2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى (3)

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى

 

(11)

گۇناھ ئىشلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىش

 

بەزى كىشلەر قىلغان خاتالىقلىرى ۋە گۇناھلىرىغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان ياكى ھارام ئىشلارنى قىلغان جىنايىتىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويىدۇ. ئۇلار: مۇشۇنداق بولۇش بىزگە پۈتۈۋېتىلگەن، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئۇنداق قىلمىغان بولاتتۇق، دېيىشىدۇ.

ئىلگىرىمۇ مۇشىرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلغانلىقلىرىنى تەقدىرگە ئارتىپ:«ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان» دەپ باھانە كۆرسەتكەن ئىدى.

قۇرئان كەرىم ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ:«مۇشىركلار؛«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشلەر تاكى ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى.(ئۇلارغا) ئېيىتقىنكى«سۆزۈڭلاردا راستىلىققا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر»دەيدۇ،(سۈرە ئەنئام، 148-ئايەت).

ئىنسان كۆپىنچە ھالدا خاتالىقلىرىنى ئاقلاپ باھانە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. بەزىدە كىچىك خاتالىقلارنى يالغان سۆزلەشتىن ئىبارەت چوڭ خاتالىق بىلەن ھەل قىلماقچى بولىدۇ. بەزىدە بىر ئىنسان بىر ئىشقا بۇيرۇلسا ئېغىرلىق قىلىپ ئۇ ئىشنى ئادا قىلمايدۇ. بەزىدە بىر ئىشلاردىن چەكلەنسە ئۇ ئىشقا ئالدىنىپ كېتىپ  قالىدۇ.

بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا ياخشى ئىشلارغا قارىتا ھورۇنلۇق قىلغانلىقى، يامان ئىشلارغا قارىتا مايىلچانلىقىنى بايان قىلمايدۇ. بەلكى ئەقىلسىزلارچە مېنىڭ قولۇمدىن نېمە ئىش كېلەتتى؟ بۇ ئىشلار مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس، مەندە ئۆزۈر بار دەپ ئىلگىرىكى زامانلاردا مۇشرىكلار باھانە كۆرسەتكەن ئىللەتلەرنى تىل چايناپ بايان قىلىدۇ. مۇشرىكلار ئۆز ۋاقتىدا:«ئۇلار: مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا(پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق»دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى(يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ»دەيدۇ،(سۈرە زۇخرۇف، 20- ئايەت).

ئىنساننىڭ ئاللاھ تەمىنلىگەن كۈچ-قۇۋۋەت، ئوي-تەپەككۇر، ئۇنىڭ تەبئىيىتىدە ياراتقان ئۈستۈنلۈك ياكى تۆۋەنلىككە تەييارلىقنىڭ بارلىقى، ياخشىلىق ياكى يامانلىققا يۈزلىنىش ئەركىنلىكىنى ھېچقانداق بېسىمسىز بەرگەنلىكىنى بىلمەسلىكى، ئىنساننىڭ گەدىنىدىكى مەسئۇلىيەتنى كېمەيتىپ قويمايدۇ.

ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى شەكسىز بىلىدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى بۇرۇن بىلگەنلىكى ئىنسانلارنى ئىلگىرى يېزىلىپ كەتكەن ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئىلمى ئېچىپ بېرىدىغان نۇر، مەجبۇرلايدىغان كۈچ ئەمەس. ئىنسانلار ئۆزلىگىدىن ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

ئالما تېرىغان ئادەم ئىشتىھالىق مېۋىگە ئېرىشىدۇ. تىكەن تېرىغان ئادەم نېمىنى تېرىغان بولسا شۇنىڭغا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ بۇ ئىشلارنىڭ قايسى بىرسىنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ.

كىم ياخشىلىق سەۋەبلىرىگە ئېسىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مەقسەت قىلغان نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ ۋە ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

كىم يامانلىق سەۋەبلىرىگە ئېسىلسا، ئۇنىڭغا مەقسەت قىلغان نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ خاتالىقىدىن يېنىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىدۇ، تەس ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.

ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى، رىزقى، بەخىتلىك بولۇشى ياكى بەختسىز بولۇشىنى تەقدىر قىلغاندا، بۇ ئىشلارنى سەۋەبلىرى بىلەن بىرگە تەقدىر قىلغان.-ئاللاھ خالىغاندىن باشقا-تەقدىر قىلىنغان نەرسىلەر سەۋەبلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. كائىناتتىكى زەررە چاغلىق نەرسىدىن تارتىپ چوڭ جىسىملارغىچە ھەر بىر نەرسە قانۇنىيەت نىزامىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

بۇ ھەقىقەتكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى مۇنۇ ھەدىسى شاھىد بولالايدۇ:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار جەننەت ئەھلىنىڭ (يەنى ياخشى كىشىلەرنىڭ) ئەمىلىنى قىلىپ، جەننەتكە كىرىشكە بىر گەز مىقدارى قالغان چاغدا، ئىلگىرى يېزىلغان كىتاپ(يەنى تەقدىر) ئىلگىرى كېلىپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىپ قالىدۇ. سىلەردىن بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىپ كېتىشكە بىر گەز مىقدارى قالغان چاغدا ئىلگىرى يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى كېلىپ، ئەھلى جەننىتىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ». ھەدىستىكى شاھىد ئورنى سەۋەب نىزامىنى ئىسپاتلاشتۇر. چۈنكى جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، شۇنداقلا دوزاخقا كىرىپ قېلىشنىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ. ئىنسان بەخت-سائادەت ياكى بەخىتسىزلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى قانداق شەكىلدە قىلىدىكەن، ئۇ ئاخىردا تەقدىردە يېزىلغان نەرسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ ياخشى ياكى يامان ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدۇ، ياخشى ياكى يامان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلانمايدۇ.

دېمەك، ئاللاھ كائىناتنى يارىتىشتىن 50مىڭ بۇرۇن، بىر بەندىنىڭ پالانى كۈندە، پالانى چىسلادا، پالانى ئورۇندا  تۇغۇلىدىغانلىقىنى، مىجەز خاراكتېرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئۇ تاللايدىغان ئىلىمنى ۋە ئۇ قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن تاللايدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئىشلارنى شۇ بويىچە يېزىپ قويدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقى ھەدىس شەرىپ ئەمەلنى ئىنسانغا نىسبەت بەردى.

مەزكۇر ھەدىس ئاخىرقى ئەمەللىرى دەسلەپتە تۇتقان يوللىرىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىنسانلارنى سۈپەتلەپ بېرىدۇ، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارىساق مەلۇم بولىدۇ. مەسىلەن: بىر پاسىق ئىنسان ئۆمرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئېتىقادى كېسەل ۋە ئەخلاقى ناچار ياشىغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئازغانلىقىنى ھېس قىلىپ ھىدايەت تېپىپ قالىدۇ.

بەزى ۋاقىتلاردا ياخشى ئىنسان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ كېتىۋېتىپ، دۇنيانىڭ ھەر تۈرلۈك ئالدىشىغا ئەگىشىپ خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ.

ئەگەر بىرسى غەيىبنى كۆرۈپ(ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس) ئاندىن بۇ ئىككى ئىنساننىڭ دەسلەپكى ھاياتىدىكى ئەھۋالى بىلەن ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە پۈتۈۋېتىلگەن ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرگەن بولسا ئەلۋەتتە ھەيران بولغان بولاتتى.

بىراق ئاخىرقى ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىشتا ئىلگىرى پۈتۈۋېتىلگەن تەقدىرنىڭ ھېچقانداق مەجبۇرلاش تەسىرى يوق.

ھەدىستىكى «كىتاپ ئىلگىرى كېلىدۇ» دېگەن سۆز، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ ئىنچىكىلىكى ۋە ھەممىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىدىن باشقا ئۇقۇم بەرمەيدۇ.

شۇ نۇقتىدىن ئەمەل قىلىشتىكى ئەركىنلىكىمىزنى يوققا چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى تەقدىرگە  ئارتىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ.

بىر بۆلەك كىشلەر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەقدىر قىلىۋەتتى، ئاندىن كىشىلەرنى ئۇنى قىلىش ئۈچۈن بويسۇندۇردى. ئىنسانلارنى ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەجبۇرلىدى دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.

مانا بۇ خۇراپات ئەقىدىسىنىڭ ساداسىدىن بەزى نادان سوپى ئىشانلار كۆز ئالدىدا يامان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئىنكار قىلماقتا يوق:«بەندىلەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان نەرسىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلايمىز. ياكى خاتالاشقۇچىلارنىڭ بىرسىگە نەسىھەت قىلسىڭىز: ئاللاھ ئەتە ھىدايەت قىلار…دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

گۇناھ قىلغان ئىنساننىڭ تەقدىرنى باھانە قىلىشى نادانلىق، گۇناھلىرىغا تەقدىرنى باھانە قىلىش ئىككىنچى گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.

 

 

(12)

 

گۇناھلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىشنىڭ خاتالىق تەرەپلىرى

 

گۇناھ  ئىشلارغا تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىش بىر قانچە تەرەپتىن خاتا:

  1. تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسەتكەندە ياخشى كىشلەر بىلەن يامان كىشلەر ئايرىلماي قالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ تەقدىرلىرىنى يېزىپ بولغان. ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلىش بىلەن بەخىتلىككە، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن بەخىتسىزلىككە بۆلەنگەن. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«بىز مۇسۇلمانلارنى كۇپارلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق، سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرسىلەر!»(سۈرە قەلەم،35-ئايەت).

2.ئەگەر ئىشنىڭ بۇرۇن پۈتۈۋېتىلگىنى گۇناھلارغا باھانە بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ ھالاك قىلىپ تاشلىغان ئاد، سەمۇد، فىرئەۋن، قارۇن ۋە لۇت قەۋمىدىن ئىبارەت زالىم مىللەتلەرنىڭ قىلغان زۇلۇملىرىدا ئۆزرە قويۇلغان بولاتتى. ئۇلارغا باھانە بېرىلمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇلار زۇلۇم قىلغان چاغدا ئۇلارنى جازالىدى:«بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»، (سۈرە ھۇد، 151- ئايەت).

3.گۇناھ ئىشلارغا تەقدىرنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىشنى ھېچ بىر ئىنسان قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولۇپ قالسا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان كىشى ئەيىبلەنمەيدۇ، جىنايەتچى جازالانمايدۇ، زالىم ھېسابقا تارتىلمايدۇ، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇلمايدۇ، ناھەق ئىشلارغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بېرىلمايدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇلۇپ ۋە يامان ئىشلار چەكلەنمەيدۇ، بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىدە ھايات بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇنداق بولىدىغان بولسا يامان ئىشلىرىغا تەقدىرنى باھانە كۆرسىتىدىغانلار زۇلۇم ۋە تاجاۋۇز قىلغانلارغا قارشى چىقماي خورلۇققا باش ئېگىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. بىراق ھېچقانداق بىر ئىنسان ناچار ۋە خورلۇق تۇرمۇشقا باش ئېگىشنى خالىمايدۇ، خورلۇققا چىداپ تۇرالمايدۇ. دېمەك قىلغان گۇناھ ۋە خاتا ئىشلىرىغا تەقدىرىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرى ئەقلى ۋە شەرئى جەھەتتىن توغرا ئەمەس.

  1. ئاسىي گۇناھكارنىڭ تەقدىرنى باھانە قىلىشى نادانلىقتۇر. چۈنكى تەقدىرنى باھانە قىلىش جازاغا ئېلىپ بارىدىغان ئىككىنچى جىنايەتتۇر.

بىر ئوغرى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، ئۆمەر ئۇنىڭدىن:نېمە ئۈچۈن ئوغرلىق قىلدىڭ؟دەپ سورىغاندا، ئوغرى:ئاللاھ شۇنى تەقدىر قىلىپتىكەن دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. ئۆمەر:«ئۇنى دەررە بىلەن ئۇرۇپ، قولىنى كېسىڭلار»دەپتۇ. باشقىلار ئۆمەردىن نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىمىز دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى ئۆمەر: «ئوغرلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولى كېسىلىدۇ، ئاللاھغا يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن تاياق يەيدۇ» دېگەنىكەن.

ئىبلىس جەننەتتىن قوغلىنىپ، يوغانچىلىق قىلىپ ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تەقدىر بىلەن سەۋەپ كۆرسىتىپ:«پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم باللىرىغا گۇناھلارنى ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن»، (سۈرە ھىجىر،39-ئايەت)دەپ، ئازدۇرۇشنى ئاللاھغا نىسبەت بەردى. ئۆزىنىڭ ئېزىپ كېتىشىنىڭ كۇپۇرلۇق ۋە يوغانچىلىق قىلغانلىقىنىڭ جازاسى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ قويمىدى. ئەمما ئادەم ئەلەيھىسسالام:«پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز،دېدى»(سۈرە ئەئراف، 2-ئايەت).

ئاللاھ كىمنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئىرادە قىلسا ئۇنىڭغا ئادەم ئەلەيھىسسالام دېگەندەك دېيىشنى ئىلھام قىلىدۇ، ئاللاھ كىمنىڭ بەختسىز بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئىبلىسنىڭ باھانىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

مۇسۇلمان كىشى تەقدىرگە ئىشىنىدۇ، كەمچىللىك قىلغان تەرەپلىرى ھەققىدە تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسەتمەيدۇ. كىم تەقدىرىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن ئۇنىڭ ھۆججىتى جىڭدا ئولتۇرمايدۇ.

گۇناھ قىلىپ سالغاندا تەقدىرنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىغان كىشى، قورۇسىغا ئوت ئۇچقۇنى ئۇچۇپ كەلگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەقىللىق كىشلەر ئۇ ئادەمگە: ئۆيۈڭ كۆيۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوتنىڭ ئۇچقۇننى ئۆچۈرگىن دېسە، ئۇ: بۇ ئۇچقۇن نەدىن كەلدى؟ شامال سۆرەپ كەلدى، بۇ مېنىڭ  ئىشىم ئەمەس، باشقىلارنىڭ ئىشى، مېنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئالاقەم ۋە گۇناھىم يوق دەپ، مۇشۇ باھانىلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇچقۇن ئۇلغىيىپ ئۆينى پۈتۈن كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. گۇناھ ئىشلارنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇپ، دۇئا ۋە تۆۋە بىلەن خاتالىقىنى ئىسلاھ قىلمايدىغان ئىنساننىڭ ھالى مۇشۇنداق بولىدۇ.

 

ئادەم ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا ئۆزىنى مۇداپىئە قىلدى، چۈنكى ئۇ ھەقتە ئىدى، ئۇ مۇسانى يېڭىدى. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ زېمىندا ياشىشى، زېمىندا مەسئۇلىيەتكە تەكلىپ قىلىنىشى ۋە ئۇ يەردە ھەر تۈرلۈك دەرد ئەلەملەرگە ئۇچرىشى، ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئىدى.

مۇسا ئەلەيھىسسالام  ئادەم ئەلەيھىسسالامنى گۇناھ قىلىپ سالغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى، دېگەن كۆز قاراش ئوچۇق خاتالىقتۇر. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا تېپىپ بەرگەن قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا ئۇ خاتالىقنىڭ ئىلگىرى يېزىلىپ كەتكەن تەقدىر بىلەن سادىر بولغانلىقى بىلەن ئۆزرە ئېيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم تۆۋە قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭ تۆۋىسىنى قوبۇل قىلدى.گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلغان ئادەم گۇناھسىز ئىنساندەك بولىدۇ.

گۇناھ ئۆتكۈزۈش تەقدىردە يېزىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بولغان دەپ باھانە كۆرسىتىش توغرا بولىدىغان بولسا، ئادەمنىڭ دۈشمىنى ئىبلىس، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمىنى پىرئەۋن، ئاللاھنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرى تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسەتكەن بولاتتى. ئۇ چاغدا دىن ئاساسىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولاتتى.

مۆمىن ئىنسان قىيىنچىلىق يۈز بەرگەندە تەقدىرگە تايىنىدۇ، تەقدىر بىلەن ھىمايىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ بەخت سائادىتى بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشتىن يېنىش ۋە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنىغا بويسۇنۇش بىلەن قولغا كېلىدۇ.

 

ئۆزرىسى ھەقىقى قۇبۇل قىلىنىدىغان كىشى كىم؟

ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ياكى گۇناھ قىلمىشلىرىنىڭ بۇرۇن تەقدىردە بەلگىلەنگەنلىكى، ئىنسانغا ئۆزرە بايان قىلىش پۇرسىتىنى بېرەلمەيدۇ.

ھەقىقى ئۆزرىلىك ئادەم قىلغان ئەمىلىنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن ياكى ئىرادىسى ۋە قۇدرىتى يەتمىگەن ئىنساندۇر. مەرىپەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدىغان كىچىك بالا، ساراڭ ۋە ئىسلام دەۋىتى يەتمىگەن ئىنسانلاردۇر.   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كىچىك بالا چوڭ بولغۇچە، ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە ۋە ساراڭ ھوشىنى تاپقۇچە بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىدىن مەسئۇلىيەت كۆتۈرلۈپ كەتتى»دېگەنىدى(ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).

شۇنداقلا مەجبۇرلانغان، ئۇنتۇپ قالغان ۋە خاتالىشىپ قالغان ئىنسانغا ئوخشاش قىلمىشلىرىدا ئىرادىسى بولمىغان كىشى ئۆزرىلىك بولىدۇ:«سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا(سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)»،(سۈرە ئەھزاب، 5-ئايەت).

 

(13)

تەقدىرنى مۇداپىئە قىلغىلى بولامدۇ؟

 

بەزى كىشلەر تەقدىرنى مۇداپىئە قىلغىلى بولمايدۇ(يەنى قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار: ئاللاھ كىمنىڭ كەمبەغەل بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا ئۇ كەمبەغەل بولىدۇ، كىمنىڭ باي بولۇشىنى تەقدىر قىلغان بولسا باي بولىدۇ. كىمگە خاتىرجەملىك تەقدىر قىلغان بولسا ئۇ شەكسىز ھالەتتە خاتىرجەم بولىدۇ، كىمگە كېسەل بولۇشنى تەقدىر قىلغان بولسا ئۇ شەكسىز كېسەل بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇلار: دۇئا قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، چۈنكى دۇئا تەقدىر قىلىنغان نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دېيىشىدۇ.

بۇلارغا جاۋابىمىز شۇكى:

ئاللاھنىڭ نېمىنى تەقدىر قىلغىنىنى بىز بىلمەيمىز، ئۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە تەقدىر قىلىنغان نەرسىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكىنى رېئاللىقتا سادىر بولغاندىن كېيىن ئاندىن بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى قانداق بولۇشىنى بىلمەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرى ھېچقانداق نەرسە تەقدىر قىلىنمىغاندەك ھەق سۆز ۋە ياخشى ئەمەللەرگە يۈزلىنىش لازىم. بىز ئاللاھنىڭ نېمىنى تەقدىر قىلغانلىقىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ قانداق ئىشلارغا بۇيرۇپ ۋە نېمىلەرنى چەكلىگەنلىكىگە قارايلى. مانا ماۋۇ بىز قىلالايدىغان ئىش، ئۇ بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئاغا ئېسىلايلى، دۇئا قىلىش شەرىئەت رىغبەتلەندۈرگەن بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىر سەۋەب قىلىپ بەلگىلىدى. شۇنداقلا ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يامانلىق ۋە بەخىتسىزلىكنى مۇداپىئە قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ بەلگىلىدى.   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«تەقدىرنى دۇئادىن باشقىسى توسالمايدۇ، ئۆمۈرنى ياخشلىقتىن باشقىسى ئاشۇرالمايدۇ»دېگەن. تەقدىرنى توسىدۇ، دېگەننىڭ مەنىسى سەۋەبلەر نەتىجىلەرنى توسقاندەك توسىدۇ، دېگەن بولىدۇ. دۇئا زىيانلىق تەقدىرگە قارىشى تۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك سەۋەبنىڭ قاتارىدىن.

ئىنسان ئاللاھ يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا، ئىتائەت ئىشلار بىلەن گۇناھ بولىدىغان ئىشلارغا قارشى تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. ئىنسان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن بۇيرۇلغان تەقدىر بىلەن چەكلەنگەن تەقدىرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ.

قورساق ئېچىش ۋە ئۇسساپ كېتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تەقدىر، بىز بۇ تەقدىرگە تاماق يېيىش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق قارشى تۇرالايمىز. ئۇمۇ تەقدىر، بۇمۇ تەقدىر. دېمەك، سەۋەب ئارقىلىق تەلەپ قىلىنىۋاتقان نەرسە ھاسىل بولىدۇ، سەۋەب قىلمىسىڭىز ئىزدەۋاتقان نەرسىڭىزگە ئېرىشەلمەيسىز.

ئەقىللىق ئىنسان تەقدىرگە تەقدىر بىلەن قارشى تۇرىدۇ ۋە زىيانلىق تەقدىرنى قايتۇرىدۇ. ئىنسان سەۋەبسىز ياشىيالمايدۇ. قورساق ئېچىش، ئۇسسۇزلۇق ۋە قورقۇش تەقدىرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ، ئىنسانلار بۇ تەقدىرگە تاقابىل تۇرالىغىدەك تەقدىر بىلەن قارشى تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئاللاھ مۇۋەپپەقىيەت ۋە ھىدايەتنى ئاتا قىلغان ئىنسان ئاخىرەتنىڭ جازاسىدىن ئىبارەت تەقدىرگە تۆۋە قىلىش، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت تەقدىر بىلەن قارشى تۇرىدۇ.

دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىلاھى بىر، ئۇنىڭ ھېكمىتىمۇ بىر، ھېكمەتنىڭ بەزىسى بەزىسىگە قارشىلىشىپ قالمايدۇ.

 

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

 قاھىرە شەھىرى، مىسىر.