2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى (4)

تەقدىرگە ئىشىنىش نەزىرىيىسى

 

(14)

ھىدايەت بىلەن ئېزىش ئارىسىدىكى ئىنسان

ھىدايەت دەرۋازىسى ھەممە كىشلەر ئۈچۈن ئوچۇق:

ئاللاھ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇشىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئۆز قولىدا بولۇشىنى خالىدى. ئىنساننىڭ نىجاتلىقى ۋە بەختىنى ئىنساننىڭ ھەرىكتى، چىقارغان كۈچى، قەلبىنى پاك تۇتۇشى ۋە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئارزۇسى، ھاۋايى-ھەۋەس ئۈستىدىن ھەقىقەتنى، ئېزىش ئۈستىدىن توغرا يولنى تاللىشىغا مۇناسىۋەتلىك قىلدى:«كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقاننىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ»دەيدۇ،(سۈرە ئىسرا، 15-ئايەت).

«ئەگەر ياخشىلىق قىلساڭلار، ياخشىلىقىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر، يامانلىق قىلساڭلارمۇ ئۆزەڭلار ئۈچۈندۇر»،(سۈرە ئىسرا،7-ئايەت).

«بەلكى ئىنسان ئۆزىگە(يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر، ئۆزىنى ئاقلاش قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ(ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)»،(سۈرە قىيامەت، 14~15-ئايەت).

«ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، كىشىنىڭ قىلغان ياخشلىقى(نىڭ پايدىسى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى(نىڭ جازاسى)مۇ ئۆزىگىدۇر»، (سۈرە بەقەر، 286- ئايەت).

«شۇ كۈندە ئىنسان(ياخشى-يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ. قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ. كىمكى(كۇفىردا، گۇناھتا)چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكنى(ئاخىرەتتىن)ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا(سوراققا تارتىلىشتىن)قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن(يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ»،(سۈرە نازىئات، 35~40-ئايەت).

«(ئى كۇففارلار!) سىلەر نېمىشقا ئاللاھغا ئىمان كەلتۈرمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، پەيغەمبەر سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ»(سۈرە ھەدىد،8-ئايەت).

يۇقىرىقى ئايەتلەردىن ئىنساننىڭ ئىمان ئېيتىش، توغرا يولدا مېڭىشتا  مۇتلەق ئىختىيارلىقى ۋە ئەركىنلىكنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا خاتا يولنى تاللاپ ئېزىپ كەتسە مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

 

ئىككى نېمەت بارلىق بەختنىڭ ئاساسى:

ئاللاھ بەندىلىرىگە بۈيۈك ئىككى نېمەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئىككى نېمەت پۈتۈن بەختنىڭ ئاساسى، بارلىق ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى.

بىرىنچى:ئاللاھ ئىنسانلارنى دەسلەپكى يارىتىلىشىدا ساپ تەبىئەت ئۈستىدە ياراتتى.

ئىككىنچى:ئاللاھ ئىنسانلارنى ئومۇميۈزلۈك ھىدايەت قىلدى، بىرەر مىللەتنى ئايرىپ قويمىدى، كىتاپ چۈشۈرۈپ بەردى، پەيغەمبەر ئەۋەتىپ بەردى ۋە ئۇلار بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى.دەۋەت يەتمىگەن كىشىلەرنى ئازابلىماسلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىمىدۇر:«پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ(ھېچ ئادەمنى)جازالىغىنىمىز يوق»،(سۈرە ئىسرا، 15-ئايەت).

 

(15)

«خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى

 

ئاللاھ قۇرئاندا:«ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ»دەيدۇ،(سۈرە فاتىر،8-ئايەت).

بەزىلەر مۇشۇ ئايەتكە ئېسىلىپ، ئايەتنى مۇلاھىزە قىلمىغانلىقى ۋە ئايەتنىڭ بەزىسىنى يەنە بەزىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قىلغان جىنايەتلىرىنى تەقدىرگە ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا:«شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ، پاسىقلار ئاللاھ  ۋەدە  ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ»دەيدۇ(سۈرە فاتىر،8-ئايەت).دېمەك، بۇ يەردىكى ئازدۇرۇش ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغان پاسىقلار ئۈچۈن بىرىلگەن جازادىن ئىبارەت.

يەنە:«ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»دەيدۇ،(سۈرە سەپ، 5-ئايەت). «(كۇفىردا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پېچەتلەيمىز» دەيدۇ، (سۈرە يۈنۈس،74-ئايەت).

كىشلەر ئىماندىن يۈز ئۆرۈپ ۋە ئاللاھنىڭ پرىنسىپىنى تاشلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا پېچەت بېسىۋېتىش ۋە قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىپ قويۇش بىلەن جازالىدى. بۇ  ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىغا ئۇيغۇن جازادۇر.

ئاللاھ ئازغۇنلىقنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئازغۇنلۇق بىلەن جازالايدۇ. ھىدايەتنى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھىدايەت بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، شۇنداقلا يامانلىققا ئوخشاش يامانلىق بىلەن جازالايدۇ، ياخشىلىققا ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلايدۇ:«ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل(يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى»،(سۈرە بەقەر،10-ئايەت).

يۇقىرىقى ئايەتلەردىن ئازدۇرۇۋېتىش ۋە قەلبىگە پېچەت بېسىۋېتىش: كاپىرلىق، پاسىقلىق ۋە ئاسىيىلىق قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئەمەس، بەلكى شۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى، ئاللاھنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىدىكى قانۇنىغا ئاساسەن جازاسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

ئازدۇرۇۋېتىش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، يەنى بۇ كىشى ھىدايەتنى تاشلاپ، خاتا يولنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇ ئادەمنى مەقسىتىگە يەتكۈزدى:«ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچى،(ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە)كاپىرلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ» دەيدۇ،(سۈرە زۇمەر،3-ئايەت).

ئاللاھ ئاتا قىلغان كۆزنى توغرا ئىشلەتمىگەن، قەلبىنى كۇپۇرلۇق،  يالغانچىلىق، ئىسراپ، شەك، زۇلۇم ۋە پاسىقلىق بىلەن بۇلغىغان كىشى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى تاپالمايدۇ. چۈنكى ئۇ قىلىقى ۋە ئىستىلىنىڭ ناچارلىقى بىلەن ئۆزىگە ھىدايەت يولنى توسۇپ قويدى.

قەلبىگە پېچەت بېسىلىش بىلەن جازالانغان كۇپۇرلۇق ۋە بىرىنچى قېتىملىق گۇناھ قانداق پەيدا بولىدى؟ دېيىلسە:

جاۋاب: ئىنساندىن بىرىنچى قېتىم يۈز بېرىدىغان گۇناھ ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇشى بېرىشى بىلەن ئەمەس،  ئىنسان كۆڭلىنى خالىغانچە  قويىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن پەيدا بولغان. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئىنسان كۆڭلىنى قىزىققان نەرسىلەرگە قويۇۋەتتى، كۆڭلىنىڭ كەينىگە كىردى:«كىمكى ئۆزىگە(مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كىيىن، پەيغەمبەرگە(يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بىرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جاي»،(سۈرە نىسا، 115-ئايەت).

ئاللاھ ھەممە ئىشنى يارىتىپ يەنە نېمە ئۈچۈن جازالايدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن!.

ئاللاھ ھەممە ئىشنى ياراتتى، بىراق سىزنىڭ خاتا يولدا مېڭىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، كىتاپ چۈشۈرۈپ بەردى. پەيغەمبەر سىزگە قىلىدىغان ۋە قىلمايدىغان ئىشلارنى سىزىپ بەردى. بەخىتلىك بولۇشىڭىز ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلدى. سىز قايسى بىر ئىشنى قىلسىڭىز ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن قىلدىڭىز، ئاللاھ سىزنى مەجبۇرلىغىنى يوق. قولىڭىزدىن تۇتۇپ تۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلدۇرمىدى، بەلكى يامان ئىشلاردىن قېچىشىڭىزنى بۇيرۇدى.

ھىدايەت ئىككى خىل مەزمۇندا كېلىدۇ:

1.كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتى   2. ياردەم بېرىش ھىدايىتى.

كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇمىيدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىدىغان ھىدايىتى كۆرسىتىپ قويۇش ھىدايىتىدىن ئىبارەت. ياردەم بېرىش ھىدايىتى ئاللاھغا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پىرىسنىپىغا يۈزلەنگەن كىشىگە بولىدۇ. قىيىنچىلىقلارنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا ياردەم بېرىش مەنىسىدىكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى، ئاللاھغا ئىشەنگەن ۋە ھەق  يولغا ماڭغان كىشىگە بولىدۇ.

ئاللاھغا ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھنىڭ پرىنسىپىغا ئېسىلمايدىغان ۋە ياخشى ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كاپىرلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ.

بەزى كىشلەر: مەن ئۆزۈمگە قارىسام يامان ئىش قىلىپ كېتىپ بېرىپتىمەن، مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ بەختسىز ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىم دەپ قالىدۇ. بىز ئۇنىڭغا دەيمىزكى، سىز بارلىق يامان ئىشلارنى قىلامسىز؟! خالىس ياخشىلىققا ۋە خالىس يامانلىققا تەبئىيلىشىپ كەتكەن ئىنسانلار مەۋجۇد بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىز ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن تاللايدىغان يامان ئىشلارنى يېزىپ قويدى، سىزنىڭ ئۇ ئىشلارنى تاللايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتى، ئاللاھ بىلگەنلىكى ئۈچۈن پەقەتلا يېزىپ قويدى، بىراق ھېچ بىر ئىنساننى يامان ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىغىنى يوق.

 

ئەركىن ئىرادە بىلەن قىلىندىغان ئىشلارغا ئىلاھى بىلىشنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق؟

 ئاللاھنىڭ بىلىشى  ھەر قانداق نەرسىلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:«ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ»دەيدۇ،(سۈرە تاھا، 52-ئايەت).

ئەركىن ئىرادە دېگەن سۆز بىلەن ئەمەللىرىمىز ھەممىنى تولۇق بىلگۈچى ئىلاھى بىلىشنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، دېگەن گەپ قانداق ماسلىشىدۇ؟

جاۋاب:سىز سۈزۈك ئەينەكنىڭ ئالدىدا قاپىقىڭىز تۈرۈك ۋە خاپا ھالەتتە تۇرسىڭىز قانداق كۆرۈنىسىز؟ ئەينەكنىڭ ئالدىدا قاپىقىڭىز تۈرۈك ۋە خاپا ھالەتتە كۆرۈنىدىغانلىقى ئېنىق. ئەينەن كۆرۈنسىڭىز ئەينەكنىڭ گۇناھى بارمۇ؟ ئەينەك پەقەت سۈپەتلەپ بېرەلەيدۇ، ئەگەر كۈلۈپ تۇرغان بولسىڭىز ئەينەك يۈزىدە خۇرسەن ھالەتتە كۆرۈنگەن بولاتتىڭىز.

ئىلاھى ئىلىمنىڭ ئەينىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىشلىرىڭىزنى ئېچىپ ۋە روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئىشلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ھەرىكەتلەندۈرۋەتمەيدۇ. ئۇ ئەمەلگە ئەگىشىدۇ، ئەمەل ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدۇ.

 

ئەمەللەرنىڭ ئىنسان قەلبىگە قارىتا تەسىرى

 

ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەمەللەر ياخشى ياكى يامان بولسۇن ئىنساننىڭ دىلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر ئىنسان نامازنىڭ ۋاقتىغا تولۇق رېئايە قىلىپ، ئىخلاس بىلەن ئادا قىلسا، بۇ ناماز ئىگىسىنىڭ قەلبىگە نۇر، كۆڭلىگە خۇرسەنلىك، بەدىنىگە كۈچ-قۇۋۋەت، ئىرادىسىگە كۈچ، يۈزىگە نۇر ۋە يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈش نەتىجىلىرىنى ئاتا قىلىدۇ.

يامان ئەمەللەرنىڭ ئوخشاشلا تەسىرى ۋە نەتىجىسى بولىدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچىش، پاھىشە قىلىش ۋە جازانىخورلۇق قىلىشنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق، ئەقىل، قەلب، ۋىجدان ۋە ئىرادىدە ئىنساننىڭ دىلى ۋە ئىستىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياخشىلىقنىڭ ساۋابى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ياخشىلىق، يامانلىقنىڭ جازاسى ئۇنىڭدىن كىيىنكى يامانلىق بولىدۇ. ئەمەللەرنىڭ تەسىرى ساۋاب ياكى جازانىڭ بىر قىسمىدۇر.ئاللاھ سەۋەب  ۋە نەتىجىلەرنى ياراتقۇچى، ئۇنىڭغا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەسىرىنى بەرگۈچى، ئىرادىسى ۋە ھېكمىتىگە قارىتا ئۇ ئىشلارنى جارى قىلدۇرغۇچى زات.

مەسىلەن، ئىنسان تاماق يېگەندە تاماق يېگەنلىكى ئۈچۈن تويىدۇ، ئاللاھ تويۇشنى تاماق يېيىشكە چېتىپ قويدى. ئەگەر ئاللاھ تويماسلىقنى خالىغان بولسا تاماق يېيىش مەۋجۇد بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ خالىغىنى بويىچە بولاتتى. ئەگەر تاماقسىز تويۇشنى ئىرادە قىلغان بولسىمۇ شۇنداق قىلالايتتى، ھېچقانداق بىر نەرسە توسالغۇ بولالمايتتى، بىراق ئاللاھ نەتىجىنى سەۋەبكە باغلىدى…

دېمەك، تاماق يېيىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولدى، تاماقتىن كېيىن تويۇش ئىشىدا ئىنسان ھەرگىز ئارىلىشالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تاماق يەپ، تويۇپ بولغاندىن كىيىن تويۇشنى توسماقچى بولسا قادىر بولالايدۇ.

ئىنسان قىلغان ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بولىدۇ. سەۋەب قىلىپ بولۇپ ئەمەلدىن كېلىدىغان تەسىرىنى توسماقچى بولسا قادىر بولالمايدۇ.

دېمەك، بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە پىچەتنىڭ بېسىلىشى ياكى ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن قارىغۇ بولۇشى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئىختىيارى ئىستىلىنىڭ تەقەززاسىدۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى.

چىرايلىق ۋە گۈزەل قىزنىڭ ئەخلاقسىز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان كىشىنىڭ ئەھۋالى دەسلەپتە ئۆز ئىختىيارى ۋە ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، ئالاقە كۈچەيگەنسېرى مەجبۇرلىنىدۇ، ئاخىرىدا جازا ۋە بالاغا يولۇقىدۇ.

 

 (16)

تەقدىرنىڭ سىرى

 تەقدىر مەسىلىسىدە«ھارام دەيدىغان بىر دائىرە» بار، ئەقىللىق كىشلەر بۇ مەيدانغا كىرمەسلىكى ۋە ئۇ ئەتراپتا چۆگلىمەسلىكى لازىم. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ خاس قىلغان نەرسىلىرى، خالىغان نەرسىنى تاللىشى، دەرد-ئەلەم ۋە بالانى تەقدىر قىلىشىدىكى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە ئالاقىدار دائىرىدىن ئىبارەت.

بۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بەردى؟ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بەرمىدى؟ نېمە ئۈچۈن بىر تۈرلۈك كىشىلەرنى ھىدايەت قىلدى؟ ئەگەر خالىغان بولسا بارلىق ئىنسانىيەتنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ گۇناھ ئىشلارنى قىلىشىنى خالىدى؟ نېمە ئۈچۈن زالىم، نادان ۋە كاپىر ئىنساننى ياراتتى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى پەرىشتە سۈپەت ياراتمىدى؟دېگەنگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە ئالاقىدار ئىشلار.

بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارغا ھەر قانداق چەكلىمىدىن خالى بولغان مۇتلەق ئىلاھى ئىرادىگە تەسلىم بولماقتىن باشقا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ يوق. بىز ئىلاھى ھېكمەتنىڭ ئازغىنا بىر قىسمىنىلا  بىلەلەيمىز، كۆپلىگەن تەرەپلىرىنى بىلمەيمىز. ئۇ ھېكمەتلەرنى بىلمىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

ئەقىللىق ئىنسان ئاللاھنىڭ ھەر بىر نەرسىنى بىلىدىغانلىقى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقى، رەھمىتىنىڭ ھەممە نەرسىدىن كەڭرى ئىكەنلىكى، ھەممە نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلسە كۇپايە. ئاللاھنىڭ تەقدىرىدە ساقلانغان سىر ۋە ئاللاھدىن باشقىلار بىلمەيدىغان ئىلىمنىڭ بارلىقىنى بىلىشى يېتەرلىك دەلىلدۇر.

ئاللاھ ئۇ ھېكمەتنىڭ سىرلىرىنى بىزگە كۆيۈنۈپ بىزدىن يوشۇردى. سىرىنى بىلەلمىگەن ئىشلاردا ھېكمەتكە ئىشەنسەڭ يېتەرلىكتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار بىر نەرسىنى ئەھمىيەتسىز ياراتمايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئىشلىرىدىن سورالمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىشلىرى ھېكمەتتىن خالى ئەمەس.

ئەگەر ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋاقتىنى بىلىپ قالسا قانچىلىك ئازاب ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرەر ھە!.

تەقدىرنىڭ يۇقىرىقى ساھەلىرىدە ئىزدىنىشتىن چەكلەندۇق، چۈنكى ھەر قانچە قىلساقمۇ ھەقىقى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز، ئەقىل سەۋىيىمىزنىڭ كۈچى ئۇ ئىشلارغا يەتمەيدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ«تەقدىر بايان قىلىنسا، ئىزدەنمەڭلار»(تەبرانى بايان قىلغان) دېگەن سۆزى مانا مۇشۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك.

بۇ سۆزىمىز ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئىختىيارىيمۇ ياكى مەجبۇرىيمۇ؟ دېگەن ساھەدە ئىزدىنىشكە زىت كەلمەيدۇ.

تەقدىر مەسىلىسىدە ئاڭ ۋە چۈشەنچە توغرا بولمىسا، ئىزدىنىشتىن قېچىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.

 

 (17)

تەقدىرگە ئىشىنىڭ مىۋىسى

 

تەقدىرگە ئىشىنىشىنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەقلى، پىسخىكىسى، ۋىجدانى، ئىرادىسى، پەرۋەردىگارى، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئومۇمى ئىسلام ھاياتىدا بەرىكەتلىك مىۋىسى ۋە ياخشى تەسىرى بار. تەقدىرگە ئىشىنىش مۇسۇلماننىڭ خۇسۇسىي ۋە ئومۇمى ئىستىلىدا، شۇنداقلا قانداق بىر شارائىتتا بولمىسۇن ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ. ئەقىللىق ئىنسانلار بۇنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.

تەقدىرگە ئىشىنىشىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەسىرلىرى:

1.خەتەر ۋە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا كۈچلۈك بولۇش:

ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە شەكسىز بولىدۇ، بىر ئىنسان ئەجىلى كېلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بىر ئىنسان ئۆمرىنى ئۇزارتىش ياكى قىسقارتىشقا قادىر بولالمايدۇ. تەقدىرگە ئىشەنگەن ئىنسان ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، چۈنكى ئۆلۈم تەقدىر قىلىنغان بولسا ئۆيىدە بولسىمۇ ئۆلىدۇ، تەقدىر قىلىنمىغان بولسا ئۇرۇشتىمۇ ئۆلمەيدۇ. ئەجەل بەلگىلەنگەن، رىزىق بۆلۈنگەن ۋە ھەممە ئىشلار ئاللاھنىڭ قولىدا دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان دىنىنى قوغداشتا قانداقمۇ ئۆلۈمدىن قورقسۇن؟

مۆمىن ئىنسان ئۆمرىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يېزىلغان كىتابتا ساناقلىق كۈن ۋە بەلگىلەكلىك تىنىقتىن ئىبارەت. مۇسۇلمانلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى بۇنىڭ جانلىق پاكىتى. تەقدىرگە ئىشەنگەن ئىنسان باتۇر، قەيسەر ۋە قەھرىمان بولىدۇ، شىر-يولۋاسلار قەدەم تاشلىيالمايدىغان ساھەلەردە خاتىرجەم قەدەم باسالايدۇ.

  1. زالىملارغا قارشى تۇرۇشتا مۇستەھكەم تۇرۇش:

تەقدىرگە ئىشەنگەن ئىنسان ناھەقچىلىك، زۇلۇم ئىشلارغا قارشى تۇرۇش ۋە يامان ئىشلارنى چەكلەشتە مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىدىغان پىرئەۋىنلەردىن ۋە زالىملاردىن قورقمايدۇ. ئىنسانلار سىنىڭ ئۆمرىڭنى قىسقارتىشقا قادىر بولالمىغىنىدەك، رىزقىڭدىن بىر پارچە ئېلىۋېلىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار زالىملارغا قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئۇلار ھەر قانچە كۈچلۈك بولىسىمۇ باش ئەگمىدى.

مەسىلەن، زالىم ھەججاج سەئىد ئىبنى جۇبەيرىگە ئۆلۈم جازاسى بىلەن تەھدىت سالغاندا، ئۇ«ئەگەر ئۆلۈم ۋە ھاياتلىق سىنىڭ قولۇڭدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، سەندىن باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغان بولاتتىم» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

  1. بالا-قازا چۈشكەندە سەۋر قىلىش:

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ يەنە بىر مىۋىسى، بالا-مۇسىبەت چۈشكەندە سەۋر قىلىشتۇر. تەقدىرگە ئىشەنگەن كىشىنى قورقۇنچ، سەۋرسىزلىك ۋە تاقەتسىزلىك باسمايدۇ، بەلكى ئۇ مۇسىبەتلەرنى قەلبىدە ئورناپ كەتكەن تاغدەك ئىرادە بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.

مۇسىبەت يۈز بەرگەندە تەقدىرگە ئىشىنىش مۇستەھكەملىك ئاتا قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇ كەلگەن مۇسىبەتنىڭ ئۆزى يارىتىلىشتىن بۇرۇن تەقدىر قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولدىن كەتكەن نەرسىگە غەم-قايغۇ قىلمايدۇ، كەلگەن نەرسىگە خۇرسەنلىك بىلەن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، بەلكى مۇستەھكەم ۋە تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۆمىن كىشىنى ماختاپ:«مۆمىننىڭ ئىشىغا ھەيرانمەن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى، بۇ ئالاھىدىلىك پەقەت مۆمىن ئۈچۈن خاس. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك كەلسە ئاللاھغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان كېلىپ قالسا سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى»دېگەنىدى(مۇسلىم بايان قىلغان). بۇ يەردىكى  مۆمىندىن مەقسەت ھەر قايسى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان مۆمىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

 

  1. ئاللاھ تەقسىم قىلغان نەرسە بىلەن رازى بولۇش:

تەقدىرگە ئىشىنىشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرسى:ئاللاھ تەقسىم قىلغان نەرسە بىلەن رازى بولۇش، ئاللاھ رىزىق ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن قانائەتلىنىشتۇر. بۇ مۆمىننىڭ كۆڭلىدە ۋە ھاياتىدا ياخشى نەتىجە بېرىدۇ:

بىرىنچىسى: كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدۇر: چۈنكى كىشىلەرنىڭ قاتارىدا بىر ئويمان ئالتۇن بېرىلسە يەنە ئىككىنچىسى بولسا بولاتتى، دەيدىغانلار بار. ھەقىقى بايلىق كۆڭۈلنىڭ بايلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تەقسىم قىلىپ بەرگەن نەرسە بىلەن رازى بولساڭ، كىشىلەرنىڭ بايراقى بولالايسەن»دېگەنىدى(ئەھمەد ۋە تىرمىزى بايان قىلغان).

ئىككىنچىسى: رىزىق ئىزدەشتە توغرا يول ئىزدەش. مۆمىن كىشى رىزىق ئىزدەيدۇ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن جاپا چېكىدۇ، بىراق نورمال يول بىلەن رىزىق ئىزدەيدۇ.

ئۈچىنچى:ئۆزىنىڭ قول ئىلكىدە بولمىغان نەرسىلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. كۈچىنىڭ يېتىشىچە سەۋەب قىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىنى ئارزۇ قىلىپ ياشىمايدۇ.

  1. ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشتا ئىززەت-شەرىپىنى يوقاتماسلىق:

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ يەنە بىر مېۋىسى، مۆمىن كىشى ھاجىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىززەت-شەرىپىنى قوغدايدۇ، ئۆزىنى خار قىلىپ قويمايدۇ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ ۋە مەخلۇققا بېلىنى ئەگمەيدۇ.

ئىززىتىنى ساقلاش مۆمىننىڭ شەرىپى، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىش توغرا بولمايدۇ.

6.كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇش:

تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى مۆمىننىڭ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلىشى ۋە قەلب راھىتىگە ئېرىشىشىدىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلغان خاتىرجەملىكنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تەقدىر قىلغان بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىدۇ.

ئاللاھ  كۆڭۈل خۇرسەنلىكىنى رازى بولۇش ۋە ئىشىنىش ئاساسىدا بەلگىلىدى. غەم ۋە قايغۇنى رەنجىش ۋە شەك قىلىشقا ئالاقىدار قىلدى.

پىسخولوگىيە ۋە تەربىيە ئالىملىرى ئىنساننىڭ تۈنۈگۈنكى دەرد-ئەلەمنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى، بۈگۈنكى رېئاللىق ئىچىدە ياشىشىنى نەسىھەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۆتمۈش قايتا ئەسلىگە كەلمەيدۇ.

دىل كارنېگى«قايغۇرماي باتۇرلارچە ياشاڭ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە:«ئۇننى قايتا تارتىش،توپان(قوقان)نى قايتا يېرىش پايدا قىلمىغاندەك، ئۆتمۈشكە قايغۇرۇش ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. قايغۇرۇش: يۈزىڭىزگە بۇرۇن قورۇق پەيدا قىلىدۇ ياكى ئاشقازاندا جاراھەت پەيدا قىلىدۇ»دېگەنىكەن.

ئاللاھنىڭ تەقدىرى شەكسىز ئىجرا بولىدىغان تۇرسا نېمىگە رەنجىمەك، نېمىگە ئىچى سىقىلماق ۋە شۇملانماق؟. مۆمىننىڭ شوئارى دائىم:«ئاللاھ نېمىنى تەقدىر قىلغان بولسا شۇ بولىدۇ» دېيىشتىن ئىبارەت.

 

7.خىزمەت ۋە ھەرىكەتكە يۈزلىنىش:

مۇسۇلمان كىشى تەقدىرگە ئىشىنىش ئارقىلىق كۆڭلىدە ۋە ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، يۈرەك راھىتى، ئۆتمۈشكە ھەسرەتلىنىشتىن، ھازىرقى رېئاللىققا تاقەتسىزلىك قىلىشتىن، كېلەچەكتىن ئىككىلىنىشتىن سالامەتلىكنى ھېس قىلغاندىن كېيىن؛  قەلبىنى تازىلاش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئالەمنى توغرا يولغا يېتەكلەشتە ئىجابىي يۆلۈنۈشكە، ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇشقا ۋە نەتىجىلىك خىزمەتكە يۈزلەنمەكتىن باشقا يولنى تاپالمايدۇ.

كۈچلۈك مۇسۇلماننىڭ مەسىلىسى مۇشۇنداق بولىدۇ، بۇيرۇلغان ئىشلارغا بويسۇنۇش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن قول تارتىش ۋە تەقدىر بىلەن رازى بولۇش مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ئاللاھغا بەك سۆيۈملۈكتۇر، ھەر بىرسىدە ياخشىلىق بار. ساڭا پايدىلىق ئىشلارغا ھېرىس بولغىن، ئاجىز كېلىپ قالدىم دېمەي، ئاللاھدىن مەدەت تىلەپ ئالغا قەدەم باسقىن، ئەگەر مەن مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولىدىكەن دەپ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرمىغىن. سەن:ئاللاھ نېمىنى تەقدىر قىلسا شۇ بولىدۇ، دېگىن» دېگەنىدى (مۇسلىم بايان قىلغان).

ئاجىز مۇسۇلمان تەقدىر بىلەن باھانە كۆرسىتىدۇ، كۈچلۈك مۆمىن كىشى ئاللاھنىڭ تەقدىرى مەغلۇپ بولمايدۇ، ھۆكمى  قايتۇرۇلمايدۇ! دەپ ئىشىنىدۇ.

ئىسلام ئازادلىق دەۋرىدە ئىران قوماندانلىرىدىن بىرى ساھابىلەرنىڭ بىرسىدىن: سىلەر كىم بولىسىلەر؟دەپ سورىغاندا، ساھابە:«بىز ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ بىزنى سىلەر بىلەن سىنىدى، سىلەرنى بىز بىلەن سىنىدى. ئەگەر سىلەر ئاسماندىكى بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بولساڭلارمۇ، بىز ئەلۋەتتە چىققان بولاتتۇق ياكى سىلەر بىزگە چۈشكەن بولاتتىڭلار»دەپ جاۋاپ بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ ئاجىزلىقنى ئەيىبلەيدۇ، ھۇشيار، چېچەن بولغىن، ئەگەر ساڭا بىر ئىش غەلىبە قىلىپ كەتسە«ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ئىگە» دېگىن، دېگەنىدى(ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).

قىيىنچىلىق يۈز بەرسە ياكى بالا-قازا كەلسە ھەسرەتلەنمىگىن، ئىجابىيلىق بىلەن كېلەچەككە يۈزلەنگىن، ئەمەل قىلغىن، تىرىشقىن، ئەقىل يۈرگۈزگىن، پارلاق ھايات ئۈچۈن چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلىغىن!

 

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

                                   قاھىرە شەھىرى، مىسىر.