىر قىلىنغان بولسا: ئۇ ئادەمگە ياخشى يېمەك ئىچمەك، ساپ ھاۋانىڭ تولۇق تېپىلىشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشى، مەس قىلىدىغان ياكى ئەقىلنى زەھەرلەيدىغان زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تاماكىغا ئوخشاش بەدەنگە زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىغا ئوخشاش سەۋەبلىرىنىڭ تولۇق تېپىلىشى تەقدىر قىلىنىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئۆمرى بۇ سەۋەبلەر بىلەن ئۇزۇن بولىدۇ، ئەجەل تەقدىر قىلىنغاندەك سەۋەبمۇ تەقدىر قىلىنغان بولىدۇ.

كىمگە ئۆمرىنىڭ قىسقا بولۇشى تەقدىر قىلىنغان بولسا: ئۇ ئادەمگە يېمەك- ئىچمەك، بۇلغانغان ھاۋا، يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ئۇچرايدىغانلىقى، زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىدىغانلىقى، ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەرگە يولۇقىدىغانلىقى، باشقىلارنىڭ قەستەن ياكى خاتا ھالەتتە ئۆلتۈرۋېتىشىگە دۈچ كېلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئىشلار تەقدىر قىلىنغان بولىدۇ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بىلەن ئەجىلى ئاياغلىشىدۇ، بىراق ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ.

تەقدىر مەسىلىلىرىدە سەۋەب بىلەن سەۋەب قىلىنغۇچى ئىشلار (يەنى سەۋەب ۋە نەتىجىلەر) ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ھالەتتە ئايرىلىش يۈز بەرمەيدۇ. بەزى كىشلەر: ئۆلۈم، ھادىسە ۋە كېسەلگە ئوخشاش تەقدىرلەرنى سەۋەبلىرىدىن ئايرىپ خاتا چۈشىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر كىشى:«دورا ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بىر نەرسىنى قايتۇرالامدۇ؟ دەپ سورىغاندا:«ئۇمۇ (يەنى داۋالىنىشمۇ) ئاللاھنىڭ تەقدىرى» دەپ جاۋاپ بەرگەن(تىرمىزى، ئەھمەد ۋە ھاكىم بايان قىلغان).

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

                                   قاھىرە شەھىرى، مىسىر.